查看原文
其他

 ARHIP



:ئارخىپ سالۇنى تەرجىمىسى


شىنجاڭدىن چىققان تۇنجى ۋە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئاكادىمىك، جۇڭگو ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى  نوپۇزلۇق ئالىم _ ھوشۇر ئىسلام


ھوشۇر ئىسلام، 1941ـ يىل 10ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى شىنجاڭ غۇلجىدا تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، جۇڭگو كۆپ تىللىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، 1964ـ يىلى ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا خىزمەتكە چۈشكەن؛ 1981ـ يىلىدىن 1992ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنتى بولغان؛ 1986ـ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن؛ 1990ـ يىلى كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل زىيارەتچى ئالىم بولغان؛ 1991ـ يىلىدىن 2009ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سانائەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992ـ يىلىدىن 1994ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرون ئۇچۇر ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنتى بولغان؛ 1994ـ يىلىدىن 2001ـ يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1997ـ يىلىدىن 1998ـ يىلىغىچە ئامېرىكا رايت ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا زىيارەتچى ئالىم بولغان؛ 2001ـ يىلىدىن 2007ـ يىلىغىچە شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007ـ يىلى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئۇچۇر تېخنىكا تەرەققىيات ـ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2011ـ يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان.ھوشۇر ئىسلام ئۇزاقتىن بۇيان كۆپ تىللىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش، تور بىخەتەرلىكى ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات ۋە پەن قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللاندى.كۆپ تىللىق، ئاۋازلىق، سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى نۇرغۇن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللار تەتقىق قىلىنىپ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.


ھوشۇر ئىسلام 20 نەچچە خىل كۆپ تىللىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى ۋە قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كومپيۇتېرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش يېڭى ساھەسىنى ئېچىپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز كۆپ ۋاسىتىلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىدىكى نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق نەزەرىيە ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە ئۇنى ھەل قىلدى. 2020ـ يىلى 1ـ ئايدىكى خېلياڭ خېلى فوندى جەمىيىتى تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە ئىلمىي تۆھپىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن :


بىرىنجىدىن: كومپيۇتېرنىڭ مىللىيچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئاچقان، مەسىلەن، كۆپ تىللىق قىستۇرما مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش، كۆپ تىللىق ئىشخانىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ قوللىنىش سىستېمىسى، ) ئىككىنجىدىن: مىللىي يېزىقتىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كۆپ ۋاسىتىلىلىشىشى، تورلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبتىكى كۆپ تىللىق بەت ياساش، تەھرىرلەش، كونترول قىلىش دېتاللىرىنى تور زىيارەت قىلغۇچقا كىرگۈزۈپ، كۆپ تىللىق ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى،  ئەمەلىي سىستېمىسىنى ئېچىشنى قوللاش؛ ئۈچۈندىدىن: مىللىيچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە 1989ـ يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ( كود ئۆلچىمى، نۇقتا سەپ شەكلى سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمى، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى ) نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىندى؛ تۆتىنجىدىن: بازارنى ئېچىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە كارخاناكۆپ خىل يېزىقتىكى تۈرلۈك مەشغۇلات سىستېمىسى سۇپىسى، ئىشخانا يۇمشاق ماتېرىيالى، ئېلېكتىرونلۇق باسما، ئوقۇتۇشى، توردا قوللىنىش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق تۈرلەرنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى. 


ھوشۇر ئىسلام دۇنيا ئاقېللار مۇنبېرىدە سۆز قىلماقتا

ى. 2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە ھوشۇر ئىسلام ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 160 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى؛ بۇنىڭ ئىچىدەخەلقارا ئۆلچەمدىكىدىن بەشنى، دۆلەت ئۆلچىمىدىكىدىن 14 نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. 2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە ھوشۇر ئىسلام خەلقارا ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك ئالتە قېتىملىق ئىلمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، 25 دۆلەتنىڭ 20 نەچچە قېتىملىق خەلقارا ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى،  2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە ھوشۇر ئىسلامنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتنىڭ 863 پىلان تۈرىدىن يەتتىسى، 973 پەن تەتقىقات تۈرىدىن بىرى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تۈرىدىن بەشى، دۆلەتلىك نۇقتىلىق تۈردىن ئىككىسى، قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش تۈرىدىن ئىككىسى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تۈردىن 40 نەچچىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇندالدى.


ھوشۇر ئىسلام زۇڭلى لى پىڭغا دۆلەت 863 نۇقتىلىق پەن-تەتقىقات تۈرىدىكى نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرماقتا.

ت. 2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە ھوشۇر ئىسلام ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 14 تۈرلۈك نەتىجىنى خەلقارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزدى، 10 نەچچە تۈرنى جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلدى، 30 نەچچە كۆپ خىل تىلنى قوللايدىغان يېڭى سىستېما، يېڭى يۇمشاق ماتېرىيالنى ئېچىشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 14 تۈرلۈك يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشتى؛ ئۈچ تۈر دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا، بىر تۈر ئاپتونوم رايون پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا، بىر تۈر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تۆت تۈر ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر تۈر ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.


ت. 2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە ھوشۇر ئىسلام 20 دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات تايانچىسى، 90 دىن ئارتۇق دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانت تەربىيەلىدى. ھوشۇر ئىسلام 2017ـ يىلى 7ـ ئايغىچە شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى پەنلىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەن قۇرۇلۇشى جەھەتتە كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان دوكتورلارغا ھوقۇق بېرىش نۇقتىسى، كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان دوكتور ئاشتى سەييارە پونكىتى، تۆت ماگىستىر نۇقتىسى، شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، 50 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى،90 دىن ئارتۇق دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن كۆپ مىللەتلىك تەتقىقات كوللېكتىپى قۇرۇپ چىققان.


ھوشۇر ئىسلام ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى، ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمىيىتى، يۇمشاق دېتال ئىلمىي جەمىيىتى ئىتتىپاقى نامىدا رەئىس، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ كومپيۇتېر مائارىپ ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، خەنزۇ تىلى ئۇچۇر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى بولغان.


: ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭدا يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئاكادېمىك، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىردىنبىر ئاكادېمىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، ھوشۇر ئىسلام باش ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىيچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، قېلىپلىشىشى، خەلقارالىشىشىغا زور تۆھپە قوشتى.ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەپ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىنغان، مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەم رىغبەتلەندۈرۈلگەن؛ 


ئۇدا تۆت قېتىم قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلدى. ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدە، ئىلىمدە ئېھتىياتچان، ئۆگىنىش ئىستىلى دۇرۇس بولۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. باشلامچى قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئېچىپ، ئۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، كۆپ ۋاسىتىلىكلەشتۈرۈش ۋە تورلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەۋىيەسىگە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە دۆلەت ئىچىدە بىر قەدەر كۈچلۈك ئەۋزەللىك ۋە ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا زور تەسىر پەيدا قىلدى.ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئۇچۇرلاشتۇرۇش بازارلىرىغا يۈزلەنگەن يۇمشاق دېتال پىششىقلاپ ئىشلەش ئېكسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ھاڭ ـ غەربىي رايون ھەرىكىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى . ئاخىرىدا ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن، خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.

بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

来源:百度网







تېخىمۇ كۆپ نادىر مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەرنى چېكىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存