其他

ئەتراپىمىزدىكى خەۋەرلەر

2017-06-21 阿克苏市零距离维文版

بۆگۈنكى خەۋەرلەر مۇندەرىجسى


1.ئوتتىن مۇداپىيە بىلىملىرى لىكسىيەسى دېھقانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭنى كۈچەيتتى

2.دېھقان قىزى خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە ماھارىتىنى نامايان قىلدى

3.قىزىل مىڭئۆيى ساياھەتنىڭ ئالتۇن پەسلىنى كۈتۈۋالدى 

4.قىسقا خەۋەر

5.قىسقا خەۋەر

6.باي ناھىيەسىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلدى

7.باي ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سۇلۇق مەنزىرە رايۇنى شۇ جايدىكى ئەڭ قايناق جايغا ئايلاندى


خەۋەرلەرنىڭ تەپسىلاتىنى  تۆۋەندىن كۆرۈڭ




ئوتتىن مۇداپىيە بىلىملىرى لىكسىيەسى دېھقانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭنى كۈچەيتتى


6 – ئاي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات تەربىيە ئېيى. بۇ ئايدا  تىمپىراتۇرا يۇقىرى، ھاۋا ئىسىق بولغاچقا، بىر يىل ئىچىدىكى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدىغان، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلدىغان بىر ئاي.

20-ئىيۇن، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بەشتۇگمەن يېزا سايغان مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئۈچ ئەل » خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى، كەنت ئاھالىرىگە ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق – تەربىيە ئېلىپ بىرىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ساۋاتلىرىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ،  يۇشۇرۇن خەۋىپنىڭ يۇز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇش مەقسىتىدە، جېڭ ئەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات مەركىزىدىكى تەشۋىقاتچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، كەنىتتىكى دېھقانلارغا  « ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرى » توغرىسىدا بىر مەيدان  لېكسىيە سۆزلەپ بېرشىكە ئورۇنلاشتۇردى.

كەنىتتىكى 610 دىن ئارتۇق دېھقانلار قاتناشقان بۇ قېتىمقى لىكسىيەدە، تەشۋىقاتچى خادىملار نۆۋەتتىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جامائەت سورۇنى، ئەتراپىمىزدا، ئائىللەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش توغرىسىدىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۇشىنشلىك، ئاممىباب تىللار بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈردى. بۇ لېكسىيە ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئاساسىي ئەمەلىي ماھارىتىنى ئىگىلەپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئېڭى كۈچەيتىلدى.


ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بەشتۇگمەن يېزا سايغان مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىن  ئابلاجان خالىق خەۋىرى


دېھقان قىزى خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە ماھارىتىنى نامايان قىلدى


   ئۇيغۇرلارنىڭ پالاس توقۇش ھۈنىرىنىڭ 4-ئەۋلاد ۋارىسى ماھىرە راخمان 2017-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك چېڭدۇ خەلقئارا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى بايرىمىغا قاتنىشىپ، نەق مەيداندا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە 16 دۆلەتتىن كەلگەن دوستلارغا ئۆزىنىڭ پالاس توقۇش ماھارىتىنى نامايان قىلدى.

  ماھىرە راخمان باي ناھىيەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى پەرىدەم تۇردىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاپىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پالاس توقۇش ھۈنىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن 4-ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەندەك ئاددىي بىر دېھقان قىزىنىڭ خەلقئارالىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئالىي شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، مەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى  ۋە چەتئەللەردىن ئەكەلگەن غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىپىك ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ نەزەر دائىرەم يەنىمۇ كېڭەيدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز ئالاھىدىلىكىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن».

  بۇ پائالىيەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئورتاق تەشكىللىگەن.


باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: قەھرىمان روزى خەۋىرى

1

قىزىل مىڭئۆيى ساياھەتنىڭ ئالتۇن پەسلىنى كۈتۈۋالدى    


  ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى بولۇشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ساياھەت، مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىل دەم ئېلىش شارائىتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

  باي ناھىيەسىدىكى ساياھەت قىلىدىغان مەشھۇر-ئاسار ئەتىقىلەر، كۈسەن مەدەنىيىتى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. قىزىل مىڭئۆيى چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيانىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، چوڭ-كىچىك 236 تاشكېمىردىن تەركىب تاپقان، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان، چوڭ تىپتىكى تاشكېمىر. بۇنىڭدىن 80 نەچچە تاشكېمىر ئىچىدىكى تام سىزمىلىرى مۇكەممەل ساقلانغان، تام سىزمىلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 10مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

قەشقەرلىك ليۇ شيۇفېڭ دوستلىرىدىن قىزىل مىڭئۆيىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپىنى ئاڭلاپ، جياڭ جياجيېدىن كەلگەن قۇدىسىنى باشلاپ، قىزىل مىڭئۆيىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.

  ساياھەتچى ليۇ شيۇفېڭ مۇنداق دېدى:  «شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، مېنىڭ بۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم كېلىشىم، چۈنكى مەن دوستۇمدىن قىزىل مىڭئۆيىنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلاپ، كۆرۈپ كېلىش ئىستىكىدە، قۇدىمىزنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى كۆرۈپ، قەدىمكىلەرنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق».

  ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لياۋ سۇڭمىن مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ياخشى جاي ئىكەن، بۇنى كۆرگەن ۋاقىتتا بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدىكەن، پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن».

  مەنزىرە رايونى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئايدىكى ئىسسىق پەسىلدە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن، بۇ يىلقى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.


سۈرەتتە: قىزىل مىڭئۆيى ئىچىگە كىرىۋاتقان ساياھەتچىلەر

سۈرەتتە: قىزىل مىڭئۆيى تاشكېمىرىنى ساياھەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر

 باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: قەھرىمان روزى  خەۋىرى

2

قىسقا خەۋەر


  يېقىندا، باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە «تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، تاماكا چەكمەيدىغان يېڭى ئەۋلاد بولايلى» دېگەن تېمىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  پائالىيەتتە، باي ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش مەركىزىدىن كەلگەن خىزمەتچى خادىملار ئوقۇغۇچىلارغا تاماكىنىڭ تەركىبى ۋە تەن ساغلاملىققا بولغان خەۋپ-خەتىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا ۋە ئۇنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھەمدە تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇردى.

  پائالىيەتتە يەنە، «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» تېمىسىدا ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە ««تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇپ، تاماكا چەكمەيدىغان يېڭى ئەۋلاد بولايلى» باش تېمىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى نىياز مۇنداق دېدى: «تاماكا چېكىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىر نەچچە تەرەپتىن زىيىنى بار: بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا زور ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىمىز».

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: قەھرىمان روزى خەۋىرى

3

قىسقا خەۋەر



باي ناھىيەسىدە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتتى.

 يەرنى ياخشى تېرىپ، ئاشلىق سېتىپ بېرىش ــ دېھقانلارنىڭ شەرەپلىك خىزمىتى. يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش پەيتىدە، باي ناھىيەسى  بۇغداي تېرىقچىلىق چوڭ ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسكىلاتلارنى بوشىتىش ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى، ھەمدە ئىسكىلاتلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىشىگە تولۇق شارائىت ھازىرلىدى.

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: قەھرىمان روزى خەۋىرى

4

باي ناھىيەسىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلدى

2017-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ ج خ،  سەھىيە، مەدەنىيەت، قاتناش-تىرانسپورت، توك-ئېلېكتىر، سۇغۇرتا، ئوت ئۆچۈرۈش، ئورمانچىلىق قاتارلىق كۆپ تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى باي ناھىيەلىك كۇتۇپخانا ئالدىدىكى مەيداندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، تىنچ-ئامان ياشاش ئاساسىي مەزمۇنىدا تەشۋىقات نۇقتىسى قۇرۇپ، تەشۋىقات تاختىسى چىقىرىش، لوزۇنكا ئېسىش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، نەقمەيداندا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە يەنە باي ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تېببىي خادىملىرى ئاممىنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈرۈپ، ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بەردى. ج خ، قاتناش تارماقلىرى بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش بىلىملىرىنى ئاممىغا يەتكۈزدى. ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىدىكى تەشۋىقات خادىملىرى ئۆت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى توغرا ئىشلىتىپ ئوت ئۆچۈرۈش، ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش بىلىمىلىرىنى چۈشەندۈردى.

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن: قەھرىمان روزى خەۋىرى

5

باي ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سۇلۇق مەنزىرە رايۇنى شۇ جايدىكى ئەڭ قايناق جايغا ئايلاندى

ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەن، باي ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە  جايلاشقان سۇلۇق مەنزىرە رايۇنى  شۇ جايدىكى ئەڭ قايناق جايغا ئايلىنىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە ھەر مىللەت ئاھالىلىرى باي ناھىيەسىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىغا بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشى بىلەن، باي ناھىيە بازىردىكى سۇلۇق مەنزىرە رايۇنى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ قايناق ۋاقىتنى كۈتۈۋالىدۇ. خې يەن بىلەن جاۋ لەنخۇا باي ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچى بولۇپ، ھەر كۈنى كەچلىك تاماق يەپ بولۇپلا شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىغا بېرىپ، باشقا ئاچا-سىڭىللار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينايدۇ،ئاندىن سۇلۇق مەنزىرە رايۇنىدا دەم ئالىدۇ. ئۇلار مۇنداق دىيىشتى: بىز بەك خوشال، كەيپىياتىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى، بىز بۇ جايدا ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرىمىز ھەم گۈزەل مەنزىرىدىن ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنىمىز.
باي ناھىيەسى بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇئەسسەسەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ناھىيە بازىرىنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىغا تارقالغان باغچا مەيدانلىرىنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا، گۈلنىسا جېلىل ئۇسسۇلنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ يېزىدىن بازارغا كەلگەن ئاتا- ئانىسىنى ئېلىپ، ئالاھىدە مەيدانغا بېرىپ، مەيدان ئۇسسۇلى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىنىڭ ئۆيۈم مەيداننىڭ يېنىدىلا. ھەر بازار كۈنى كۆپچىلىك بۇ جايغا كىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ بۇ جاي بەك ياخشى.
مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بالىلار خوشال- خورام ئويناۋاتقانىدى. بىر ئازدىن كىيىن، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان جاڭ شياۋۋېي بىلەن نەن ۋېنجېڭنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: بىز غالتەكلىك ئاياغ كىيىپ ئۇياق- بۇياققا پىقىراپ يۈرۈپ ئوينايمىز. مۇشۇنداق بولسا ھەممىمىز خوشال بولىمىز، كۆڭلىمىزمۇ ئېچىلىپ قالىدىكەن.


باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن: قۇربان مولنىياز خەۋىر

سالون ئىشلىگۈچى: رەناگۈل تۇرغۇن

مەسئۇل مۇھەررىر: مەخمۇتجان مەمەت

باش مۇھەررىر: ئابدۇسەمەت قاسىم

ئېلخەت ئادىرسى: aksu2008@163.com

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存