其他

1-ئاپرىلدىن باشلاپ ئىككىلىك كود چىقىم قىلىش كۈنلۈك چېكى 500 يۈەن

2018-03-16 karakax






1-ئاپىرىلدىن باشلاپ ئۈندىدار، ئالىپايدا ئىككىلىك كودنى

 سايىلەپ چىقىم قىلغاندا بىر كۈندە كۆپ بولغاندا 500 يۈەن چىقىم قىلغىلى بولىدۇ.
央视 تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى «تاياقچە كود چىقىم قىلىش بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى (سىناق )» ۋە «تاياقچە كود چىقىم قىلىش تېرمىنالى تېخنىكا ئۆلچىمى (سىناق)» نى 2018-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمىلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. 

بۇ «ئۆلچەم» بويچە ئالىپاي، ئۈندىدار قاتارلىق ئەپلەردە ئىككىلىك كودنى سايىلەپ پۇل چىقىم قىلغاندا پۇل سوممىسى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بارلىق كود سايىلەپ چىقىم قىلىشتا بانكا ياكى چىقىم قىلىش ئورگىنىنىڭ تاياقچە كود تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، پۇل چىقىم قىلغۇچى، تاپشۇرۋالغۇچى ئارىسىدىكى پۇل يۆتكەش كەسپىنى ئېلىپ بارىدۇ. چىقىم قىلىش كودىنى سايىلەش، كىرىم قىلىش كودىنى سايىلەش قاتارلىق ئىككى خىل ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاياقچە كودتىن باشقا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كودنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشچە، تېنچ ھالەتتىكى كود (قەغەزگە چىقىرىپ چاپلاپ قويغان ئىككىلىك كود) نى يامان غەرەزدە ئۆزگەرتىش، تىرويان، ۋىرۇس قوشۇۋېتىش ئاسانكەن. مەركىزى بانكا قائىدە چىقىرىپ، تېنچ ھالەتتىكى كودنى سايىلەپ چىقىم قىلىشنىڭ خەۋىپتىن ساقلىنىش دەرىجىسىنى D قىلىپ بەلگىلىدى. قايسى خىل ئۇسۇلدا دەلىللەش شەكىلىنى قوللىنىشتىن قەتئىي نەزەر ئىككىلىك كود سايىلەپ چىقىم قىلىشتا بىر ھېساباتتا بىر كۈندە جەمئىي چىقىم قىلغان پۇل 500 يۈەن ئىچىدە چەكلىنىدۇ.
مەسىلەن: ئىستىمالچى مال سېتىۋالغاندا ئۈندىداردا تېنچ ھالەتتىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ پۇل چىقىم قىلغاندا بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈندىداردىكى (零钱) پارچە پۇلدىن  500 يۈەن چىقىم قىلالايدۇ. شۇنداقلا ئۈندىدارغا باغلانغان بارلىق بانكا كارتىسىدىنمۇ مۇستەقىل ھالدا 500 يۈەنلا چىقىم قىلغىلى بولىدۇ.

ھەرىكەتچان ھالەتتىكى تاياقچە كود (يانفوندا پايدا ھاسىل بولىدىغان كود) تىن پايدىلىنپ چىقىم قىلغاندا خەۋپتىن ساقلىنىش دەرىجىسىنى دەلىللەش شەكىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ A、B、C دەرىجىگە بۆلدى. بۇ دەرىجىنىڭ بىر ھېساباتتا بىر كۈندە چىقىم قىلىش چېكى ئۆزى بەلگىيەلەيدىغان،  5000 يۈەن، 1000 يۈەن قىلىپ بۆلۈنىدۇ.



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存