其他

توكيو تاپخورلىرى3-بۆلۈم ۋە گىگانىتلار زەربدە يېڭى يىلدا قويۇلىدۇ

2017-12-10 alwastilar

 

    

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2017-يىلى ئاياغلىشاي دەپ قالدى. 10-ئايلىق يېڭى كارتونلارنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولدى، 10-ئايلىق كارتون فىلىملەرنىڭ خاتىمە بېرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى يىللىق يەنى 2018-يىللىق يېڭى كارتون فىلىملەر كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى، يېڭى يىلدا قويۇلىدىغان بىرنەچچە كارتون فىلىم تىزىملىكىدىن ھازىرلا خەۋەردار بولىسىز، ئارىسىدا سىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كارتونلار بار ئەلۋەتتە، قېنى سىز قايسىنى قوغلاپ كۆرىسىز؟

گىگانتلار زەربىدە

 گىگانىتلار زەربىدە OAD قىسمى 2018-يىلى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ 

بۇ كارتون فىلىمنىڭ 2-بۆلۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى چىققان، ھەر بىرقىسىمى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان نادىر كارتون فىلىم، ھەربىر كۆرۈرمەننىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان فىلىمىنىڭ بىرى. 


توكيو تاپخورلىرى

توكيو تاپخورلىرى 3-بۆلۈم يېڭى يىلدىن باشلاپ قويۇلۇشنى باشلايدۇ، نەچچىڭلار ساقلاپ بولالماي كۆزلىرىڭلار سەككىز بولۇپ كەتكەن كارتون ئاخىرى قويىلىدىغان بولدى، تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى.


مۇز ئۈستىدىكى يۇرى

مۇز ئۈستىدىكى يۇرى. بۇ كارتون فىلىم ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىم ئىدى (كىچىكلەر كۆرۈشكە بولمايدۇ) 12 قىسىمدىلا ئاياغلاشتۇرۇۋالغان، يېڭى يىلدا تىياتىر نۇسخىسى ئىشلەنمەكچى ھەمدە ھەيران قالارلىق مەزمۇن تېخىمۇ كۆپكەن.


ئالاھىدە ئىقتىدارلىق سايكىنىڭ ئاپىتى

ئالاھىدە ئىقتىدارلىق سايكىنىڭ ئاپىتى، بۇ مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كۆرگەن كارتون فىلىم ناھايىتى قىزىقارلىق. نەچچە قېتىم-قېتىملاپ كۆرسىمۇ زېرىكمەيدىغان كومېدىيەلىك كارتون فىلىم.


شاھ

شاھ تىياتىر نۇسخىسى، شاھنىڭ تىياتىر نۇسخىسى يېڭى يىلدا قويۇلىدۇ، شاھلىق ئورنىنى تالىشىش جېڭى يەنە باشلىنىدۇ، زادى قانداق مەزمۇنلار يېڭىلىنىپ كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلار؟


زېرەك قۇيرۇقى

زېرەك قۇيرۇقى ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن قىزىققان كارتون فىلىم بولۇپ، ئارىدا توختاپ قالغان. لېكىن يېڭى يىلدا زېرەك قۇيرۇقى 3 كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، ھەقىقىي قىززىققانلىق ئىزدەۋاتقانلار ۋە ياقتۇرىدىغانلار ئۆتكۈزۈۋەتسە بولمايدۇ كارتون فىلىم.


FREE

بۇ كارتون فىلىم قىزلارنىڭ (نەنشېن) ئاق ئاتلىق شاھزادىلىرى توپلانغان كارتون تىياتىر نۇسخىسى، يېڭى يىلدا قويۇلىدۇ، قىزلار يەنە ئەس-ھۇدىنى يوقىتىدىغان بولدى-دە.


پولات قۇرۇلبىدىكى كابانېرى

پولات قۇرۇلبىدىكى كابانېرى 2-بۆلۈم يېڭى يىلدا قويۇلىدۇ، بۇ ئىنتايىن نادىر كارتون بولسىمۇ دۆلىتىمىز ئىچىدە چەكلىۋېتىلگەن. شۇڭلاشقا چەكلەش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالغۇچە كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.


بىر مۇشت پالۋان

كارتونلارنىڭ ئەڭ پەيزىسى ئىنتايىن ئۇزۇن كۈتكەن تاقىر پالۋان، بۇ كارتون فىلىم ياپونىيەدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ھەمدە سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاۋاتقان كارتون فىلىم، جۇڭگودىمۇ ئىنتايىن ياخشى سېتىلىپ، زور كىرىم ياراتقان كارتون فىلىم. كارتون فىلىم ئىچىدىكى جەڭ كۆرۈنۈشلىرى ۋە كارتون ئىچىگە يوشۇرۇنغان مەنالارنىڭ سەرخىللىقى كۆرۈرمەنلەرنىڭ يادىدىن چىقمايدۇ. 


يۇقارقى سەرخىل يېڭى يىللىق كارتون فىلىملەر ئىچىدىن سىز قايسىسىنى تۆت كۆزىڭىز بىلەن ساقلىغان؟ قايسىلىرىنى قوغلاپ تۇرۇپ كۆرىسىز؟

ئالۋاستىلار سالونى

4.44 ئۆتكەندە ئۆلۈش، تىلسىماتلىق دۇنيا، قۇملۇقتىكى قەدىمى قەبرە ناملىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى بولغان ۋاپاجاننىڭ سالونى بولغان ئالۋاستىلار سالونىمىزنى قوشىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەتىكى مەزمۇنلىرىمىز تېخىمۇ سەرخىل ، سالونىمىزنى قوشىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ . سالونىمىزنىڭ شۇئارى ، ساغلام ، نادىر بولغان ئەسەرلەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئىللىق، گۈزەل ، ئىناق ئىتتىپاق ،ئەدەبى ئەسەر سورۇنى ھازىرلاش.



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存