查看原文
其他

بۇ بىر يىلىدا ئەدەبىيات - سەنئەت ئاسمىنىدىن ئۆچكەن يۇلتۇزلار

baxkariz 2023-05-07




 مەرپۇغە ھېزىم ( 1942-2021) يىللار

 خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق دىراما،  كىنو ئارتىسى،  شىنجاڭدا تۇنجى ئىتوت ئوينىغان ئاكتىيور،  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرنىڭ پېشقەدەم ئارتىسى،  ئۇستاز سەنئەتكار مەرپۇغە ھېزىم 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى



2020 - يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت ئاسمىنىدىن ئۆچكەن يۇلتۇزلار 

سادىر تۇرسۇننىياز ماقالىسى



2020 - يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت ئاسمىنىدىن ئۆچكەن يۇلتۇزلار 

                         

 بىز 2020- يىلى بىلەن خوشلىشپ   يېڭى يىلغا يەنى 2021- يىلىغا قەدەم قويۇپ يېڭى يىلغا تەئەللۇق ئادەملەردىن  بولۇپ قالدۇق.  يىڭى يىلغا قەدەم قويغان ۋاقىتلاردا  2020 - يىلىنىڭ ئەستلىكلىرى كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. جۈملىدىن 2020- يىلى مەن كۆرگەن ئىشلار مېنىڭمۇ  كۆز  ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ ئىشلار ئىچىدە خىزمەت، تۇرمۇشقا دائىر ئىشلار ۋە مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن ئىشلار بار  بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ بەزىلىرى مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ خاتىرىلەپ قويۇشقا ئۈندىدى. بۇلار ئىچىدە ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدە  ۋاپات  بولغان بىر نەچچە تۆھپىكار شەخس ھەققىدىكى خەۋەرنى مەن قەلەمگە ئېلىپ قويۇشقا تېگىشلىك خەۋەر  دەپ قارىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ چىقتىم. 

2020-يىلى ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىن بىرقىسىم كىشىلەر ئارىمىزدىن كېتىپ  بىزنى قايغۇغا سالدى. بىز ئۇلار ئۈچۈن مەرسىيەلەر ۋە ئەسلىمىلەرنى يازدۇق. بۇ ئارقىلىق تۆھپىكارلارنىڭ نامىنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى، خەلقنىڭ تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىدەك رېئاللىق نامايان بولدى. ئارىمىزدىن كەتكەن تۆھپىكارلارنىڭ ئەھۋالى سالۇنلاردا خەۋەر قىلىندى. مەن سالۇنلاردىن خەۋەر تاپتىم. ئەسلى بىر قېتىم خەۋەر قىلىنىپ بولۇنغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ۋاپاتىنى قايتا تىلغا ئېلىپ كۇڭۆللەرنى يېرىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. لېكىن مەن قايتا رەتلەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى،  بۇ مەرھۇملار  ھايات ۋاقتىدا ئۆز كەسپىدە ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرگەن  ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن  ۋەتەننىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۆرگەن تۆھپىكارلار ئىدى.  بۇلار ئىچىدە خەلقىمىز رول ئالغان كىنو- فىلىملىرىنى، دىرامما ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئارتىسلار، ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىچىلار، مۇزىكىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايدىغان مۇزىكانتلار، ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئۇقۇغان يازغۇچى- شائىرلار بار ئىدى. بۇلار ئىچىدە پېشقەدەملەرمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، ياشلارمۇ، ئەرلەرمۇ بار، ئاياللارمۇ بار ئىدى .

مۇشۇ نوقتىدىن ئۇلار قەلەمگە ئېلىشقا لايىق ئادەملەر ھېسابلىناتتى. مېنىڭ ئۇلارنى قەلەمگە ئېلىشىم مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. مەن بۇلارنى قەلەمگە ئېلىپ رەتلەپ رەت تەرتىۋىنى تۇرغۇزۇشتا ئۇلارنىڭ  ۋاپات بولغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى- كىيىنلىك تەرتىۋىنى ئاساس قىلدىم. ئاساسلىق گەۋدىلىك نەتىجىسىنى كۆرسىتىشتە ۋاپات بولغۇچىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى ۋە نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئاساس قىلدىم. سەھىپە ئېتىبارى بىلەن تەرجىمھالىنى بايان قىلمىدىم. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 


2020-يىلى ۋاپات بولغان شەخسلەر تۆۋەندىكىچە؛ 



كېرەم ئابدۇگۈل (1940  -  2020  )

 جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى باش سىياسى بۆلۈمى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق  ناخشىچىسى، ئۇسسۇلچىسى، كىنو- تېلۋېزىيە تىياتېر ئارتىسى.ئۇ ئۇقۇغان « داۋانچىڭ قىزى»،« تارىم دەرياسى»،« چۆمبىلىڭنى قايرىۋەت» ،« ئەپەندى ناخشىسى»،«سۆيۈملۆك  پارتىيەگە مەدھىيە»،« قۇربان تاغا نەگە ماڭدىڭىز» قاتارلىق ناخشىلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.


ھاجى ئەھمەت ( 1942 - 2020 ) 

شائىر، يازغۇچى، ژورنالىست. ئۇنىڭ « ئالتۇن ئاچقۇچ»،« شېئىرىيەت توغرىسىدا»،« ئۆچمەس يۇلتۇزلار»  ،« دېڭىز ئۆنچىلىرى» ،« نۇرلۇق چولپان»،«  قىيان»،« كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت»،«سېھىرلىك ئالتۇن»،« شەپەق جۇلاسى»،«رۇبائىلار»،«ياۋا چېچەك»،«سەلەي چاققان ھەققىدە ھىكايىلار»قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. 2000- يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ«زۇمرەت ئېقىن»،«ھاجى ئەخمەت شېئىرلىرىدىن تاللانما»،« بوز تورغاي»،« گۈلجامال»،« ئالىم- ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايىلار»،«ئىككى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ رېشتى- ئەھمەد زىيائى» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. 2008- يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « ھاجى ئەھمەد ئەسەرلىرى» نامىدا بەش توم قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بولار « يۇلتۇز بىدار ئۇيقۇدىن»،« سۆيگۆ ئۇپۇقى»،« قالدى ئىز يۇلغۇن قىزارغان دالىدا»،« دېڭىز ئۆنچىلىرى»،«ھايات سەھىپىلىرى»قاتارلىقلار. 

ھاجى ئەخمەت ئىجادىيەت ھاياتىنى تەبرىكلەش يىغىنى.بۇ يىغىن قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى،« قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن 1994 - يىلى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 


   ئابلا ئەخمىدى(1935-2020)

يازغۇچى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ « يول ئۈستىدە»،«  بۇزۇلغان قەسەم» ،« ئۇغۇلخان»،« ئادراسمان چېچەكلىگەندە» ناملىق ھىكايە-پوۋېستلىرى،«يىللار»،« داۋالغۇش»،« تۆشۆك مونچاق» قاتارلىق رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە قەشقەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە دائىر ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.

ئابلا ئەھمىدىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىن قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى،« قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن 1994 - يىلى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 


ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ( 1965- 2020 )

مائارىپچى،شائىر،فولكلورمەدەنىيىتىتەتقىقاتچىسى.«يۇلتۇزچۆشى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. 


سۇلايمان روزى(1938- 2020) 

خوتەن ۋىلايەتلىك « يىڭى قاشتېشى» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، لەپەر ئۇرۇنلاش، كىنو- تىياتېرلاردا رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن سەنئەت پىشىۋاسى. ئۇ ئورۇنلىغان « خوتەن ياخشى»،« ئەمگەك ۋە مۇھەببەت»،« ئاشپەزخان بىلەن زەرگەرجان»، «سەھنىدىكى بىر جۈپ ئاي» قاتارلىق نۇمۇرلار خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ لەپەر سەنئىتى ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. 


ئارزۇگۈل رېھىم (  - 2020 ) 

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئۇقۇتقۇچىسى، ئاكتىيور.«پۇل دىگەن نەرسە» قاتارلىق ھىكايە فىلىملەردە رول ئېلىپ تۇنۇلغان. 


ئابدۇكېرىم راھمان ( 1940 -2020) 

شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ فروفېسسورى، دوكتۇر يىتەكچىسى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولكلور مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى. گوۋۇيۆننىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى.« خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئاساسلىرى»،« يىپەك  يولىدىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر»،«ئەدەبىياتھەققىدەمۇلاھىزىلەر»،«فولكلور ۋەيازما ئەدەبىيات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 


 مۇھەممەت رېھىم (1926- 2020 )

 شائىر، ژورنالىست.« بەخت ناخشىلىرى»،« گۆلباھار»،« ئايدىڭ كېچە»،«سېغىنىش»،« سېغىنىش مەكتۇبى»،«مۇھەببەت سەۋدالىرى»،«غۇنچىلارغا»،«جان تەسەددۇق» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە « غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر»  ،« ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى»،« ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قاپىيە لوغىتى» قاتارلىق كىتابلارنى تۆزۆپ نەشىر قىلدۇرغان. كېيىنكى يىللاردا « شېئىرىيەت ۋە تەسىرات» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان.


ئابلىمىت قۇربان ( 1951 -2020 ) 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تۇرپان خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ رەتلىگۈچىسى، مۇزىكانت. ئۇ «نازىركۇم» قاتارلىق تۇرپان خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنى رەتلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.


ئۈمىدجان قادىر (1974 -2020)

شائىر ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1994-يىلى «خوتەن گېزىتى»گە بېسىلغان  « خەلقىمگە » ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 500 پارچىغا يېقىن شېئىر، غەزەل ۋە داستانلىرى ئېلان قىلىنغان. «خوتەندە راۋان يوللار»، «يورۇڭقاش شادلىقى» قاتارلىق توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 


روزىنىسا تۇرسۇن ( 1976-2020) 

خوتەن ۋىلايەتلىك « يىڭى قاشتېشى» ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، ناخشىچى.  خوتەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ماھىر ئىجراچىسى. ئۇ خوتەن خەلق ناخشىلىرىنى ئوقۇشتا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرگەن. 


جەمىلە قۇربان (1943 - 2020 )

شىنجاڭ ھەربى رايۇن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، گېنىرال مايۇر، داڭلىق يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچى. ئۇ ئۇرۇنلىغان خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىي ناخشىلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.ئۇ ئورۇنلىغان ناخشىلاردىن « گۈل بېغىم»،« گۈزەل زېمىن» ، « تاۋا ياغلىق»، « ھاۋاگۇل» قاتارلىق ناخشىلار خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ھەر مىللەت ناخشىلىرىنى ئۇقۇش جەھەتتىمۇ يۇقۇرى ماھارەت يېتىلدۈرگەن. 


ئابدۇللا ياقۇپ ( 1947 - 2020 ) 

مائارىپچى، شائىر.«ھايات كۈيلىرى»(ئابدۇرېھىم ئىسمايىل بىلەن بىرگە)،«ياش ئەۋلاد»، «سالام، يۇلتۇزلار»، «تىلدا دىيانەت، دىلدا خىيانەت»،«ئاچكۇزلەر»، « قەلب تاشقىنلىرى»( رۇبائىيات) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە « بىپەرۋا» ناملىق شېئىر ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شېئىر ھېسابلىنىدۇ. 


مەھمۇد سۇلايمان (1968 - 2020 ) 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم  رايۇنلۇق ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى، ناخشىچى، مۇزىكانت، ئىجادىيەتچى .يىڭى زامان ناخشا- مۇزىكا سەنئىتىنىڭ باشلامچى سەركەردىسى.ئۇ ئۇقۇغان ۋە ئىجاد قىلغان بارلىق ناخشىلاركىشىلەرقەلبىدىن چوڭقۇرئورۇن ئالغان. 


ئىمىن قۇربان(1937 -2020 ) 

شىنجاڭ ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇزىكانتى، ئاتاقلىق داپ چېلىش ئۇستىسى ، داپ چېلىش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.داپ چېلىش ماھارىتىنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ، سەنئەت بېغىدا ماھىر داپچىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەسسە قوشقان. 


يارئېلى ئېزىز(  2020-) 

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك « تارىم» ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى. كۆپلىگەن تىيايىرلاردا رول ئېلىپ ئالقىشلانغان.


قاھار يۈسۈپ (2020   - ) 

 ناخشىچى. باش ئەگىم ۋادىسىدا تارقالغان خەلق ناخشىلىرىنى قېزىش، رەتلەش، ئۇقۇش جەھەتتە تۇنۇلغان تۆھپىكار.


ئابدۇراخمان قاھار (1935 -2020 ) 

 پىداگۇگ، يازغۇچى، جامائەت ئەربابى.« ئىلى دولقۇنلىرى»،«ھايات سىرى»،«كۆڭۆل»،«يىراقتىكى كىشىلەر»،« ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ، « توغراق قىزنىڭ ئاشىقى»، « توزىماس گۈل»ناملىق رومانلىرى،

« كەچۆر،مېنى نازاكەت»،« ئاھ، ياشلىقىم» ،  « ۋاپا»ناملىق ھىكايە- پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.ئەسەرلىرى تېما دائىرسى كەڭ، ژانېرى كۆپ خىل، تىل ئىشلىىتىشتە ئۆزگىچە، ئوبرازلىرى جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىككى قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى بولغان. بۇلار؛ 

ئابدۇراخمان قاھار ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھكىمە يىغىنى.

بۇ يىغىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن 2001- 24- ماي ئۆۇرۇمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.  

ئابدۇراخمان قاھار ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 

 بۇ يىغىن ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،  يازغۇچىلار جەمئيىتى،« ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ  ھەمكارلىقىدا  2010  - يىلى 8-ئايدا غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.


بۇيىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىدىن ۋاقىتسىز ئۆچكەن شەخسلەرنىڭ سالونلار ۋە جەمئىيەت ئارقىلىق بىلگەنلىرىم شۇنچىلىك،قېپقالغانلار بوپ قالسا سالون ئىنكاس رايونىغا تولۇقلاپ قويساڭلار تامامەن بولىدۇ(بۇ تېما سالون بىلەن بىللە ئەستلىك بولۇپ ساقلانغۇسى)،قىسقىسى 2020-يىلى رايونىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغان بىريىل بولدى. بىز ھەرساھەدىكىلەر مەرھۇملارنىڭ تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرۇشىمىز،ئىشلىرىنىداۋاملاشتۇرۇشىمىز،ئىزىنى بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،خەير خوش،بىزلەرنى دەردتە قويۇپ،سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى ئېلىپ كەتكەن كونا يىل!

2020/12/31

   خوتەن  

رۇخسارىم سالونىدىن ئېلىندى


قوشۇمچە

لۇتۇن سالونى يازمىسى

خالمۇرات ماناپ ( 1967 _ 2020 )


ئىلى خەلىق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئىقتىدارلىق رىياسەتچىسى، ئىلى دىيارىنىڭ خەلىق بىلەن سىرداش، مۇڭداش مېھىرلىك ئوغلانى ، < بۇ كېچە سىز تەنھا ئەمەس > پىروگىراممىسى بىلەن ئاڭلىغۇچىلار قەلىب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ۋەيران بولۇش گىردابىدا بېرىپ قالغان ئائىلىلەرنى جەم قىلغان، تۇيۇق يولدىكى ئازغۇن قەلىبلەرنى ئادىمىيلىك يولىغا باشلاپ كىرگەن، چىراق بولۇپ يورۇق مەنزىللەرگە يىتەكلىگەن ئىقتىدارلىق رىياسەتچى.




您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存