查看原文
其他

ئىلى بۇلبۇلى داۋۇتجان ناسىرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭغا بېغىشلىمىلار

باشكارىز baxkariz 2023-05-07


مەرھۇمغا بېغىشلىمىلار

داۋۇتجان ناسىر ئېيتقان ناخشىلار كىشنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، خۇددى قارىغايزارلىقلار ئارىسىدىن شارقىراپ چۈشۈۋاتقان دولقۇنلۇق تاغ سۇلىرىغا ئوخشاش كىشىگە ئارام ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. «ناخشىلىرىڭىز نېمىشقا شۇنچە تەسىرلىك؟ » دېگەن سوئالغا ئۇ: «قانداق چۈشەندۈرسەم بولار... دۇتارنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولىدۇ... كىچىك ۋاقتىمدا كۆزۈم خىرە كۆرەتتى. يىللار ئۆتكەنسېرى يورۇق ئالەمنى كۆرۈشتىن قالدىم. مەن ئېيتقان ھەربىر ناخشا ھاياتقا، ئادەملەرگە بولغان مۇھەببىتىم، قۇياش نۇرى ئاستىدا تاۋلىنىپ ياتقان كەڭ دالا، ياپېشىل ئوتلاقلارغا بولغان سېغىنىش ھېسسياتىم، يۈرەك مۇڭىم بىلەن تولغان...» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈۋاتقان بۇ ھارماس بۇلبۇل 1988–يىلى 18–سېنتەبىر ئەتىگەندە، مېڭىسىگە قان چۈشۈش سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئارىمىزدىن كەتتى. مەرھۇم ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ ھەيئىتى، غۇلجا شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى ئىدى.

داۋۇتجان ناسىرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئۇشتۇمتۇت تارقىغان بۇ شۇم خەۋەر شۇ كۇنى ھاۋا ئوچۇق تۇرۇپ گۈلدۈرلىگەن چاقماقتەك ھەممىنى تاڭ قالدۇردى، يولۇچىلار توختاپ تېڭىرقاپ، بىر–بىرىگە قاراشتى، كاسىپلارنىڭ قولى ئىشقا بارماي قالدى، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنى ئېچىلمىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقانلىكى ئادەملەر دۆڭمەھەللىگە قاراپ ئاقتى.

 شۇ چاغدا شائىر ئابدۇساتتار ناسىرى بۇ مەنزىرىنى مۇنداق مىسرالار بىلەن ئىپادىلىگەنىدى:


تاڭ يورۇپ

سۈبھى ئەمدى سۈزۈلگەندە.

داۋۇتجان تىنىپ قالدى،

بىر ئۇھ تارتىپ،

تۇيۇقسىز يۈرەك تارى ئۈزۈلگەندە.

نېمە ئۇ؟

ئاق يەلكەنمۇ ئوكياندىكى؟

ئاققۇمۇ ئۇچۇپ بارغان ئورماندىكى؟

ئاق بۇلۇت ئىچىدە دىلغا مۇڭلار تۆكۈپ،

ئايمۇ ئۇ ئۈزۈپ ماڭغان ئاسماندىكى؟

ياق دوستلار،

داۋۇتجاننىڭ تاۋۇتى ئۇ،

ئادەملەر ئېقىنىدا كېتىپ بارغان.

تەلمۈرۈپ قارىشىدۇ كۆزلەر كۆزگە،

مۇسىبەت دەرياسى شۇ ئېقىپ بارغان.


ئاتاقلىق شائىرىمىز، مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ گويا شۇ كۈنلەردىكى غۇلجىنىڭ ئەھۋالىنى، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ بىلەن ھېسامنىڭ كۆزىدىكى مۇسىبەت يېشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك مۇنۇ مىسرالارنى تىزغانىدى:

مەن ئىشەنمەيمەن نېچۈك راستىنلا شۇم ئەجەل كېلىپ،

جان مېۋەڭنى ئۈزگىلى قەددىڭ شېخىنى ئەگدىمۇ؟

ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك «مىڭ ياشا!» دەيتتى سېنى،

كۆپچىلىك سۆزلەۋېرىپ ئاخىر ساڭا تىل تەگدىمۇ؟...

غۇلجىنىڭ پەركايى ئۇچقاندەك سېزىلدى ئاشۇ كۈن،

چۈنكى ئۇندىن كەتتى بىر تەڭدىشى كەم بۇلبۇل ئۇچۇپ،

ئا. جارۇللايۇپ تۆكۈپ ياش، كۈلكىدىن قاپتۇ ھېسام،

يىغلىسا ئەرزىيدۇ ئۇيغۇر پۇشتى قەبرەڭنى قۇچۇپ...


ئاتاقلىق كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى داۋۇتجان ناسىرنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ: «سەنئەت گۈلزارىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ يوقىتىش بولدى» دېدى. داۋۇتجاننىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى ئۇنىڭغا بەكمۇ روشەن ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىر جۇدالىق ھەسرىتىدە تىتىرىگەن قوللىرى بىلەن كۆزەينىكىنى تارتىپ: « داۋۇتجان ناسىر خەلقنىڭ سەنئەت ئىشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغ ئادەم» دەپ يازدى. ئۇ ياۋروپا، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆز ئېلىنىڭ توپىلىق يوللىرىنى، ناخشا– سازلىرىنى سېغىنغانىدى، داۋۇتجان بىلەن يەنە بىر سورۇندا بولۇشنى ئستەيتتى....

داۋۇتجان ناسىرنىڭ تەزىيە مۇراسىمى 28–سېنتەبىر غۇلجا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق–تۇغقان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، نەچچە يۈز ئادەم بۇ كىچىك زالغا تىقىلىپ قالغانىدى. داۋۇتجان ناسىرنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندە كىشلەر كۆز يېشىنى توختىتالمىدى، 

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن:

ئۆيۈڭدە دۇتارىڭ قالدى ئېسىقلىق،

ئورنۇڭدا قولىغا كىم ئالار ئۇنى؟

ئېيتقىنە، بىز بارساق غېرىپخانەڭغا،

ئالسىمۇ، سېنىڭدەك كىم چالار ئۇنى؟

سورۇنلار سېنىڭسىز چۆل بولدى گويا،

قارىساق، ھېسامكام يېنىدا سەن يوق.

يىراقتىن كەلگەنلەر ئارماندا– داغدا،

قايتىشتى، سەۋەبى ئىلىدا سەن يوق......

دەريالار يىغلايدۇ، باغلار كۆزى ياش،

ماتەمدە ۋەتەننىڭ ئالمىزار شەھىرى.

ۋادىمىز يىغلايدۇ كەتتى دەپ بۇندىن،

ئۇيغۇرنىڭ بۇلبۇلى، ئىلىنىڭ پەخرى...

دەپ، يېزا خەلقنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئېيتتى. پېشقەدەم شائىرىمىز مۆمىن سەپىرى مىكروفون ئالدىغا چىققاندا پۇغاندىن بوغۇلۇپ قالدى. دائىم كۈلكە پەيدا قىلىدىغان ھېسامنىڭ چىرايىدىن بۈگۈن كىشلەر چوڭقۇر قايغۇ ھەسرەتنى كۆردى. ئۇ سۆيۈملۈك ئىنىسى، ياخشى–يامان كۈنلەردە بىللە بولغان سەپدىشى داۋۇتجانغا ئاتاپ ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچى بولغاندا، كۆز چاناقلىرىدىن ئىسسىق تاش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشتى.....


داۋۇتجان ناسىر ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرى ئۈستىدىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن چالغۇچى ئىدى. ئۇ مۇقامنىڭ داستان، مەشرەپ، مەرغۇللىرىنى ناھايىتى نەپىس چالاتتى. ئاپتونوم رايون ۋە غۇلجا شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ ئىلى مۇقامىنى لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىنىڭ كۆپىگە داۋۇتجانمۇ قاتناشقانىدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى مەيۈسلەنگەنلەرگە ئۈمىد، ھارغانلارغا ئارام، چېچىلغانلارغا تەسەللى، غېرىبسىنغانلارغا خۇشاللىق بېغىشلايتتى. داۋۇتجان ناسىر سەنئەت ئىشلىرىمىزغا قوشقان تۆھپىسى، كەمتەر ئەخلاق–پەزىلىتى بىلەن ئۆزىگە ئەنە شۇنداق يىقىلماس ھەيكەل تىكلەپ ئارىمىزدىن كەتتى. ( مەنبە : تور دۇنياسى)

مەزمۇن تامام، ئېلانغا نەزەر سالغايسىز 

يېڭى ماشىنا سېتۋالماقچى بولسىڭىز، يىڭى ماشىنىڭىزنى ئىجارە بېرىپ ئايلىق% 32  مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىم ياراتماقچى بولسىڭىز، ئېشىنچە پۇلىڭىزنى  مەبلەغ سېلىپ، ھەرئايدا  مۇقىم كىرىم ياراتماقچى بولسىڭىز، ئىككىنچى قول ماشىنا سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولسىڭىز،  كۈنلۈكى 99يۇەندىن باشلانغان ئىجارە ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز،  ئۆي سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولسىڭىز، يۇقىرىقى تۈرلەر ھەققىدە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز ئامراق ماشىنام ۋە رۇجىيا ئۆي مۈلۈكچىلىك شېركىتى خېرىدارلار دېرىكتورى ئەخمەتجان ئىبراھىم  بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تېلىفۇن، ئۈندىدار :18999473646

يارقۇت سالونى ئاۋازلىق، خەتلىك ئەسەرلەر، ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك ماقالىلار يوللىنىدىغان سالون، قوشۇۋىلىڭ

،ئەنئەنىۋىيلىكنى نىشان، تۇرپانچە خاسلىقنى ئىمكان، سەمىمىيەتنى مىزان  

 قىلغان باشكارىز سالونىنى قوشۇۋېلىڭ

baxkariz-坎儿井民艺平台

 

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存