查看原文
其他

ئىلى( پەريات) ئۇستازنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پەريادەي ناخشىسى

baxkariz 2023-05-07


ئىدىقۇت كۈيچىسى،  خەلق سەنئەتكارى

 ئېلى تۆمۈر ( پەرياد)  1932- يىلى 3- ئايدا تۇرپان شەھەر ئاستانە  يېزا يېڭىتۇر كەنتىدە  

دۇنياغا كەلگەن .  ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى . 1946- يىل 7- ئايدا ئاستانە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . 1955- يىلى7- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2- دارىلمۇئەللىن مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . 1955- يىلى 9- ئايدا ئاستانە باشلانغۇچ مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشۈپ  1958-يىلغىچە ئوقۇتقۇچى بولغان .  1958- يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئەترەتتە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . 1980- يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ 1992- يىلى6- ئايغىچە ئاستانە مەكتەپتە مۇزىكا دەرسى  بەرگەن .2009- يىلى 11- ئاينىڭ 19-كۈنى 77 يېشىدا ۋاپات بولغان 

ئىلى پەرياد ئۇستاز خەلق  ناخشىلىرىنى بولۇپمۇ تۇرپان خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداشتا ناخشا   بىلەن ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۆز ئالدىغا خاسلىق ياراتقان خەلق سەنئەتكارى بولۇپ، ئۇ ئورۇنلىغان نازىركوم، پەريادەي، دەردىڭىز يامان  دېگەن ناخشىلار خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ  پەرياد دېگەن لەقىمىمىۇ ئۇنىڭ پەريادەي  دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىگە قارىتا خەلق تەرىپىدىن قويۇلغان چىرايلىق نام ھېساپلىنىدۇ، ئەپسۇسكى بۇ ئۇستاز ئورۇنلىغان نۇرغۇن ناخشىلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن، بىز  پەريادەي دېگەن ناخشىنىڭ ئۈن ۋە سىن نۇسخىسىنى ناھايىتى تەستە تاپتۇق، تۆۋەندە بۇ ناخشىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر

پەريادەي - سۈرەتلىك نۇسخىسى


پەريادەي ئۈن  نۇسخسى



ئىلى پەرياد ئۇستازنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئورۇنلىغان  نازىركوم ناخشىسىنى تاپالمايۋاتىمىز، دوستلارنىڭ بۇ ناخشىنى تەمىنلەپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز 

تېلىفۇن، ئۈندىدار ئورتاق: 18999467128



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存