查看原文
其他

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابلەت ئابلىكىمنىڭ تەرجىمىھالى

baxkariz 2023-05-07


ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابلەت ئابلىكىمنىڭ تەرجىمىھالى


   ئاتاقلىق سەنئەتكار، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك كومپوزىتور، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى، ئەلگە تونۇلغان ناخشىچى، شىنجاڭ مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابلىكىم 1971- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى تۇمشۇق شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان ئابلەت ئابلىكىم، 1986-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ مۇزىكا مائارىپ كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1989-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،  يۇرتى تۇمشۇقتىكى ئانا مەكتىۋىدە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1996-يىلى مارالبېشى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2000-يىلى ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا  مۇزىكا ئىجادىيىتى بويىچە تولۇق كۇرستا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئوقۇشى تامام بولغاندىن كېيىن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن خىزمىتى شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.ئابلەت ئابلىكىم 2006-يىلى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا 《توغراق  كۈيچىسى》 ناخشا  ئەسەرلىرى ئىجادىيەت كىچىىلكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ خەلىقمىزنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 

ئابلەت ئابلىكىمنىڭ خىزمەتكە تۇتقان ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى، كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، شۇنداقلا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىسىدا 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جوڭگو مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئالاھىدە زىيارەت تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتى بىلەن مۇزىكا نەزىرىيە ئىلمىدا تۆت يىل بىلىم ئاشۇرغان. 

   ئابلەت ئابلىكىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ھەرخىل تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرى، قۇربان ھېيتلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكلىرى، "مەشرەپ" كېچىلىكى قاتارلىق  كۆپ تۈردىكى چوڭ تىپتىكى ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكلەرنىڭ مۇزىكا رېژىسسۇرلىقىنى قىلغان ۋە ئاساسلىق مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن بولۇپ، ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرىدىن 2011-يىلى بىيجىڭدا  ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك "بىيجىڭدا مەشرەپ"، 2012- يىلى بىيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن ئورۇندالغان  "گۈزەل شىنجاڭ"، 2012 - يىلى غۇلجا شەھىرى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ۋە 2019-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى مەدەنىيەت ساياھەت نازارىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان رايۇنىمىزدىكى تۇنجى زامانىۋىي ئېلىكتىرۇنلۇق مۇزىكا بىلەن شىنجاڭ كۈي سۆيەر ئوركىستىر ئۆمىكى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىقلار بار. 

  ئابلەت ئابلىكىم چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىدىن باشقا نۇرغۇن ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى يازغان بولۇپ ، ۋەكىل خاراكتىرلىك ئالقىشلىق ئەسەرلىرىدىن "دولان مەشرىپى" 2007-يىلى مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى ئورۇنلاشتۇرغان مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئون چوڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغاندىن باشقا 2008-يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك  مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.  

   يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇ مۇزىكا ئىجادىيىتىنى قىلغان ئۇسسۇللاردىن  "ئۈزۈمچىلىك ئۇسسۇلى"  شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن ئورۇندىلىنىپ، 2014 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆكخوت مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا، "گۈل مەڭگۈ قىزىل" ئۇسسۇلى شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن 2019-يىلى ئورۇندىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەندىن باشقا مۇزىكا ئىجادىيىتىنى قىلغان سېرىك نۇمۇرلىرىدىن "بوشلۇقتىكى مۇھەببەت" 2004-يىلى ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا، "چەمبىرەك" 2007-يىلى تەڭرىتاغ مەدەنىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 

ئۇ يەنە 1989-يىلى تۇنجى ئىجادىي ناخشىسى "خوش دىدىڭ" دىن باشلاپ بۇدۇنيا، ئۇۋالىم، قېيىن ئىكەن، ئۇچراشقاندا، سۆيگەنىم بار، ئايەم، نورۇز، گەپ بولۇپتۇ، كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن، قېرىنداش بىز، سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ، چىرايلىق، راست، نەچچە رەت، يەتتە پەرزەنت، سۆيگۈ ئۇلۇغ، قۇملۇقتىكى مول-ھوسۇل، دولان مەشرىپى ۋە ساما قاتارلىق نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىنى قىلغان ۋە بۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىنى ئۆزى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.


  ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ياراتقان نەتىجە، شان-شەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. مەزكۇر تەرجىمىھالدا ئېيتىلغىنى ئۇستازنىڭ تۆھپىكىرانە ئىش -ئىزلىرىنىڭ بىر قىسىمى خالاس.

 ئاخىرىدا ئاممىباپ ناخشىچىلىقىمىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى يارقىن ۋەكىلى، ئوتتۇز نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا سانى كۆپ، سۈپىتى دىلغا ياقار ئىجادىيەتلىرى ۋە ئوتلۇق ناخشا سادالىرى بىلەن قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ  دىل تارىمىزنى  چېكىپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار، مۇنەۋۋەر كومپوزىتور، يۇقىرى ساپالىق سەنئەتكارىمىز ئابلەت ئابلىكىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كەسپىي ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق،  شانلىق نەتىجە،  ئىشلىرىغا ئاسانلىق، تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!


سۇبات سەھنىسىدە ئابلەت ئابلىكىم ئۇستاز بىلەن  سۆھبەت



https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?width=500&height=375&auto=0&vid=wxv_1129356453002887169

 ئۇستازنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى


موناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇستازنىڭ تەرجىمىھالى



مەزمۇن تامام


 باشكارىز سالونى كۆرۈرمەن دوستلارنى قىزغىن  قارشى ئالىمىز


باشكارىز سالونى ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ ، تەنتەربىيە ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك مەزمونلارنى يوللاشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىۋېرسال سالون

سالونىمىزنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە

بىرىنچىسالونىمىز ئەسەر ئېلان قىلىشتا  سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىمىز ، ماۋزوكەشلىك قىلىپ،  جەلىپكار ، دەبدەبىلىك ماۋزولار بىلەن ئوقۇرمەننى ئالدىمايمىز، ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتمايمىز

ئىككىنچى. سالونىمىزدا ئىجادىيەتچىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىسىنى چۇقۇم ئەسكەرتىمىز، ئەگەر ئىجادىيەتچىسى ئىنىق بولمىسا، سالونىمىزدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسكەرتىش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك 

ئۈچىنچى. سالونىمىزدا ئىملا قائىدىسىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىمىز، چۈنكى ئىملا قائىدىسى - تىلنىڭ قانۇنىدۇر

ئەسكەرتىش: سالوندا كونا يېزىقتىكى تېكىستلەردە جۈملە ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىلىرى، سانلار قوشۇلغان تېكىستلەر، ھەرخىل تىرناقلار نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنى  باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىز

تۆتىنچى. باشقا دوستانە سالون ياكى تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلاپ تارقاتساق ، مەنبەنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر سالونىمىزدىكى مەزمونلار مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇننىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان بولسا،  سالونغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،  بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە  ئۆچۈرۈمىز

باشكارىز سالونىمىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان سالونلارمۇ  مەزمون ئېلان قىلىنىپ،  بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن  كۆچۈرسە بولىدۇ، شۇنداقلا مەنبە : باشكارىز سالونى دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك،  مەنبەنى ئەسكەرتىمىسە، بىر ھەپتە ئۆتمەي كۆچۈرسە، بىۋاستە  پاش قىلىنىدۇ، قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش - ئەقەللىي ئەخلاق 

بەشىنچى . سالونىمىزدىكى مەزمونلار سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا،  يېقىنلىرىڭىزغا،  چەمبىرىكىڭىزگە  ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، تارقىتىپ قويۇڭ، ياخشى مەزمونلار مەخپىي قالمىسۇن  

ئالتىنچى.مەزموندىن بەھىرلىنىۋاتقان ۋاقىتتا مېھىرلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن سالوننىڭ ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز خۇرسەن بولاتتۇق، سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، بىز ئاز- تولا كىرىمگە ئېرىشەتتۇق

ئاخىرىدا بارلىق كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ تېلىفۇن ئويناپ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەن ساقلىق- تۈمەن بايلىق

كامالى ئېھتىرام بىلەن : باشكارىز سالونى 

باشكارىز سالونىمىزنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق قوشۇۋېلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存