查看原文
其他

داپ پېشىۋاسى، مەرھۇم ئىمىن قۇرباننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

baxkariz 2023-05-07

ئاتاقلىق سەنئەتكار، غەربىي دىيار داپ شاھى،  ئىمىن قۇربان 

ئۇستاز ( 1937-2020-) يىىللار

ئاتاقلىق سەنئەتكار، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تۇنۇلغان داپ پىشىۋاسى ، « غەربىي يۇرت داپ شاھى »، شنجاڭ سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپلەرنى قوشقۇچى زات.  دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجلىك مۇزىكانت،  شنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پېنسىيونىرى، ئۇستاز ئىمىن قۇربان بۈگۈن 2020-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ئالەمدىن ئۆتتى،  ئۇستازنىڭ سەنئىتىمىزگە  قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇ ياڭراتقان داپ ساداسى مەڭگۈ جاراڭلايدۇ 


مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى 

  ئىمىن قۇربان ئۇستاز 1937-يىلى تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ   سەنئەت     فاكولتىتىدا  غەربچە مۇزىكا ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە  ئىشلىگەن. كىيىنكى يىللاردا كەسىپ ئۆزگەرتىپ داپ چالغان، ئىمىن قۇربان ئۇستاز كىيىنكى ئۆمرىدە داپتىن ئىبارەت بۇ چالغۇغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، داپنىڭ قۇرۇلمىسىغا كۆپ ئىسلاھاتلارنى قىلغان، شۇنداقلا نۇرغۇن داپ مۇزىكىلىرىنى 

ئىجاد قىلىپ،  باشقا مۇزىكىلارغا تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇنى ئايرىم ئورۇنلاشقا بولىدىغان  چالغۇغا ئايلاندۇردى 

ئىمىن قۇربان ئۇستاز يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت ھاياتىدا  شىنجاڭ دېپىنى پۈتۈن دۇنيا ، سەھنىسىدە ياڭراتتى ، شىنجاڭ سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كىينمۇ داپتىن ئايرىلمىدى، كامالەتكە يەتكەن داپ ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن مۇزىكانتلارنى، ۋارىسلارنى تەربىيىلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر بىر داپچى، ھەر بىر داپ ھەۋەسكارى ئىمىن قۇربان ئۇستازنىڭ تەلىمىنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنى  ئۆزىنىڭ مەنىۋىي ئۇستازى دەپ قارايدۇ

تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ، تۆھپىكار ئۆلمەيدۇ، ئۇستازنىڭ سەنئىتىمىزگە  قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ياڭرايدۇ، ئۇ ياڭراتقان داپ ساداسى مەڭگۈ جاراڭلايدۇ 


       


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存