查看原文
其他

تۆھپىكار باغۋەن ئابدۇكېرىم ئوسمان (چىمەنى) ئۇستازنىڭ ھاياتى (1)

LUTUN baxkariz 2023-05-07

مەزكۇر مەزمون قوش تىلدا يوللاندى


ئەسكەرتىش : مەزكۇر مەزمۇننى لۇتۇن سالونى ۋە باشكارىز سالونىدىن باشقا ھەرقانداق سالون ياكى توربەتلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىشىغا قەتئىي بولمايدۇ.

تۆھپىكار باغۋەن ئابدۇكېرىم ئوسمان (چىمەنى) ئۇستازنىڭ ھاياتى

(1)

ئەڭ ئاۋۋال ئۇستازنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن < ئۇجۇلۇق > ناملىق 

نادىر كۈينى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز


   ماھىر چالغۇچى، پىداگوگ، تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم ئوسمان چىمەنى 1964- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى كۇچا دىيارىنىڭ مۇقام يۇرتى چىمەندە ئۇقۇمۇشلۇق سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكولتېتى غېجەك كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 2003-يىلدىن 2004-يىلغىچە جۇڭگو مائارىپ مېنىستىرلىقىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك زىيارەت ۋە ئۆگىنىشى بىلەن ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيىسىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش سىستېمىسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇللانماقتا. 2007- يىلى 10-ئايدا جۇڭگۇ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا مۇقام ھەپتىلىكى ئوقۇتۇشىدا تەكلىپ بويىچە دەرس ئۆتكەن.



دەرىس ئۆتۈۋاتقان ئابدۇكېرىم ئوسمان مۇئەللىم


2008-يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خاتىرە


  2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ياپونىيە توكيو سەنئەت ئونۋېرىستېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، خەلق مۇزىكاشۇناسلىق تەتقىقات بۆلۈمىدە «ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى»، «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى»، «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى»، «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىن لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى»، «ئۇيغۇر مۇزىكا ژانىرى سەنەملەر ھەققىدە»، «ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىنىش جەريانلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق مەشرەبلىرى» قاتارلىق سەككىزخىل تېمىدا لېكسىيە قىلىپ، ئالاقىدار مۇتەخەسىسىلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بۇ سەككىز خىل تېمىدىكى لېكسىيەسى نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئارقىلىق DVD پىلاستىنكىسى قىلىنىپ كىتاب بىلەن بىرلىكتە توكيو مۇزىكا ئونۋېرىستېتى مىللىي مۇزىكاشۇناسلىق تەتقىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

日本演出艺术照


    ئۇ ئۆز كەسپىگە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىغانلىقى ئۈچۈن، غېجەك، خۇشتار، ئوتتۇرا ئاۋازلىق غېجەك، ئوتتۇرا ئاۋازلىق خۇشتار ۋە ساتار چالغۇلىرى كەسپىنىڭ مەخسۇس دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىلمىي ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. شۇ ئاساستا ئۇنىڭ مەخسۇس تولۇق كۇرس غېجەك ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئىككى قىسىم «غېجەك دەرسلىكى» شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇ «ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابى غېجەك ۋە ئۇنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى»، «كەسپى مۇزىكا ئوقۇتۇشى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىم»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ھەققىدە مۇلاھىزە»، «قەدىمكى كۈسەن كۈيشۇناسلىقى بىلەن ھازىرقى كۇچا خەلق ناخشىلىرى توغرىسىدا»، «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىن لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى»...قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلدى.

   ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدا قۇلاقتىن-قۇلاققا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا، ئۇستازدىن-شاگرتقا، ھويلىلاردىن باغ-سەيلىگاھلارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي مەشرەپ ۋە ئۆگىتىش-ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەن ساتاردىن ئىبارەت بۇ تەۋەررۈك چالغۇمىز، ئەنە شۇ ئۇزاق دەۋرلەرنى بېسىپ كېلىپ، 1992-يىلغا كەلگەندە شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ مۇدىرى مەرھۇم غازى ئەھمەد مۇئەللىمنىڭ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشى ۋە ھاۋالىسى بىلەن بۇ مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە ياش يېتىلىۋاتقان باغۋەن ئابدۇكېرىم ئوسماننىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.



  شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش باغۋەن ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۆگەنگەن كەسپى غېجەك، لېكىن ئەزەلدىن يازما خاراكتېردىكى ئەمەلىي ۋە نەزەرىيىۋى جەھەتتە ھېچقانداق ماتېرىيال يوق بولغان ئەنئەنىۋىي ساتاركەسپىنى قانداق قىلىپ ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە كېچە- كۈندۈز ھاردىم -تالدىم دېمەستىن ئىزدەندى. ئۇ كۈندۈزلىرى يۇقۇرى ئاۋازلىق غېجەك، ئوتتۇرا ئاۋازلىق غېجەك، خۇشتار كەسپى دەرسىنى ئۆتكەن بولسا، خىزمەتتىن چۈشۈپ دەرھال ساتار كەسپىدە ئىزدىنىپ، شۇ دەۋردىكى داڭلىق مۇقامچى مەرھۇم ئۆمەرئاخۇن ساتار(ئۆمەر كۇڭزى)، ئاتاقلىق راۋابچى مەرھۇم داۋۇت ئاۋۇت، مۇقام ئۇستازى مەرھۇم تۇردىئاخۇن ئاكىنىڭ ئوغلى مەرھۇم قاۋۇل تۇردى ئاكا، داڭلىق مۇقامچى مەرھۇم خالىق ھاجى ئاكا، داڭلىق تەمبۇرچى مەرھۇم نۇر مۇھەممەت  تۇرسۇنلار بىلەن يۈزتۇرانە ھەمسۆھبەت بولۇش شۇنداقلا 1950-يىللاردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردىكى مۇقامچى ۋە ساتارچىلارنىڭ ئىزنالىرى ئارقىلىق 2015-يىلغا كەلگىچە ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش بىلەن ھازىرقى زامان ئوقۇتۇشىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ساتار ئوقۇتۇش ئومۇمىي پروگراممىسى ۋە مەخسۇس ساتار كەسپى دەرسلىكى كونسىپىكى ۋۇجۇتقا كەلدى، ھەمدە مەخسۇس مۇستەقىل ھالدا كۆپلىگەن ساتار كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىنىپ چىقتى ۋە 2010-يىلدىن باشلاپ ساتار كەسپى ئوقۇتقۇچىسى (مۇيەسسەر نۇرمۇھەممەت)نى تەربىيىلەپ ئىزباسار قېلىندى. دېمەك، تېرىشچان باغۋەننىڭ ئەجرى قىلغان كۆچىتى مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مىۋە بېرىشكە باشلىدى.   



داڭلىق مۇقامچى ئابلىز شاكىر ۋە مەرھۇم خالىق ھاجى بىلەن مۇقام تەتقىقاتى ئۈستىدە 


  1992-يىلى ئۇنىڭ يالغۇز غېجەك بىلەن ئورۇندىغان «نەۋ باھار» ناملىق قاپلىق ئۈن ئالغۇ لېنتىسى شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

    2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى «جۇڭخۇا مۇزىكىلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى» ناملىق يۈرۈشلۈك مۇزىكا قامۇسىدا «مۇزىكا قامۇسى: غېجەك»  پلاستىنكىسى تارقىتىلدى.

    1995-يىلى مەرھۇم غىياسىدىن بارات بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتابى نەشىر قىندى؛ يەنە شۇ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ خەلق چالغۇلار دەرسلىكى ئاھاڭلىرى توپلىمى»نىڭ «غېجەك دەرسلىكى» قىسمىنى مۇستەقىل تۈزدى.


1995-يىلى , ئاتاقلىق مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە ئىجادىيەتچى

 غىياسىدىن بارات بىلەن بىللە


 1997-يىلى جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ 3-نەشرى ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى «ئىشرەت ئەڭگىز»، «مۇستەھزاد»، «ئابى چەشمە»لەرنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش، نوتىلاشتۇرۇش، قاپلىق ئۈن ئالغۇ لېنتا ۋە CD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئشلەش؛ 2000-يىلى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نى CD, VCD, DVD قىلىپ ئىشلەش خىزمىتىدە رەتلەش، نوتىلاشتۇرۇش، ئۆگىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئورۇنداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش سېپىدىكى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك، مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك خىزمەتچى ھەمدە «مۇقام تۆھپىكارى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


ئاتاقلىق مۇقامچى ئابلىز شاكىر بىلەن 1997-يىلى ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى، ئابى چەشمە ۋە مۇستەھزادلارنى ئىشلەش، ئورۇنلاش نەق مەيدان كۆرۈنۈش خاتىرىسى.

  ئۇ ئىجادىيەت ساھەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر خەلق چالغۇ ئوركېسترى ئۈچۈن «ئۈچ قىسىملىق سۇئىتا» (ئۈچ قىسىملىق چاتما ئاھاڭ)، «راۋاب ئۈچۈن فانتازىيىلىك كونسېرت»، «باللادا»، «گۇل زېمىن»، «كۆسەن بەرباب ئۇسسۇل مۇزىكىسى»، «لوپنۇر سەنىمى»، «لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ»، «يار ساڭا قوشاق قاتتىم»، «ئۇجۇلۇقنىڭ ئۇرۇقى»، ئىجادىي تولۇقلانغان − «ئىشرەت ئەڭگىز مۇقامى» (شاتلىق قوزغىغۇچى مۇقامى)نىڭ «تەئەززە مەرغۇلى» ۋە «چوڭ سەلىقىسى»، «سايرام سەنىمى»، «زامانەمنى كۈيلەيمەن»، «ياشا»، «مىڭ ئۆي»... قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشا - مۇزىكىلار؛ «غېرىپ ئاتا» ناملىق تېلۋېزىيە فىلىمىنىڭ مۇزىكا ئاھاڭلىرىنى ئىشلىدى. «كارىز ناخشىسى يۈرۈشى»، «نىم پەدە يۈرۈشى»دىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سىستېمىلاشتۇرۇپ نەشىر قىلدۇردى.



1994-يىل غىياسىدىن بارات بىلەن خىزمەت ئۈستىدە


  2003-يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى ئۇيغۇر سەنئەت بۆلۈمى 1995-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىرقىلىنغان، مەرھۇم غىياسىدىن بارات، ئابدۇكېرىم ئوسمان تۈزگەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرى» ناملىق كىتاب ئاساسىدا ئۈنگە ئالغان، 2008- يىلى شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئون ئىككى يۈرۈش ئىلى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» نامىدا 4 دانە CD پىلاستىنكا نەشىر قىلىندى. 2002-، 2004-، 2006-يىللىرى ئىزچىل تۈردە لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى قىسىم «لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى» VCD پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇردى. ئۇ ئىجاد قىلغان «راۋاب ئۈچۈن فانتازىيىلىك كونسېرت» ناملىق ئەسەر 2006-يىلى 8-ئايدا «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇ بىرلىكتە تۈزگەن 2008-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى  2008-يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى −مۇزىكا - باھالاش ۋە ھۇزۇرلىنىش» دەرىسلىكى نەشىر قىلىندى. يەنە ئۇ مەخسۇس تۈزگەن 2008- يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئالىي مەكتەپ يەرلىك ئالاھىدە ۋە ئەلئىچى دەرسلىك قۇرۇلۇشى پىلانى تۈرىدىكى دەرسلىك −«غېجەك دەرسلىكى» (ئىككى قىسىم) شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مۇزىكا بىلىم يۇرتلىرى ۋە مەخسۇس مۇزىكا كەسپى مەكتەپلىرىدە بىردىن-بىر دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىنىپ كەلمەكتە. 2009-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «1-قېتىملىق خەلقئارا مۇقام فېستىۋالى» ۋە «مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە تەتقىقات يىغىنى»غا قاتنىشىپ، «چەبىيات مۇقامى»نى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا نەزەر» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «2-قېتىملىق خەلقئارا مۇقام فېستىۋالى»دا جوڭگۇ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن «ناۋا ئانسامبىلى» نامى بىلەن «ناۋا مۇقامىدىن پارچە»نى ئورۇنداپ، خەلقئارا بويىچە 2- دەرىجە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 


2011-يىل ئەزەربەيجان مۇقام فىستىۋالى 2-دەرىجىلىك مۇكاپات < ناۋا ئانسامبىلى > نامى بىلەن

ئەزەربەيجان مۇقام فىستىۋالى خاتىرىسى

سۈرەتتە ئەزەربەيجان مۇقامچىلىرى بىلەن بىللە


2004-يىلى لوپنۇر،  ئوڭدىن--ئابدۇكېرىم ئوسمان، ئىسلام نىياز، تۇردىنىياز لازىم


سولدىن--سىدىق باندىت، ئابدۇكېرىم ئوسمان، روزى دورغا. 2004-يىل 8-ئاي، لوپنۇر ئاق سۇپا يېزىسىدا لوپنۇر قوشاقلىرىنى توپلاش خاتىرىسى


ئاتاقلىق چالغۇچى،كومپوزىتور ئابدۇرېشىت توختى ۋە  كومپوزىتور ئابدۇسالام ئابدۇسۇپۇر بىلەن بىللە


ئاتاقلىق ناخشىچى رىسالەت ھاپىز بىلەن كەسپى خىزمەت ئۈستىدە سۆھبەتتە


简历


著名器乐(艾捷克)演奏家,教育家,木卡姆研究家,新疆艺术学院音乐系教授

阿布都克力木·吾斯曼(笔名:齐满)1964年12月15日出生在新疆库车的一位音乐世家。1986年毕业于新疆艺术学院音乐系艾捷克专业并留校任职。2003年至2004年在乌兹别克斯坦国立音乐学院高等学府学习音乐创作理论。2007年10月应邀在中国音乐学院(器乐,木卡姆)讲课。2009年12月至2010年2月27日为止应邀在日本东京艺术大学以《维吾尔乐器种类》、《维吾尔十二木卡姆概况》、《维吾尔木卡姆艺术地方特色》、《维吾尔民歌》、《罗布Lopnur民歌及其产生》、《维吾尔音乐赛乃姆曲》、《维吾尔木卡姆艺术的传承》、《维吾尔民间麦西莱甫》...等为题讲课,获得了有关专家学者的好评。以上的课连光盘和书一起由东京艺术大学民族音乐研究所出版发行。


课堂



阿布都克力·吾斯曼 (齐满) 具有极强的敬业精神和责任意识,编写艾捷克、胡西塔尔、中音艾捷克、中音胡西塔尔及萨塔尔琴的专业教材,为形成音乐教学的体系作出了努力。在此基础上,他编写本科《艾捷克教材》(上下册),由新疆教育出版社出版。同时,他之后发表《维吾尔乐器艾捷克及其历史演变》、《论专业音乐教学》、《关于十二木卡姆的传承问题》、《论十二木卡姆的音乐结构》、《关于龟兹乐和现代库车民歌的关系》、《伊犁Ili民歌和它的形式过程》等论文。1992年艾捷克独奏专辑《初春》由新疆音像出版社出版。2019年12月31日发行了由看见音乐打造的“中华音乐全辑”乐典——器系列专辑《乐典:艾捷克》。1995年和作曲家格亚斯丁·巴拉提合著的《维吾尔十二木卡姆和伊犁Ili民歌》一书出版。同年,他单独编写由新疆艺术学院教务处出版的《维吾尔民族器乐曲调集》,编写了《艾捷克教材》部分。


日本演出艺术照


日本演出


2019年完成了《中国新疆音乐家协会社会音乐水平考级教材——中国新疆民族音乐艾捷克演奏考级作品集 第一册至第十册》的编写工作。他以参与挖掘、收集、整理、记谱1997年由中国大百科全书出版社出版的《维吾尔十二木卡姆》第三版及共CD光盘;参与2000年出版的《维吾尔十二木卡姆》DVD、VCD、CD工作和教学战线上所取得的优异成绩《荣获自治区一等奖》和《国家教学二等奖》及《木卡姆贡献奖》。以及2003年第九届中国电影华表奖优秀故事片(三等奖)的电影《库尔班大叔上北京》电影曲目的演奏。

台湾举行的独奏音乐会纪念


阿布都克力木·吾斯曼 (齐满) 在作曲创作上也取得了可喜的成绩。为维吾尔民乐队,创作“三部联奏曲”、“热瓦甫《协奏幻想曲》”、为《花地》、《龟兹琵琶舞曲》、《乌朱鲁克》...等歌词作曲。编写了《依稀热提思格兹木卡姆》的《太艾则间奏曲》、《大赛勒克》及《赛拉木赛乃姆》、《请你莱到尉犁Lopnur》、《为情人歌唱》、《歌唱新时代》、《千佛洞》...等歌曲。为电视连续剧《孤独的父亲》作曲。整理《坎儿井歌》、《尼木拍得》等套曲。2008年由新疆音像出版社出版了和作曲家格亚斯丁·巴拉提合著的《维吾尔十二木卡姆和伊犁Ili民歌》的新版本《十二套伊犁Ili维吾尔民歌》CD光盘。2002至2006年间深入研究尉犁Lopnur民谣,整理、改编、创作出版了两套《尉犁Lopnur民歌》VCD光盘。他创作的热瓦甫协奏《幻想曲》荣获2006年度《天山文艺奖》。2008年由新疆维吾尔自治区中小学教材审定委员会审定的《普通高中标准教材--音乐欣赏》同年由新疆教育出版社出版。按照自治区高校地方特色民族教材项目中的《艾捷克教材》由新疆教育出版社出版前在新疆各高材成为了唯一的艾捷克教材。



中国音乐学院交流演出


阿布都克力木·吾斯曼 (齐满)于2009年参加阿赛拜疆共和国首都巴库举办的《第一届国际木卡姆国际艺术节》和《木卡姆学术研讨会》演奏《且比巴雅特木卡姆》并宣读论文《二十世纪维吾尔木卡姆的历史发展》。2011年3月14日至21日参加阿赛拜疆共和国首都巴库举办的《第二届木卡姆国际艺术节》演奏演唱《纳瓦木卡姆》片段并荣获《国际二等奖》。


2007年中国音乐学院木卡姆教学周纪念 

中国音乐学院课堂

2007年中国音乐学院木卡姆教学周纪念 

研讨

研讨会

研讨会

داۋامى بار

سالونىمىزغا دىققەت قىلغايسىز

سالونىمىزنىڭ كىيىنكى سانلىرىدا  ئابدۇكېرىم ئوسمان ئۇستازنىڭ نادىر ئەسەرلىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ




您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存