查看原文
其他

داڭلىق سۇنايچى، ئىدىقۇت سەنئەتكارى ئەخمەتنىياز جامال ئۇستاز

baxkariz 2023-05-07

ئۇستاز ئورۇنلىغان شادىيانە ناملىق سۇناي مۇزىكىسىغا جۆر بولغاچ  تەرجىمىھالىنى ئوقۇڭ

ئاتاقلىق سۇنايچى، ئىدىقۇت سەنئەتكارى ئەخمەتنىياز جامال ئۇستاز ھەققىدە

مەمەت ئىبراھىم


ئاتاقلىق سۇنايچى ، ئىدىقۇت سەنئەتكارى تۇرپان ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پېنىسىيونىرى ئەخمەتنىياز جامال  ئۇستاز 1949 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لۈكچۈندە تۇغۇلغان. 1970- يىلى قۇمۇل سەنئەت ئۆمەككە  قوبۇل قىلىنىپ، ئۈلگىلىك تىياتىرلاردا  ئاساسىي مۇزىكا ئورۇنلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1976-يىلى تۇرپان ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئالمىشىپ كېلىپ 2012-يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر تۇرپان ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن.

ئەخمەتنىياز ئۇستازنىڭ يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت ھاياتى ئەجىر-مېھنەت، تۆھپە– ئۇتۇق بىلەن ئۆتكەن ھايات دېيىشكە بولىدۇ، ئۇستاز 1982- يىلى « تىيانشان ئاۋازى » مۇزىكا كۆرىكىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن نازىركوم مۇزىكىسىنى ئورۇنلاپ، « مۇنەۋۋەر ئورۇنلىغۇچى» مۇكاپاتىغا؛ 1986-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۆزى ئىجاد قىلغان « دەۋر شادلىقى » ناملىق مۇزىكىنى  ئورۇنلاپ  بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن . ( ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ مۇزىكا ھازىر ئۇستازنىڭ قولىدىمۇ يوق)

ئۇستاز 1987- يىلى  ئەنئەنىۋى ناغرىغا ئۆزگەرتىش قىلغان ئاساستا مىلودىيىلىك ناغرىنى ئىجاد قىلغان ۋە « ئىسلاھ قىلىنغان مۇزىكىلارنى مۇكاپاتلاش» يىغىنىدا « ئىككىنچى دەرىجىلىك » تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۆز نۆۋىتىدە ئۇستاز ئىجاد قىلغان مىلودىيىلىك ناغرا تارىختىن بۇيان ناغرا- سۇناي ئاساسىي چالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان تۇرپان سەنئىتىدىكى، جۈملىدىن شىنجاڭ سەنئىتىىدكى  يېڭىلىق بولۇپ قالدى، شۇنداقلا تۇرپان ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى مەمەت ئۆمەر قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تۇرپان ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كوزۇر چالغۇسىغا ئايلاندى.


 ئەخمەتنىياز ئاكا  تۇرپان ناخشا– ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ياش مۇزىكانتلارنىڭ نەزەرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى يېتەكچى، ياخشى ئۇستاز ھېساپلىنىدۇ، سەنئەت سۆيەر ئاتىنىڭ تەربىيىلىشىدە، سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە ئەخمەتنىياز ئاكىنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئىمىنجان ئاتا ئىزىنى بېسىپ تۇرپان ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىدە مۇزىكانت بولۇپ ئىشلىمەكتە.

باشكارىز سالونىمىز ئەخمەتنىياز ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.

  ،ئەنئەنىۋىيلىكنى نىشان ، تۇرپانچە خاسلىقنى ئىمكان ، سەمىمىيەتنى مىزان  

ئۈنۋىرساللىقنى ئارمان قىلغان باشكارىز سالونىنى قوشۇۋېلىڭ 

كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولغان سالونلار سەمىگە : سالونىمىزدا ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، ئەسەرنى ئۆزگەرتمەي، مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسەك بولىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بىۋاستە پاش قىلىنىدۇ


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存