查看原文
其他

مەڭگۈلۈك رەسسام غازى ئەھمەتنىڭ ھاياتى

LUTUN baxkariz 2023-05-07

غازى ئەھمەت ھەققىدە 

شىنجاڭ خەلقى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن شانلىق مەدەنىيەت ۋە ئېسىل ئەنئەنە يارىتىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىسلەتلىك بۇ زېمىندا سان-ساناقسىز ئەزىمەت-پالىۋانلارنى، ۋەتەنگە ياراملىق ئوغلانلارنى، تۆھپىكار كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، چۈنكى بىزدە : ”قەھرىماننى خەلق يارىتىدۇ“ دەيدىغان گەپ بار. شۇنداق، ئۆزىنىڭ مىننەتسىز تۆھپىسى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەرقايسى ساھەلەردە جان-پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئەنە شۇ ئىجاتكارلار بىز ئۈچۈن قەھىرمانلاردۇر. غازى ئەھمەت بىزگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بۇ سۆيۈملۈك كىشى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بىزنى ھەسرەت-نادامەتتە قالدۇرۇپ، 84 يېشىدا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈككە ۋىدالاشتى. ئەمما ئۇنىڭ بىزگە ئالدۇرغان مول ئىجادىيەتلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايمىز.




哈孜·艾买提,1935年8月出生于新疆喀什市的宗教知名人士家庭。1954年毕业于喀什师范,1957年毕业于新疆学院(现新疆大学)艺术系,并留校任教。现任第九届全国人大代表、中国文联委员、中国美术家协会顾问、新疆文史馆名誉馆长,中国维吾尔历史文化研究会和中国油画学会常务理事等职。第九届全国美展总评委、水彩水粉画展区评委会主任。1988年被评为国家级有突出贡献的优委专家。

主要业绩

长期在艺术学院任教,担任系主任院长。主要作品有《罪恶的审判》(1964)被中国美术馆收藏,1982年在巴黎春季沙龙展出,《麻合穆德?喀什噶里》(1981)获全国少数民族美展一等奖,北京民族文化宫收藏,《木卡姆》(1984)第六届全国美展获银奖,中国美术馆收藏,1987年在莫斯科展出,《地毯?维吾尔人》(1987)参加第一届全国油画展赴日本参加中国当代油画展并被日本作家协会收藏,《乐迷》1988年参加首届全国油画精品大赛获银奖被日本千代田俱乐部收藏,《刀郎魂》(1999)参加第九届全国美展。

近年来在中国画人物画方面也独树一帜,创作了大量的中国画人物画,在各类报刊发表,并被国内外各界人士收藏。国画《牛背刁羊图》(1999)陈列在天安门城楼。创作了《唱不尽的心声》、《万方乐奏有于阗》、《葡萄架下》、《麦西来甫》、《纳孜尔库姆》等大量反映能歌善舞的维吾尔人风俗人情的中国画作品。他的国画得到了社会和评论家的高度评价,并在全国各地多次发表评论文章。对阿拉伯文、维吾尔文书法,壁画创作、装饰图案及维吾尔传统建筑艺术有较深研究。1992年任北京人民大会常新疆厅装饰总设计,设计并指导制作大型壁毯《天山颂》,1997年设计并指导制作的壁毯《天山欢歌》被新疆维吾尔自治区人民政府作为向香港特别行政区的赠礼。出版有《哈孜?艾买提画集》和《哈孜?艾买提油画作品选》。曾赴原东德、保加利亚、独联体诸国及法国、德国、英国、意大利、土耳其、伊朗等国进行考察交流,并于1994年在巴黎、安卡拉、伊斯坦布尔,1998年在伊朗德黑兰等城市举办个人画展。



غازى ئەھمەد يېڭى جۇڭگودا يېتىشىپ چىققان 1-ئەۋلاد شىنجاڭلىق رەسسام، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ قولىدىكى رەسساملىق قەلىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئەنئەنىسى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ رەڭدار تۇرمۇشىنى دۇنياغا نامايان قىلدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە ياخشى ۋەزىيەتنى جانلىق تەسۋىرلەپ، جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى


مەشھۇر ماي بوياق رەسىمى « ھەۋەسكەرلىرى » نىڭ تونۇشتۇرۇلىشى 

 جۇڭگو ماي بوياق رەسىم تۇنجى نۆۋەتلىك نادىر تاللاش مۇسابىقىسى  كۆرگەزمىسىدە، 1990-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو جېجياڭ گۈزەل - سەنئەت ئىنىستىتوتىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 



« ساما» ناملىق ماي بوياق رەسىمى


 ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› توغرىسىدا نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ ، پەقەت غازى ئەھمەدنىڭ ‹‹ مۇقام ›› ناملىق رەسىمىلا مۇقامنىڭ ماھىيىتىگە ھەم ئوبرازىغا ئەڭ يېقىنلاشقانىدى . چۈنكى :  ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ››  ئوتلۇق ھېسسىيات بىلەن تويۇنغان . ئۇنىڭ يالقۇنى ئاتەشلىك قۇم – دېڭىزنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل رەڭگىگە كىرگۈزۈپ قويغان . ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ››  ھەسرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان . ئۇنىڭ تارام – تارام ھاياجان ياشلىرى قاغجىراق زېمىننى ياشارتىپ ، چاڭقاق قەلىبلەرنى سۇغارغان .  ‹‹ ئون ئىككى مۇقام › مۇڭ بىلەن قوپۇرۇلغان . ئۇنىڭ ‹‹ چوڭ نەغمە ›› سىدىكى ساتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيى مۇقامغا ئۆڭمەس رەڭ ، ئۆكسىمەس قان ئاتا قىلغان . 


 ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ››  ئەسلىمىلەردىن توقۇلغان . ئۇنىڭ ‹‹ داستان ›› قىسمىدا جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان ئوتلۇق ناخشا – قوشاقلار ھەم يۈرەكلەرنىڭ بېغىشىغا ئورناپ كەتكەن ئاجايىپ ئىشقى – مۇھەببەت قىسسىلىرى پارلاپ تۇرىدۇ .  ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ››  مەۋجۇتلۇق گۈلخانلىرىدا تاۋلانغان . ئۇنىڭ ‹‹ مەشرەپ ›› بۆلىكىدىكى شادلىق بايرىمىدا جىمىكى ئادەم باراۋەر سالاھىيەتتە سورۇنغا چۈشۈپ ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ . ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› زېمىندىن ئۆرنەك ئالغان . ئۇنىڭ ھەجمى ، قۇرۇلمىسى ، ئۇدار خۇسۇسىيتى ھەم مېلودىيە ئالاھىدلىكى قۇملۇق گەۋدسىگە ، ئېگىز – پەس بارخانلارغا ، چىغىر يول ھەم ئويناق سۇغا تەقلىد قىلىنغان . ‹‹ ئون ئىككى مۇقام › يۈكسەكلىككە سىمۋول قىلىنغان . ئەسىرلەر مابەينىدە ، بوستانلىق خەلقلىرى ئۆزىدىكى يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش خاھىشىنى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ زور مۇزىكا قامۇسىدا مەركەزلىك ئىپادىلەپ كەلگەن .


   ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› ىنى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى ، ئۇنىڭدىكى رەڭ تۈسىگە قارىغاندا ئاۋاز – سادا بەكرەك ئابىستىراكىتلىشپ كەتكەن . ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› نى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تېماتىك مەزمۇن ، روھىيەت تەسۋىرلىرى ھەم ئۇنىڭغا سىغدالغان مۇزىكىلىق رەڭ ، مەنىۋى ئوبرازلار ھەر قانداق زور ھەجىملىك رەسىمدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن . ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› نى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ قىيىنكى ، ئۇ كۆپ خىللىق ، زىدىيەت ۋە مۇرەككەپلىك بىلەن تولغان . ئۇ ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ بىرلىكى . ئۇ قەلب بىلەن يوشۇرۇن ئاڭدىن پارتلىغان روھىي غەليان . ئۇ مەۋجۇدلۇق ھەم يوقلۇق . ئۇ شادىمان ھەم مىسكىن . ئۇ ھەم قېرى ، ھەم ياش . ئۇ ھەم نەپىس ، لىرىك ، ھەم ساددا ، ياۋايى . ئۇ ھەم تىزگىنلىك ، ھەم ساياق . ئۇ ھەم ھېكايە ، ھەم شېئىر .... قىسقىسى ، ئۇ ئۈگە – مۇسكۇللىرى ناھايىتى مۇستەھكەم كەلگەن غايەت زور گەۋدە !


   ‹‹ مۇقام ›› ناملىق ماي بوياق رەسىم غازى ئەھمەدنىڭ بەدىئىي تاۋلىشىدىن ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە مۇقامچىنىڭ ئوبرازىدىن پۈتكەن ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ھەر خىل ، قىياپەتلىرىمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ . بىرلىرى ئېتىزلىقتىن ئۇدۇللا كەلگەندەك ، بىرلىرى ھېلىلا ئاشپۇزۇلدىن چىققاندەك ، بىرلىرى ئۈچەيدەك تار كوچىلاردىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەلگەندەك ، يەنە بىرلىرى تۆمۈرچىخانىدىكى ھۈنىرىنى تاشلاپ ئۇدۇللا كەلگەندەك ، يەنە بىرلىرى قومۇشلۇق ئارىسىدا قىيسىيىپ تۇرغان كەنت مەكتىپىدىن .... ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاچ – ساقاللىرى تۇچتەك ئاقارغان بوۋايلارمۇ ، چىرايى مىستەك قارايغان دېھقان ياشلىرىمۇ ، بوي – بەستى قاملاشقان كاسىپ يىگىتلەرمۇ بار . بۇ رەسىمگە سىنچىلاپ قارىغان ھەر قانداق ئادەم ھەر بىر ئوبرازنىڭ بىردىن چالغۇ ئەسۋابقا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئورا كۆزلىرىدىن مۇقام كۈيلىرىنىڭ ئېيتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ .


   ئاتا مىراس گۆھەرنى قۇچاقلاپ تۇرغان بۇ سەنئەت مۇرىتلىرى ، بوستانلىق ۋادىدىكى بۇ بەختلىك ئەبلەخلەر ، مۇزىكا ئېقىنىدا گاھ لەيلەپ ، گاھ چۆكۈپ يۈرۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ ‹‹ ئاشىق ››لار گۈزەل كۈينى ئېلىپ چۈشۈشكە جۈرئەت قىلغان بۇ قەھرىمانلار...مۇستەھكەم سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ ، بوستانلىق ۋادىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشىنى بايان قىلماقتا . ئەسەردە سىياقىدىن تەمكىنلىك ، مەردانىلىك ، قىزىقچىلىق ، مەيۈسلۈك ، مىسكىنلىك ئالامەتلىرى يېغىپ تۇرىدىغان ھەر خىل ئوبرازلىق بۇ سەنئەت پىدائىيلىرىنىڭ چالغۇ تۇتقان قوللىرى خۇددى ئۇستاز رەسسامنىڭ پەلكۈش تۇتقان قولىدەكلا چېۋەر ھەم ماھارەتلىك ، قەلبىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدەكلا ساپ ھەم پاكىز يارىتىلغان .

مەنبە : لوتۇن سالونى


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存