查看原文
其他

مەرھۇم خەلق سەنئەتكارى ئاۋۇت گۈلى

baxkariz 2023-05-07


ناخشا:  بۇيلۇق باغلىرى 

ئەسكەرتىش : بۇ ناخشا 80- يىللاردا ئاۋازغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ئۇستازدىن قالغان تەۋەرۈك بولغاچقا ھوزۇرۇڭىزلارغا يوللىدۇق، توغرا چۈشىنىشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمىز 


سۆزى :  رىشىت مەخسۇتنىڭ

مۇزىكىسى:  قۇربان ئىبراھىمنىڭ

ناخشا ۋە دۇتتاردا : ئاۋۇت گۈلى 

داپتا : ئابلىتىپ تىيىپ

« بۇيلۇق باغلىرى » ناملىق بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى  ئۇستاز شائىر رىشىت مەخسۇت يازغان، مۇزىكىسىنى داڭلىق كومپوزىتۇر  قۇربان ئىبراھىم ئۇستاز ئىشلىگەن بولۇپ، 1964- يىلى لۈكچۈنلۈك خەلق سەنئەتكارى ئاۋۇت گۈلى 15 ياش چېغىدا ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان _ چارۋىچىلار سەنئەت كۆرىكىدە ئورۇنلاپ، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، 

تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى《پىچان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ۋارىسى 》، خۇش ئاۋاز كۈيچى ئاۋۇت گۈلى ئاكا 1949-يىلى پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازىرىنىڭ مۇقام كەنتىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق سەنئىتىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، ئاتىسى گۈلى ئاكا ۋە ئۆز مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ساز چېلىش ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن، ئۇ تۇرپان خەلق ناخشىلىرىنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي باشقا ناخشىلارنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ،  قايتا رەتلەپ《ئۈزۈمزاردا مەشرەپ 》…قاتارلىق ئون يۈرۈش ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى نەشىر قىلغان ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ياشىغۇچى خەلقلەر تەرىپىدىن《 ئىدىقۇت بۇلبۇلى》دەپ ئاتالغان، 2015-يىلى  《پىچان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ۋارىسى》 شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان، بىر ئۆمۈر خەلق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان بۇ مۆھتىرەم ئۇستاز 2017-يىلى  2-ئاينىڭ 27-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي لۈكچۈندە  ئالەمدىن ئۆتكەن،

بىز بۇ قىتىم ئاۋۇت گۈلى ئاكىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئۇ ئەينى چاغدا  ئىشلىگەن  《ئۈزۈمزاردا مەشرەپ 》ناملىق  ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ناخشىنى تەييارلىدۇق،  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن پىچان ناھىيلىك كىرورەن ناخشا-  ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ  ياش مۇزىكانتى ئالىمجان ئابدۇللا،  يازغۇچى ياقۇپ ئىسمايىل ئاكىغا  رەھمەت ئېيتىمىز، 

 تەييارلىغۇچى:  ياقۇپ ئىسمايىل، ئالىمجان ئابدۇللا 




         مەنبە : رۇخسارىم سالونى

بۇ ئەسەر 12- ماي سالونىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئىدى،  ئەمما مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى خاتا دېيىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆچۈرۈپ،  قايتا يوللىدۇق،  توغرىلىق ھەممىدىن مۇھىم، سەمىمىيلىك بىلەن  ئۆزرە  ئېيتىمىز  


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存