بالىلار ئاچ قورساق يېسە بولمايدىغان نەرسىلەر
سەرخىل مەزمۇنلار سەبىيلەر سالونىدا
بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بالىلارنىڭ ھەرىكىتى تولا، شۇڭا يېگەن نەرسىسى تېزلا ھەزىم بولۇپ، تېزلا قورسىقى ئېچىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلار ئەتراپىدا يېگۈدەك نەرسىلا بولسا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئېلىپ يەۋېرىدۇ. ئەمما، ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىڭلار، بالىلارنىڭ ئۈچىيى ۋە ئاشقازىنى بىر قەدەر يۇمران، ئاجىز بولغاچقا، بەزى يېمەكلىكلەرنى ئاچ قورساق يېسە، بالىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يولى زەخمىلىنىدۇ.
1. ئاناناس
ئاناناسنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك ئېنېزم بار، بالىلار ئاچ قورساق ھالدا ئاناناس يېگەندە ئاشقازان دىۋارى زەخمىلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار ئاناناسنى ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بالىلارغا بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاناناستىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.
ئاناناسنى ئەڭ ياخشىسى سۇس تۇز سۈيىگە چىلاپ يىگەن ياخشى، چۈنكى ئاناناسنى كۆپ يەۋەتكەندە كالپۇك ۋە تىل قىچىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ كېتىپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ.
2. لىجى
يېڭى لىجىنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى ئىنتايىن كۆپ، بالىلار لىجىنى ئاچ قورساق يېگەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئاچ قورساق ھالدا لىجىنى بەك كۆپ يەۋەتكەندە، بەدەنگە تۇيۇقسىزلا كۆپ مىقداردا شېكەر تەركىبى كىرگەچكە، «كۆپ سىڭىش خاراكتېرلىك بىھوشلۇق» يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچ چاغدا ئىمكانقەدەر لىجى بەرمەسلىك كېرەك.
3. سوغۇق ئىچىملىك
ئاتا- ئانىلار ئادەتتە بالىلارغا سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ بەرمەسلىك، بولۇپمۇ بالىلار قورسىقى ئاچ چاغدا ھەرگىز سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى سوغۇق ئىچىملىك بالىلارنىڭ ئاشقازىنى ۋە ئۈچىيىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى قان تومۇرىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلسا، ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا قەتئىي دىققەت قىلىش كېرەك!
4. بېلىق ۋە گۆش
بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچ چاغدا، ئۇلارغا ئىمكانقەدەر ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولغان بېلىق ۋە گۆش بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى قورساق ئاچ چاغدا ئاقسىل مىقدارى كۆپ، كاربون- سۇ بېرىكمىسى ئاز بولغان بېلىق ۋە گۆشلەرنى كۆپ يېگەندە، كۆپ مىقداردا ئازوتلۇق چىقىرىندىلار ھاسىل بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا بالىلارغا ئاۋۋال ئازراق شورپا ئىچكۈزۈپ، قورسىقىنى بىر ئاز تويدۇرۇش كېرەك.
5. ئەبنۇس (ھالۋابىدىت)
بالىلار ئاچ قورساق ئەبنۇس يېسە، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قۇيۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەبنۇسنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بېرىكىپ، «ئەبنۇس تېشى» شەكىللەندۈرۈپ، بالىلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئاشقازان يارىسى ھەتتا ئاشقازان تىشىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلار ئاچ قورساق چاغدا ئەبنۇس يىگۈزمىگەن ياخشى. ئەگەر چوقۇم يەيمەن دەپ تۇرۇۋالسا، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، ئىمكانقەدەر پوستىنى يىگۈزمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئەبنۇس تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا ئۇنىڭ پوستىدە مەركەزلەشكەن.
6. قارا چىلان
قارا چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە يىلىمى ۋە تاننىك كىسلاتا بار بولۇپ، بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئاسانلا بېرىكىۋېلىپ، ئاشقازاندا قاتتىق كاللەكچە پەيدا قىلىدۇ. بالىلار قورسىقى ئاچ ۋاقىتتىن باشقا، يەنە ئۇخلاشتىن ئىلگىرىمۇ قارا چىلاننى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
7. ئاپېلسىن
بالىلار ئاچ قورساق ھالدا ئاپېلسىن يېمىگەن ياخشى، چۈنكى ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار، ئەگەر ئاچ قورساق ئاپېلسىن يېگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، بالىنىڭ ئاشقازىنىنى بىئارام قىلىدۇ.
8. كەمپۈت
بالىلار ئاچ قورساق كەمپۈت يىگەندە، ئاقسىلنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى شېكەر توپلانغان ماددىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق شېكەر توپلانغان ماددا بەدەننىڭ ئاقسىل سۈمۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
9. چاي
چاينىڭ تەركىبىدە كوففېئىن قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئىشقارلار بار، ئەگەر بالىلار قورسىقى ئاچ ھالدا چاي ئىچسە، ئۈچەي سۈمۈرۈۋالغان قەھۋە ئىشقارى كۆپىيىپ كېتىپ، بالىلاردا يۈرىكى سېلىش، بېشى قېيىش، پۇت- قولى ماغدۇرسىزلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، ھەتتا «چايدىن مەست بولۇپ قېلىش» ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
10. ۋىتامىن
ۋىتامىننىڭ مولېكۇلاسى كىچىك، تېز سۈمۈرۈلىدۇ، ئەگەر بالىلار قورسىقى ئاچ چاغدا ۋىتامىن يېسە، قاننىڭ قۇيۇقلۇقى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كېتىدۇ، سۇدا ئىرىيدىغان ۋىتامىن ناھايىتى تېزلا بۆرەكتىن ئۆتۈپ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بالىلار قورسىقى ئاچ چاغدا ۋىتامىن يېمىگەن ياخشى. بالىلارغا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن سۇدا ئىرىيدىغان ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق قىلغاندا ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىگە تەسىر يەتمەيلا قالماستىن، يەنە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
دۇنيا بويىچە قوبۇل قىلىنىش ئەڭ تەس 10 ئالىي مەكتەپ
ئەقليفون سەۋەبلىك بۇ 9 نەرسە تۇرمۇشىمىزدىن شاللىۋېتىلىدۇ
بوۋاقلارنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىققاندا قانداق قىلىمىز؟
更
多
精
彩
ئوڭ تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى
ئۈندىدار سالونى
: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى
0991-2863969
0991-2886219
بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر
! مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ