查看原文
其他

ئاتاقلىق شائىر بوغدا ئابدۇللا ئوستازنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك

baxkariz 2023-05-07


سالام ئوقۇرمەن، 5- نويابىر ئاتاقلىق شائىر، پروففىسور،تۆھپىكار ئۇستاز بوغدا  ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، باشكارىز سالونى ئۇستازنىڭ 79 ياشقا تولغان قۇتلۇق  كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا ئەپەندىم 1941-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى لەنجۇدا تۇغۇلغان 


ئۇستاز بوغدا ئابدۇللانىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن بەھىرلىنىڭ


تۇرپان 

بوغدا  ئابدۇللا

 

چېچىۋەر خىيالىمنى تېرىقتەك،

پارچە-پارچە سايلىرىڭ ياپيېشىل.

سەيدىخان تاغلىرى تۇمان ئارا،

يەنە يىراقلاپ كەتسىمۇ ئىسىل.

 

سۇ تۈگمەنلىرى ماڭىدۇ ۋاڭشىپ،

تۆگە قولتۇقىدا پىشقان ئاقناندەك.

كاكچىلار ئوخشايدۇ يازغى تونۇردا،

ئۇشاتسا، ئاغزىڭغا تېتىيدۇ قەندەك.

 

ئايدىڭ باشلىنىدۇ ئاپپاق سايىدەك،

چۆچەك ئاڭلىشىدۇ تونۇر بېشىغا كېلىپ.

كارىزلاردا ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول،

ئاتلار پۇشقۇرار،ھارۋا چاقلىرى ئايلىنىپ.

 

سەھەردە ئوت يۇلسا،ئۇششاقلارغا،

ئېلىپ كېلەر خەمەكلەرنى ناشتىلىق.

تۇمشۇقىغا بىرنى سېلىپ قوغۇننى،

ئالچۇقلاردا يەپ كېتىدۇ بەك تاتلىق.

 

پاراڭلىرى ئىسسىق باسار ئادەمنى،

چۈشۈڭدىمۇ ئاڭلىمىغان ھەرلەقەم.

ئامراقلىقتىن تىللىشىدۇ سالامدا،

بىر گىرىمسىز ھاياتكى بۇ خاتىرجەم.


بوغدا ئابدۇللا ئۇستازغا سالامەتلىك،خاتىرجەملىك يار بولۇشىغا


تىلەكداشمىز!!!


تەبرىك سۈرىتى ۋە  تەرجىمىھال بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى سالونىدىن ئېلىندى



سالونىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈڭ 

بوغدا ئابدۇللا: ياش شائىرلارغا دەيدىغىنىم


ئانا :  بوغدا ئابدۇللا ئۇستازنىڭ ئۆز دىكلاماتسىيەسى


 



白坎儿井文艺平台

baxkariz saloni

مەزمۇن تامام

 باشكارىز سالونى كۆرۈرمەن دوستلارنى قىزغىن  قارشى ئالىمىز


باشكارىز سالونى ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ ، تەنتەربىيە ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك مەزمونلارنى يوللاشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىۋېرسال سالون

سالونىمىزنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە

بىرىنچىسالونىمىز ئەسەر ئېلان قىلىشتا  سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىمىز ، ماۋزوكەشلىك قىلىپ،  جەلىپكار ، دەبدەبىلىك ماۋزولار بىلەن ئوقۇرمەننى ئالدىمايمىز، ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتمايمىز

ئىككىنچى. سالونىمىزدا ئىجادىيەتچىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىسىنى چۇقۇم ئەسكەرتىمىز، ئەگەر ئىجادىيەتچىسى ئىنىق بولمىسا، سالونىمىزدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسكەرتىش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك 

ئۈچىنچى. سالونىمىزدا ئىملا قائىدىسىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىمىز، چۈنكى ئىملا قائىدىسى - تىلنىڭ قانۇنىدۇر

ئەسكەرتىش: سالوندا كونا يېزىقتىكى تېكىستلەردە جۈملە ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىلىرى، سانلار، ھەرخىل تىرناقلار نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇنى  باشقىچە ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىز

تۆتىنچى. باشقا دوستانە سالون ياكى تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلاپ تارقاتساق ، مەنبەنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر سالونىمىزدىكى مەزمونلار مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇننىڭ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغان بولسا،  سالونغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،  بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە  ئۆچۈرۈمىز

باشكارىز سالونىمىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان سالونلارمۇ  مەزمون ئېلان قىلىنىپ،  بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن  كۆچۈرسە بولىدۇ، شۇنداقلا مەنبە : باشكارىز سالونى دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك،  مەنبەنى ئەسكەرتىمىسە، بىر ھەپتە ئۆتمەي كۆچۈرسە، بىۋاستە  پاش قىلىنىدۇ، قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش - ئەقەللىي ئەخلاق 

بەشىنچى . سالونىمىزدىكى مەزمونلار سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا،  يېقىنلىرىڭىزغا،  چەمبىرىكىڭىزگە  ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، تارقىتىپ قويۇڭ، ياخشى مەزمونلار مەخپىي قالمىسۇن  

ئالتىنچى.مەزموندىن بەھىرلىنىۋاتقان ۋاقىتتا مېھىرلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن سالوننىڭ ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز خۇرسەن بولاتتۇق، سىزدىن ھېچنىمە كەتمەيدۇ، بىز ئاز- تولا كىرىمگە ئېرىشەتتۇق

ئاخىرىدا بارلىق كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ تېلىفۇن ئويناپ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەن ساقلىق- تۈمەن بايلىق

كامالى ئېھتىرام بىلەن : باشكارىز سالونى 

باشكارىز سالونىمىزنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق قوشۇۋېلىڭ


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存