查看原文
其他

جۇڭگو بۇلبۇلى، پەخىرلىك سەنئەتكارىمىز دىلبەر يۇنۇس

baxkariz 2023-05-07

ئۇستازنىڭ تارىم ناملىق ناخشىنى ئاڭلىغاچ ،تەرجىمىھالىنى ئوقۇڭ

تارىم 

سۆزى : مەلىكە زىياۋۇدۇننىڭ

مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللانىڭ

دىلبەر يۇنۇس ئورۇنلىغان



دىلبەر يۇنۇس.1958-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، جۇڭگو بۇلبۇلى دەپ نامى بار

فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ئۇنى دۆلەت گۆھىرى دەپ ئىلان قىلغان.ئەمىليەتتە  ئۇ ئىلىمىزنىڭ بىر قوللۇق يىتىشتۈرۈپ چىققان گۆھىرى


دىلبەر يۇنۇس.1987-يىلى مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.كومپارتىيە ئەزاسى.ئۇيغۇر خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە ئىنگلىزتىلى،فىرانسوس تىلى،گىرمان تىلى،شىۋىتسىيە تىلى،ئىتالىيە تىلى ۋە فىنلاندىيە تىللىرىغا ناھايىتى پىششىق.1984-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خىللىن خەلىقئارا ناخشا مۇسابىقىسىدە 2-بولغان.1988-يىلى فىنلاندىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن يالغۇز كىشلىك ناخشا ئورۇنلىغان


نەچچە ئون دۆلەتتە 100نەچچە مەيداندىن ئارتۇق ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ھەم بىركۆپ خىل تىلدا ناخشا ئورۇنلىغان.1993-يىلدىن 1996-يىلىغىچە گىرمانىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ناخشا ئىيتقان.1997-يىلى ۋە 1998-يىلى ئۇدا ئىككى يىل دۇنياغا داڭلىق ناخشىچى نىلسون پىرزى مۇكاپاتى --شىۋىتسىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.2004-يىلى جۇڭگو ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.چەتئەل مۇزىكا باھالىغۇچىلىرى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئاۋازىنى سەنئەت ۋە تىخنىكىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى دەپ باھا بەرگەن.دىلبەر يۇنۇس شىۋىتسىيە ۋە 

فىنلاندىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىىسى


فىنلاندىيە مۇزىكا مەستانىلىرى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فىنلاندىيەدىكى تەسىر كۈچى فىنلاندىيە زۇڭتۇدىنمۇ ئىشىپ چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ

گەرچە فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە دىلبەر يۇنۇسنى دۆلەت گۆھىرى دەپ ھۆرمەت بىلدۈرسىمۇ،ئەمما ئۇستاز دىلبەر ئىزچىل ئىلىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كىلۋاتىدۇ.ئۇ مەيلى باھالىغۇچى سالاھىتىدە بولسۇن ياكى ناخشىچى سالاھىتىدە بولسۇن ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنى جۇڭگولۇق ئۇستازلەرنىڭ تەربىيەلەپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.دىلبەر يۇنۇسنىڭ فىنلاندىيە پاسپورتىنى فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى ئۆزى تەستىقلىغان.بىر قىتىم ئۇ شىۋىتسىيەدە شىۋىتسىيەدىكى رەھبەرلەر ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقايسى ئەل ئەلچىلىرىنى چاقىرىغان بىر زىياپەتكە قاتناشقان.

زىياپەتتە شىۋىتسىيەلىك دۆلەت رەھبىرى دىلبەر يۇنۇسنى بۇ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ دۆلەت گۆھىرى دىلبەر خانىم بولىدۇ،دەپ تونۇشتۇرغان.بۇ ۋاقىتتا فىنلاندىيەنىڭ شىۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گەپنى بۆلىۋىتىپ،دىلبەر فىنلاندىيە دۆلەت گۆھىرى دىگەن. فىنلاندىيە ئايرىدۇرۇملىرىدىكى ئىكرانلاردىمۇ دىلبەر ئۇستازنى فىنلاندىيە دۆلەت گۆھىرى دەپ تونۇشتۇرىدۇ.كىشلەر دىلبەر يۇنۇس ئۇستازنى ئىزچىل جۇڭگودىكى بىردىنبىر قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە جۇڭگولۇق دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس.چۈنكى ئىلىمىز قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىتراپ قىلمايدۇ.بەزى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا،دىلبەر يۇنۇس ئۇستاز فىنلاندىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە



مەڭگۈلۈك كۈي: سېنى ئەسلەيمەن 

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?width=500&height=375&auto=0&vid=wxv_1558873840406069250





ئۇ مەيلى قەيەردىلا بولسۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى ۋە ئىپتىخارى

دىلبەر ئۇستازنىڭ كەسىپىچان روھى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ


https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?width=500&height=375&auto=0&vid=n3053pb1w5pمەنبە : گۈزەل كۈيلەر سالونى

تۆھپىكارئۇستازلارنى خەلقىمىز تۇنۇسۇن دېگەن مەقسەتتە تارقاتتۇق، مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇننىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلغان بولساق،سالونىمىزغا ئىنكاس قىلىڭ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈمىز









您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存