خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ تەرجىمھالى،ياربولالمايمەن ناملىق شېئىر
خەلق شائىرى روزى سايىت
شائىر روزى سايىت 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1951-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، 1958-يىلىغىچە چايخانا(ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى) مەكتەپتە، ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان. 1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ يېڭى قاشتېشى ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
شائىر روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ يىپەك يولىدا نورۇز، يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان . ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا <چۈشنامە> قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە روبائىيسى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. <قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن، مەرھابا، ئاھ، ئۇزاققا سۇزۇلغان چۈش، كۆڭۈلدىكى گەپلەر، مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار، روبائىيلار، تۇيۇقلار، خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار، دېھقان كۈلكىسى، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى> قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. روزى سايىتنىڭ يەنە <«ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ، كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە، بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى». . . >قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا.
يار بولالمايمەن ساڭا
تېيىپجان ئېلىيوف غەزىلىگە تەخمىس
روزى سايىت
چاغلىما ئەخمەق مېنى ، دەركار بولالمايمەن ساڭا،
نازلىنىپ كۈلمە ، پەقەت ھەمكار بولالمايمەن ساڭا،
ھەم پېيىمگە چۈشمىگىن ، خېرىدار بولالمايمەن ساڭا،
يار بولالمايمەن ساڭا ، دىلدار بولالمايمەن ساڭا،
باشقا خۇشتارىڭ تۇرۇپ خۇشتار بولالمايمەن ساڭا.
ياشلىقىم - پاششالىقىم ، گۈلدەك چېغىم ، دەپ يايرىدىڭ،
سۆيگۈگە قويدۇڭ باھا《ئەرزانۇ قىممەت》 ئايرىدىڭ،
ئويلىماي ئەتەڭنى كىم بىر ئېملىسا مىڭ سايرىدىڭ،
دەم بۇ شاختا سايرىساڭ ، بىر دەم ئۇ شاخنى قايرىدىڭ،
بىر قارارىڭ يوق ئىكەن گۈلزار بولالمايمەن ساڭا.
چىن ساداقەت ھەم ۋاپا -بىلسەڭ مۇھەببەتنىڭ جېنى،
ئېيتقىنا ، سەندە ئۇنىڭ بىر زەررىسى بارمۇ ، قېنى ؟
ئۇ ئەمەس مەككارغا پۇل ،رەۋەندىنىڭ بۇغداي-دېنى،
سەن ماڭا يالغان كۈلۈپ ،راست كۈلدۈرەلمەيسەن مېنى،
مەنمۇ يالغان كۈلكىلىك رۇخسار بولالمايمەن ساڭا.
ئاقمىغاي ئالدامچىلىق ، ئالدامچىنىڭ ئاققان يېشى،
تەگكۈسى ئالدامچىنىڭ كۆكسىگە پاك سۆيگۈ تېشى،
يارسىز ئۆتمەك قىيىن ، بۇ - ھەق ، تەبىئەتنىڭ ئىشى،
بۇ « بازار » دا مىڭ كىشى ، لېكىن كۆڭۈلدە بىر كىشى،
يار بولارمەن بىرسىگە ، زىنھار بولالمايمەن ساڭا.
1980.7.20