查看原文
其他

بىرلا قېتىم باش رول ئېلىپ، ئېكرانغا قايتا چىقمىغان چولپانلار

baxkariz 2023-05-07

ناخشا ئاڭلىغاچ ئوقۇڭ 

ھۆرلىقا ئىبراھىم، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ـ تىياتىرىنىڭ ئارتىسى. 1938-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.

1962-يىلى بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «ئانارخان» فىلىمىدە باش رول ئانارخاننىڭ رولىغا چىققاندىن كېيىن باشقا فىلىملەرگە چىقمىغان.  2020-يىلى 7-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەمەتزۇنۇن ئىسمائىل،  قەشقەردە تۇغۇلغان.  ئاپتونۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى.  1980-يىلى بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «غېرىپ ـ سەنەم» فىلىمىدە غېرىپ رولىنى ئوينىغاندىن كېيىن قايتا ئېكرانغا چىقمىغان

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىسى بۈۋىگۈل غوپۇر پەيزىۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1980-يىلى بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «غېرىپ ـ سەنەم» فىلىمىدە سەنەم رولىنى ئوينىغاندىن كېيىن قايتا ئېكرانغا چىقمىغان

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى كۈرەش رەجەپ 1954-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1980-يىلى بېيجىڭ كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «غېرىپ ـ سەنەم» فىلىمىدە ئابدۇللا شاتىرى رولىنى ئوينىغاندىن كېيىن قايتا ئېكرانغا چىقمىغان 

ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرى ھەسەنجان 1982-يىلى تىيانشان كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «رەنانىڭ تويى» فىلىمىدە باش رول ياسىن ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن قايتا ئېكرانغا چىقمىغان

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى ھەبىبە ئابدۇللا 1958-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.  1981-يىلى «بەخت ناخشىسى» فىلىمىدە گۈلنار ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن قايتا ئېكراندا كۆرۈنمىگەن 

جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى،  ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى،  ئاتاقلىق سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا 1966-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.1984-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «ئۈچ ياش»  ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە باش رول مۇھەررەم ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن قايتا كىنو ئېكرانىغا چىقمىغان 

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ پېشقەدەم ئۇسسۇل يېتەكچىسى تاجىك مىللىتىدىن بولغان ئاتىكەم زەمىرى 1944-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى تىيانشان كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «پۇل دېگەن نەرسە» فىلىمىدە باش رول تەلەيخان ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن قايتا ئېكرانغا چىقمىغان

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەنزۇچە قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مۇنىرە ئەنسەردىن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.  1992-يىلى تىيانشان كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن «ئاماننىساخان» فىلىمىدە ئاماننىساخان ئوبرازىنى ياراتقاندىن كېيىن كىنو ئېكرانىغا قايتا چىقمىغان  

menbe : tajdar saloni

روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ، پاش قىلىنىسىز




您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存