查看原文
其他

زوراخان، چولپانخان: جۇڭگو ۋالىبولچىلىقىدىكى تۆھپىكار قوشماقلار

baxkariz 2023-05-07

مەزموننى ناخشا ئاڭلىغاچ ئوقۇڭ



جۇڭگو ۋالىبول ساھەسىدىكى تۆھپىكار ئاچا -

سىڭىللار-زوراخان رەجەپ،چولپانخان رەجەپ 


شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە «ئاياللار ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى» دېگەن يۈكسەك نامنى ئالغان ئىككى ئايال بار. ئۇلار ئىدىقۇت تېغىنىڭ باغرىدىكى ھارارەتلىك زېمىن تۇرپاندا تۇغۇلغان. كۆڭلى پاختىدەك ئاق ھەم يۇمشاق، تۈز سۆزلۈك ۋە پاكىز ئەقىدىلىك كىشىلەر ئارىسىدا چوڭ بولغان، ئىدىقۇت تېغى باغرىدىكى قەدىمىي يۇرت ئاستانىنىڭ بەرىكەتلىك تۇپرىقىدا بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن، ئىدىقۇتنىڭ ئاتەش ھارارىتىدە تاۋلانغان، ئاستانە خەلقىنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان، قەيسەر خاراكتېرى ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېۋە بەرگەن. ئۇلار تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسىنىڭ تۆۋەن مەھەللىسىدە تۇغۇلغان ئاچا-سىڭىلار زوراخان رەجەپ ۋە چولپانخان رەجەپلەردۇر. ھازىر دەم ئېلىشقا چىققان بۇ ئىككى ئانىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسى تەسىرلىك كارتىنىلار بىلەن تولغان.

(ئاچىسى زوراخان رەجەپ 1942- يىلى دىكابىردا 

تۇرپان ئاستانىدە تۇغۇلغان )

( سىڭلىسى چولپانخان رەجەپ 1946-يىلى ئاۋغۇستا تۇرپان ئاستانىدە تۇغۇلغان )

  ئاچىسى زوراخان رەجەپ (سولدا)، سىڭلىسى چولپانخان رەجەپ (ئوڭدا) 


ھايات يولى

تاسادىپىي بىر قېتىملىق ۋەقە بىلەن بىر كىشىنىڭ ھايات يولىدا ئۆزگىرىش بولۇپ ئويلاپ باقمىغان تەقدىر-قىسمەتلەرگە يولۇقىدۇ. زوراخان رەجەپ ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى چولپانخان رەجەپنىڭ ھايات يولىمۇ مانا مۇشۇنداق بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە بىلەن ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئەگەر شۇ قېتىملىق تاسادىپىيلىق بولمىغان بولسا ، ئۇلارمۇ مەھەللىدىكى باشقا ئاياللارغا ئوخشاش بىر خىل ھايات يولىدا كېتىۋەرگەن بولاتتى. ئەنە شۇ ئىش  ئۇلارنىڭ شىنجاڭ « ئاياللار ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى»  بولۇشىغا،   شىنجاڭنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسىدە يۇلتۇز بولۇپ چاقنىشىغا ئاساس سالغان. ئەنە شۇ ئىش ......

ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن زوراخان رەجەپ 1959- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. قەددىنى رۇسلىغىلى ئۇزۇن بولمىغان ھەممە يەردە يېڭىدىن قۇرۇش چوقانى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاشۇ پەيتلەردە  مەخسۇس تەنھەرىكەتچى مۇنتىزىم مەشىق دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟  زوراخان بويىنىڭ ئېگىزلىكى پۇت قولنىڭ چاققانلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تاللاندى. زوراخان شۇ چاغدا بۇ قېتىمقى تاللىنىشنىڭ مەملىكىتىمىز جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز ئاياللار ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ۋە كۆرسەتكەن ماھارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مۇسابىقىنى تاماملاپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن زوراخانغا ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى چاقىرىق ئەۋەتتى. كىچىككىنە بىر پارچە چاقىرىق قەغىزى ئۆينى پاتپاراق قىلىۋەتتى، چوڭ-كىچىك ، ئۇلۇغ-ئۇششاق بىر مەھەللىدە، بىر ھويلىدا ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بۇ بۇئىشقا قوشۇلمىدى، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن قىزىنى يىراق بىر شەھەرگە ئۇزىتىپ قويۇش ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىدى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا  ئىشلەيدىغان ئىككى ئاكىسى ئاتا-ئانىسىغا چۈشەندۈردى، نەسىھەت قىلدى، زوراخاننىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ھەققىدە گۈزەل بىشارەتلەرنى بەردى،  زوراخاننىڭ ئالاھىدىلىكى، ئارزۇسى ھەققىدە تالاي گەپلەرنى قىلدى، ئاقىۋەتتە ئاتىنىڭ ئىرادىسى يۇمشىدى، ئانىنىڭ كۆڭلى ئېرىدى. زوراخان يىغا-زارە ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ تىلىكىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئاتلاندى ......


بېيجىڭدىكى كۈنلەر

دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن زوراخان 1960-يىلى 8-ئايدا دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا تاللاندى. ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك مەشىق كۈنلىرى شۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن مەشىق قىلدى. تىل قىيىنچىلىقى ۋە تۇرمۇشتىكى باشقا قولايسىزلىقلار قەيسەر قىزنى بويسۇندۇرالمىدى، يۈكسەك غايىگە ئىنتىلىش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرالمىدى، ھەر بىر قىيىنچىلىق ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى ئالدىدا كۇكۇم-تالقان بولدى. 1961-يىلى ۋېيتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو، چاۋشەن، موڭغۇلىيە، ۋېيتنام تۆت دۆلەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە زوراخان ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولۇشىغا تۆھپە قوشتى. 


پايتەختتىكى ۋىسال شادلىقى

 زوراخاننىڭ قەيسەر ئىرادىسى، مۇسابىقە مەيدانىدىكى سەگەك كاللىسى، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان چاققان ھەرىكىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا  تاكامۇللاشقان  ماھارىتى ئەينى چاغدىكى كوماندا ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى، تېرىنېرلار ئۇنىڭ يۇرتىنى، ئائىلىسىنى، ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى سۈرۈشتۈردى.  سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئايان بولدىكى، ئۇنىڭ بوي-تۇرقى زوراخاندىن پەرقلەنمەيدىغان،  ئىش ھەرىكىتى زوراخاندىن قېلىشمايدىغان تۆت ياش كىچىك چولپانخان ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىكەن. تېرىنېرلار باش قوشۇپ مەسلىھەتلىشىش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلىش، رەھبەرلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سىڭلىسى چولپانخاننىمۇ بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىپ، ۋالىبول تەنھەرىكىتىگە كۈچ تولۇقلاش قارار قىلىندى. ئەپسۇس بۇ قارار چولپاننىڭ ئاتا-ئانىسىغا يەتكۈزۈلگەندە بىرىنچى بولۇپ ئانا پەرياد كۆتۈردى، ئانا قانداقلا بولمىسۇن بالىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، ھېچكىمنىڭ گېپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، يەنە بىر قىزىنىمۇ يىراقلارغا ئۇزىتىپ قويۇش ئۇنىڭغا چەكسىز ئېغىر بىلىنمەكتە ئىدى. نەسىھەتلەر، چۈشەندۈرۈشلەر زوراخانغا ھەمراھ بولسۇن دېگەن باھانىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىدى ، قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋالىبول كوماندا ئەزالىرىنى دائىم يۆتكەپ تۇرۇشنى، يېڭى قان تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە توپ تۈرى، چولپاندەك بويى ئېگىز، پۇت-قولى چاققان، كاللىسى سەگەك قىزلار ئىنتايىن مۇھىم، ئاخىرىدا تەشكىل ئانىنى چولپان بىلەن بىللە بېيجىڭغا بېرىشقا كۆندۈردى. مەقسەت بېيجىڭدا بىر ئامال قىلىپ، ئانىنى قايىل قىلىش ئىدى.

   ئانا تۇنجى قېتىم پويىزغا چىققاندا زادى قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟ بۇ بىزگە قاراڭغۇ، ئەمما ئەينى چاغدا بۇ يېزىدا تۆت كېچە-كۈندۈز يول يۈرگەن ئانا يولدا تالاي قېتىم يىغىلدى. ئانا يۇرتىدىن بارغانسېرى يىراقلاۋاتقان چاغدىكى قىيالماسلىق ھېسياتى بىلەن يول ئازابى قوشۇلۇپ ئۇلارنى بەكمۇ قىينىدى، ئۇلار بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىشىپ ئاخىرى بېيجىڭغا يېتىپ باردى. زوراخان ئاپىسى بىلەن سىڭلىسىنى كۆرۈپ پەۋقۇلئاددە خوشاللىققا چۆمدى. ئۇزاق جۇدالىقتىن كېيىنكى دىدار ھاياجانلىرى قانلارنى ئۆركەشلەتتى، قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، ئانا ۋە ئاچا-سىڭىل خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشتى، ئانا ئىككى قىزىغا، قىزلار بىر-بىرىگە ھەم ئاپىسىغا قانمايتتى. ھاياجانغا تولغان ۋىسال دەملىرى باشلاندى. ئانا قىزىنىڭ يول باشلىشى بىلەن پايتەخت كوچىلىرىنى كۆردى، بازارلىرىنى ئايلاندى، باغچىلىرىغا كىردى. ئانا ئىككى قىزى بىلەن بولۇپ بىر ئاينىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدى. بۇ بىر ئايدا ئانا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندى، زوراخاننىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئىككىنچى قىزى چولپانخاننىڭمۇ ۋالىبولچى بولۇشىغا قوشۇلۇپ، يۇرتى تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقتى. 

چولپان كۆرگەن كۈنلەر

چولپانخان بېيجىڭ ياشلار كوماندىسىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇ ئاچىسىنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېيجىڭدىكى تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدى. تېرىنېرلارنىڭ يېتەكلىشىدە تېزلا مەشىققە كىرىشىپ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭدا ۋالىبولغا كۈچلۈك مۇھەببەت بىخلاندى. قاتتىق مەشىق ئۇنىڭغا خوشاللىق بېغىشلايدىغان بولدى، ئەمما ئۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ئىككىلا قىزىنى يىراق شەھەرگە ئۇزىتىپ قويغان ئانا چىدىماي قالدى، قىزى يوق كۈنلەر ئۇنىڭغا چەكسىز ئېغىر بىلىندى. يۇقىرى-تۆۋەن ھال ئېيتىپ يۈرۈپ، بىر يىل ئۆتكەندە چولپانخاننى يېنىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمما بىر ئاي ئۆتۈپ يەنە قىزى چولپانخاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. چولپانخاننىڭ ۋالىبولغا بولغان قىزغىلىقى ۋە ماھارىتىدىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەشكىللەش ئۈچۈن چولپانخاننى ئالغىلى كەلدى. ئۇلار بۇ قېتىممۇ ئانىغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى، ئۈرۈمچىنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى، قاچان كۆرۈشكىسى كەلسە، شۇچاغدا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئانىنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى يەشتى، چولپانخان 1962-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يېڭىدىن تەشكىللەنگەچكە كوماندا ئەزالىرى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇراتتى. مەشىق مەيدانىنى ئۇلار ئۆزلىرى تازىلايتتى، تازىلىق قوراللىرىمۇ كەمچىل ئىدى. ئەمما چولپانخان قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي كوماندا ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى، كوماندا ئەزالىرىنى يېتەكلىدى، ئۇ قىيىن بولۇش، قاتتىق بولۇش، ئەمەلىي جەڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىش، چوڭ ھەرىكەت مىقدارىدا مەشىق قىلىشتەك مەشىقلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، تېخنىكىدا، تاكتىكىدا پىشقان ئاساسلىق ھۇجۇمچىغا ئايلاندى.

شۇنداق قىلىپ زوراخان بىلەن چولپانخاندىن ئىبارەت بۇ ئاچا-سىڭىل مەملىكتىمىز ۋە شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدا ئايرىم-ئايرىم 12 يىل توپ ئوينىدى. ئادەتتە ۋالىبول كوماندىسىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئادەم ئالماشتۇرۇلاتتى، ئەمما بۇ ئاچا-سىڭىل بويى ئېگىز، تېخنىكىسى ۋە تاكتىكىسى ئالاھىدە ياخشى، تىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولدى. دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسىدا 12 يىل توپ ئوينىغان زوراخان شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولدى. بۇ چاغدا ئاچا-سىڭىل ئىككىسى تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئۆچمەس سەھىپىسىنى ياراتتى. 

شانلىق سەھىپىلەر

دىيارىمىز تۇرپاندىن چىقىپ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا تاللانغان بۇ ئاچا-سىڭىل تالاي تەسىرلىك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ ھەتتا مەملىكىتىمىز ۋالىبول ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالدى. ياش ۋاقتىدا ۋالىبول ساھەسىدە يۇلتۇزدەك چاقنىدى، كوماندىدىن ئالماشقاندا خۇددى مىھرىبان ئانىدەك پۈتۈن زېھنىنى ياشلارنى تەربىيلەشكە قارىتىپ، ۋالىبول تەنھەرىكىتى ئۈچۈن كۈچ تولۇقلاپ، «شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول ھەركىتىنىڭ ئانىسى» دېگەن يۈكسەك نامنى ئالدى. بۇ جەرياندا ئۇلار تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى:

زورىخان رەجەپنىڭ بويى ئېگىز ۋە تېخنىكىسى ئالاھىدە بولۇپ، دۇنيا ۋالىبولچىلىقىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان، 1960-يىلى زورىخان دۆلەت ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا تاللىنىپ غوللۇق ئەزاغا ئايلانغان، ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىكى 12 يىللىق ھاياتىدا خەلقئارالىق، قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇن بولۇشىغا ھەل قىلغۇچ كۈچ قوشقان.


( سۈرەتتە1963-يىلى ھىندونىزىيەنىڭ جاكارتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى كۈچلەرنى گۈللەندۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدا. سولدىن ئالدىنقى رەت 2-سى زۆھرەخان رەجەپ.)


زوراخان ئۇستاز ئېرىشكەن شان- شەرەپلەر

1960-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان،

1960- جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا تاللانغان.

1961-يىلى ۋېيتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتە دۆلەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

1962-يىلى10-ئايدا دۆلەت زۇڭلىسى خې لوڭنىڭ ئالاھىدە تەۋسىيىسى بىلەن موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،  جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە  9-بولغان.

1963-يىلى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «يىڭى گۈللەنگەن كۈچلەر تەنھەركەت مۇسابىقىسى»دە جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ھەم  《ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى» بولۇپ باھالانغان.

1963- يىلىدىن كىيىن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان.

1964- يىلى ياپۇنىيەدە مەشىق ، ۋە دوستلوق موسابىقىسىدە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان.

  1966-يىلى كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى بىلەن بىللە چىمپىيون بولغان، زوراخان ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن « 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى » دەپ ئەنگە ئىلىنغان.

1966-يىلى كۇبا، ئوكرائىنا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەت- رايۇنلاردا دوستلوق موسابىقىسىدە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان.

1972-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ ۋالىبول كوماندىسىدا ھەم تېرىنىر،ھەم تەنھەرىكەتچى بولغان.

1972-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 24 يىل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.

1978- يىلى مەملىكەتلىك بەش توپ تۈرى موسابىقىسىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئىككىنچى بولغان، بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە، بۇ موسابىقىدە زوراخان ھەم تەنھەرىكەتچى، ھەم تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1978- يىلى دۆلەت تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.

1995- يىلى شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان.

  2000- يىلى « ئېلىمىز تەنتەربىيە  ساھەسىدىكى تۆھپىكار » دېگەن شەرپ مىدالىغا ئېرىشتى .

  2007-يىلى 10-ئايدا دۆلەت تەنتەربىيە كومىتىتى ئالاھىدە ھال سورىغان .

زوراخان رەجەپ ئۇستاز بەش نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ   ۋەكىلى ، 24 نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ   مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنىڭ    مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .

  زوراخان رەجەپ شىنجاڭلىقلار ئىچىدە خەلقئاراغا تۇنۇلغان بىردىنبىر ئايال ۋالىبولچى،  ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك  تېرىنىرى    بولۇش  سۈپىتى بىلەن   مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ۋالىبول  تارىخى بېتىدىن مەڭگۈلۈك  ئورۇن ئالدى.


چولپانخان ئۇستاز ئېرىشكەن شان- شەرەپلەر

  1961-يىلى بېيجىڭ ياشلار ۋالىبول كوماندىسىغا تاللانغان.

1962-يىلى شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.

  1972-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مەملىكىتىمىزدىكى A دەرىجىلىك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

  1974-يىلى لىياۋنىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە 6-لىككە ئېرىشكەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نۇرغۇن قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ خەلقىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.

  2000-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقۇچى شەرەپ مىدالىغا ئېرىشكەن.

  ئىلگىرى-كىيىن شىنجاڭ قىزلار تەنھەرىكەت مەكتىپى ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى يېتەكچىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى مەشىقلەندۈرۈش 1-بۆلۈمىنىڭ تېرىنىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ 1998-يىلى پېنسىيەگە چىققان.

( بىر ئۆمۈر دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ ۋالىبول تەنھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تەغدىم ئەتكەن، دۇنياۋى چوڭ سەھنىلەردە چاقنىغان زۆھرەخان رەجەپ ۋە چولپانخان رەجەپكە ئوخشاش ئەزىز تۆھپىكارلىرىمىز ھەرۋاقىت خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.)

( ئىزاھات : بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك يوللىيالمىدۇق )
تۆۋەندە بۇ ئىككى تۆھپىكارىمىزنىڭ باشقا سۈرەتلىرىنى نەزەرىڭلەرگە سۇنىمىز

( سۈرەتتە بەش قېرىنداش : ئوڭدىن سولغا قاراپ  ئابلىمىت رەجەپ، سېپەر رەجەپ،رىشىت رەجەپ، زوراخان رەجەپ، چولپانخان رەجەپ ) 

( سۈرەتتە زوراخان ئانا قىزى گۈلمىرە ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىللە )

( سۈرەتتە زوراخان رەجەپ ئانىمىز نەۋرىلىرى ئوربىت ۋە ئۈزەيىرلەر بىلەن، بۇ ئىككى ئوماق ئوغۇل ئون يېشىدىن باشلاپ گۇاڭجۇ خۇڭيۇەن  ۋاسكىتبول كوماندىسىدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ )

دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسىدىكى سەپداشلار ئۇچرىشىشى

ئاچا- سىڭىل تۆھپىكارلىرىمىز

( تۆۋەندىكى سۈرەتلەر كەسىپداشلاريىغىلىشى )

( زوراخان ئانا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە )

( تۇغقانلار يىغىلىشى )

( سۈرەتتە چولپانخان رەجەپ ئائىلىسى )

 خۇلاسە كالام : دۆلىتىمىز ۋالىبولچىلىقىغا ، شىنجاڭ تەنتەربىيەسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بۇ قوشماق تۆھپىكارلارغا ئالىي سالام يوللايمىز، ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز، ئىككى ئۇستازغا  سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجداد ئىزىنى بېسىپ، ئۇتۇق ساھىبلىرىدىن بوپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز!!!

( ماتىرىيال تەمىنلىگۈچى زوراخان رەجەپ ئانىمىزنىڭ قىزى گۈلمىرە خانىم ، تەييارلىغۇچى : مەمەت ئىبراھىم ) 

(ئەسكەرتىش : كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچى سالونچىلار چوقۇم باشكارىز سالۇنىنىڭ، تەييارلىغۇچىنىڭ روخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ، روخسەتسىز تارقاتقان سالونلار پاش قىلىنىدۇ )

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存