查看原文
其他

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ تەرجىمىھالى

baxkariz 2023-05-07





 ئابدۇكىرەم ئابلىز 1970-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى  قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ كىچىكىندىلا  قەشقەردە  ئۆسۈپ  يىتىلگەن،  ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى  يۇمۇرىسىتىك ئادەم  بولۇپلا  قالماي ھەرخىل  چالغۇ  ئەسۋابلارنى چالايدىغان، تۈرلۈك  ھايۋاناتلارنىڭ ئاۋازىنى  ناھايىتى  ئۇستىلىق  بىلەن  دورىيالايدىغان ئادەم بولۇپ . دادىسىنىڭ  تەسىردە ئابدۇكىرەم ئابلىز كىچىكىدىنلا  ھەرخىل ماھارەتلەرنى، دۇتار ۋە باشقا تۈرلۈك چالغۇلارنى چىلىشنى   ئۆگەنگەن . ئۇ 5 ياشقا  كىرگەندە  دادىسى ئېلىپ  بەرگەن  كىچىك  دۇمباقنى چېلىپ، تۇنجى قىتىم   دادىسى بىلەن  بىللە سەھنىگە  چىققان.

 

ئۇ  مەكتەپكە  كىرگەندىن  كىيىن  ھەرخىل قىزىقارلىق  ماھارەتلىرى ، كۈلكىلى پاراڭلىرى  بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىنىڭ قايىللىقىنى  قوزغىغان  ھەمدە مەكتەپتىكى داڭلىق كىچىك  ئارتىس  بولۇپ قالغان . ئۇئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  چاغلىرىدا  شىنجاڭ  سەنئەت  ئىنىستۇتىنىڭ  ئوقۇتقۇچىلىرى  ئوقۇغۇچى  تاللاش  ئۈچۈن  كەلگەندە  قاتتىق جىددىيلەشكەن  ھەم  دادىسنى كۆزدە تۇتۇپ  ئۆيىدىكى بىردىنبىر  پەرزەنت  بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان .   يىراققا  تەلپۈنگەن ئارزۇ ، سەنئەتكە  ئوتتەك  ئىشتىياق  باغلىغان  ئابدۇكىرەم   بۇ  پۇرسەتنى چىڭ  تۇتۇشنى قارار قىلغان  بولسىمۇ دادىسىغا  ئىمتىھانغا  قاتنىشىش  ئويىنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي ئۆيىدىن ئىككى  يۈەن    سوراپ《قەشقەر ئەلنەغمە بىرلەشمە  ئۆمىكى گە  تىزىملاتقان. ( ئىككى يۈەن شۇ ۋاقىتتىكى تىزىملاش ھەققىنى كۆرسىتىدۇ ) .


‌تۆت  قىتىملىق ئىمتىھاندىن كىيىن  قوبۇل  قىلىش  تىزىملىكى ئىلان قىلىنغان چاغدا  ئىمتىھاندىن  ئۈمىد  ئۈزگەن  ئابدۇكېرىم ئۆزىنىڭ  ئىسمىنىڭ تىزىملىككە  كىرگۈزۈلگەنلىكنى  ئويلاپمۇ باقمىغان . ئۇ 1987-يىلى 17ياشقا كىرگەندە  شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستۇتى ئەلنەغمە ئورۇنلاش كەسىپىگە ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ئۆزى يالغۇز كەلگەن . ئابدۇكىرەم ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ يېڭى ئىجادىيتى 《 رونا ماركىلىق جۈسە مانتىسى》ئىتوتىنى ئورۇنلاپ ، ئويلىمىغان يەردىن  بۇ ئىتوت  ناھايتى ئالقىشلىنىپ  تاماشىبىنلارنىڭ  كۈلكە، گۈلدۇر-قاراس  چاۋاك  ئاۋازلىرى  ئويۇن زالىنى بىر ئالغانىدى . شۇنىڭدىن كىيىن  ئۇنىڭ بۇ ئىتوتى ئالقىشلىنىپ  دۆڭكۆۋرۈكتكى نۇرغۇن دۇكان  ۋىۋىسكىلىرىغا رونا دىگەن بۇ سۆز يىڭىچە ماركا بوپ قوشۇلۇپ  قالغان .

شۇنداق تىرىشىش  ، جاپالىق ئۆگىنىپ  ئوقۇتقۇچى  ئۇستازلاردىن  تەلىم ئىلىش ئارقىسىدا ئابدۇكىرەم ئابلىز  خەلقىمىز  تۆرىدىن ئورۇن  ئىلىپ  كەلدى . ئۇنىڭ  ۋەكىللىك  ئەسەرلىرى  :  گاس كۆيئوغۇلنىڭ قىيىنئاتىسىنى يوقلىشى ، تۇماق سىتىش ، ئاتا ۋە بالا  ناملىق ئىتوتى ، قۇربان تۇلۇمىنىڭ بىيجىڭغا سەپىرى ، باشقا قونغان ئامەت قۇشى ، ئاخىرقى كۆل ، داپ ، ساراڭ ، سەھرادىن كەلگەن دادا، ئۈچ باش… قاتارلىق  خەلقىمىزنىڭ  ئالقىشىغا  سازاۋەر  بولغان  نادىر  فىلىملەرنىڭ رىژىسورلۇق  ھەمدە  ئاكتىيورلۇق  خىزمىتىنى  ئۆز  ئۈستىگە  ئىلىپ ھەرقايسى روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان . ئۇ  يەنە  2008- يىلىغىچە  ئاۋاز  ئارتىسلىق  ھاياتىدا  800دىن  ئارتۇق كىنوغا  200 پارچىدىن  ئارتۇق  تىلۋىزىيە  تىياتىرلىنىڭ رىژىسورلۇق  خىزمىتىنى  ئۆز  ئۈستىگە  ئالغان  .

ئۇ ئاۋاز  رىجىسورلۇق قىلغان  فىلىملەر  مەملىكەتلىك  ناىر  فىلىملەرنى  باھالاشتا ساماۋى  كۆۋرۈك ، تۇلپار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن  . ئۇنىڭدىن باشقا  قوغۇنچىنىڭ ھىكايسى ، داپ ، ساراڭ ، چار خوراز ، مەمەتنىڭ 2008-يىلى ، مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر  قاتارلىق  ناىر  فىلىملەردە   رولنى  ۋايىغا  يەتكۈزۈپ ئېلىپ  خەلقىمىزنىڭ  ئالقىشىغا  ئىرىشكەن  … شۇ مەزگىللەردە  يۇقىرىدىن  بىۋاستە  چۈشكەن ئانارخانناملىق  تىلۋىزىيە  تىياتىرىدا رول  ئىلىش ۋەزىپىسىنى  تاپشۇرۋالغان  ھەم بۇ  ۋەزىپىنىمۇ  تەشكىلنىڭ  تەلىپى  ۋە  ئارزۇسى  بويىچە    100گە  يېقىن خەلقىمىزگە  تونۇشلۇق  ئارتىسلىرىمىز  بىلەن بىللە مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئورۇنداپ  چىققان  . 

ئۇ 2000- يىللاردىن باشلاپ  ئورۇنلىغان نادىر  ئىتوتلىرىدا  خەلقىمىزگە كۈلكە ئاتا  قىلىش  بىلەن  بىرگە  جەمىئىيتىمىزدىكى  بىر  قىسىم  ناچار  ئىللەتلەرنى يۇمۇرىستىك  تىل  بىلەن قامچىلاپ  خەلقىمىزگە  ئاكىتىپ  ئىنىرگىيەلەرنى تارقىتىپ كەلدى.

ئۇ ئۆزى  بىرقوللۇق  رىژىسورلۇق قىلىپ  ئوينىغان  ئىتوتلىرىدىن   مەن كىم؟ ئۇ كىم ؟ يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام ، ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى ، بىز دىگەن ئەر كىشى ، ئارچىغا ئالتە تاياق ، سىيت نوچى ، قىرىنداشلار ، ئاينىڭ ئونبەشى ئايدىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ ، خالاجاي ، جىددىي تەييارلىق ، مىيىپ ، چۈشەنمىدىم ، دەرتمەنلەر … قاتارلىق  100دىن  ئارتۇق ئىتوتلارنى ئورۇنلاپ چىققان .


 غالىپ  رېھىم ئۇستازنىڭ  

 « ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى» گە بېغىشلاپ ئېيتقان 

ئەستلىك كۈيى 



https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?width=500&height=375&auto=0&vid=wxv_1420036175233990656

ئابدۇكېرىم ئۇستازنىڭ بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلىرى












ئۇنىڭ  نادىر  كىنولىرىدىن : 

1996-يىلى . ئانامنىڭ  تۇغۇلغان  كۈنى

2003-يىلى.   ساراڭنىڭ  خىيالى 

2008-يىلى .  مەمەتنىڭ  2008-يىلى

2009-يىلى .  مۇقام  بىلەن  ئۆتكەن  كۈنلەر

2011-يىلى.   شاۋكەتنىڭ  تەتىلى

2013-يىلى .  بۇ  ئائىلىگە  قاراڭ 1-/2- بۆلۈم 

2014-يىلى. سەپەردىكى  مۇھەببەت 

2015-يىلى.  پۇل  دىگەن  شۇنداق  نەرسە  

2015-يىلى .  مىھىر -  مۇھەببەت 

قاتارلىق  ئەسەرلىرى  دۆلىتىمىزدىلا  ئەمەس  خەلقئارادىكى  قازاقىستان ، پارىژ،  ئەنگىليە  فىرانىسىيە  كىنو  -  فىلىم  بايراملىرىدا ئايرىم ئايرىم  ھالدا  ياۋروپا  ۋەنشاڭ  كىنو بايرىمى  ، پارىژ  جۇڭگۇ  كىنو  فىستىۋالى ، جۇڭگۇ  ئالتۇن  خوراز  بايرىمىدا  ئالاھىدە  مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ھەمدە  ئۇيغۇر  كىنوچىلىقىنى  خەلىقئاراغا يۈزلەندۈرگەن … نۆۋەتتە ئابدۇكىرەم ئابلىز تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيەسىنىڭ  كۆزگە كۆرۈنگەن  داڭلىق رىژىسورى ۇ … ئۇ پات يىقىندا ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدا  سۈرەتكە  ئىلىنۋاتقان  يىڭى  فىلىمنى  خەلقىمىزنىڭ  ھۇزۇرىغا  سۇنماقچى… 

كۈلكە بەردىڭ  مىسكىن  دىللارغا، 

باشلاپ ماڭدىڭ توغرا يوللارغا، 

ياشا ئوغلۇم! دىدى ھەم خەلقىم ، 

گۈل ئۈنگەي سەن ماڭغان يوللارغا.

ئابدۇكىرەم  ئابلىز ، شات بولسۇن ئۆمرىڭىز  كۈلسۇن بەختىڭىز ! … 

خەلقىمىزنىڭ  پەخىرلىك  ئوغلانى  كۈلكە  ئەلچىسى  ئابدۇكىرەم  ئابلىزنىڭ  بۇنىڭدىن  كىيىنكى  سەنئەت  ھاياتىغا  ئۇتۇق ئامەتلەرنى  تىلەيمىز  ھەمدە  ئىكران  يۈزىدە  تىخىمۇ  نادىر  ئىتوتلارنى  تەقدىم  ئىتىشىنى  چىن  كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد  قىلمىز 



ئېتوت: دەرتمەنلەر


ئابدۇكېرىم ئابلىز چولپان كەلدى پىروگىراممىسىدا



 باشكارىز سالونى كۆرۈرمەن دوستلارنى قىزغىن  قارشى ئالىمىز


باشكارىز سالونى ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ ، تەنتەربىيە ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك مەزمونلارنى يوللاشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىۋېرسال سالون

سالونىمىزنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە

بىرىنچىسالونىمىز ئەسەر ئېلان قىلىشتا  سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىمىز ، ماۋزوكەشلىك قىلىپ،  جەلىپكار ، دەبدەبىلىك ماۋزولار بىلەن ئوقۇرمەننى ئالدىمايمىز، ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتمايمىز

ئىككىنچى. سالونىمىزدا ئىجادىيەتچىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىسىنى چۇقۇم ئەسكەرتىمىز، ئەگەر ئىجادىيەتچىسى ئىنىق بولمىسا، سالونىمىزدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسكەرتىش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك 

ئۈچىنچى. سالونىمىزدا ئىملا قائىدىسىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىمىز، چۈنكى ئىملا قائىدىسى - تىلنىڭ قانۇنىدۇر

ئەسكەرتىش: سالوندا كونا يېزىقتىكى تېكىستلەردە جۈملە ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىلىرى، سانلار قوشۇلغان تېكىستلەر، ھەرخىل تىرناقلار نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنى  باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىز

تۆتىنچى. باشقا دوستانە سالون ياكى تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلاپ تارقاتساق ، مەنبەنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر سالونىمىزدىكى مەزمونلار مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇننىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان بولسا،  سالونغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،  بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە  ئۆچۈرۈمىز

باشكارىز سالونىمىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان سالونلارمۇ  مەزمون ئېلان قىلىنىپ،  بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن  كۆچۈرسە بولىدۇ، شۇنداقلا مەنبە : باشكارىز سالونى دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك،  مەنبەنى ئەسكەرتىمىسە، بىر ھەپتە ئۆتمەي كۆچۈرسە، بىۋاستە  پاش قىلىنىدۇ، قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش - ئەقەللىي ئەخلاق 

بەشىنچى . سالونىمىزدىكى مەزمونلار سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا،  يېقىنلىرىڭىزغا،  چەمبىرىكىڭىزگە  ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، تارقىتىپ قويۇڭ، ياخشى مەزمونلار مەخپىي قالمىسۇن  

ئالتىنچى.مەزموندىن بەھىرلىنىۋاتقان ۋاقىتتا مېھىرلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن سالوننىڭ ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز خۇرسەن بولاتتۇق، سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، بىز ئاز- تولا كىرىمگە ئېرىشەتتۇق

ئاخىرىدا بارلىق كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ تېلىفۇن ئويناپ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەن ساقلىق- تۈمەن بايلىق

كامالى ئېھتىرام بىلەن : باشكارىز سالونى 

باشكارىز سالونىمىزنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق قوشۇۋېلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存