查看原文
其他

سۈت پاراشوكىنى ساقلاش ئۇسۇلى

2017-09-26 sebiler

 سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ھاۋادا ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ ھەم تېز نەم تارتىپ، ئۇششاق مونەكچە بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنى تەڭشىگەندە غەيرىي پۇراق، يەنى ھاراق، بېلىق پۇرىقى بار بولسا، بۇ سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ.

 سۈت پاراشوكىنىڭ نەم تارتىپ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۈت پاراشوكى سېتىۋالغاندا، بەك چوڭ ئورالمىلىقىنى سېتىۋالماسلىق، ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك. قۇتىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە تال قەنت سېلىپ قويغاندا ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، قەنتنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش رولى بار. تۆمۈر قۇتىلىقلىرىنىڭ ئاغزىنى ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە ھىم ئېتىپ، قۇتىنى دۈم قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سۈت پاراشوكىنىڭ ساقلاش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. خالتىلىقلىرىنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك، توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ. بەزىلەر سۈت پاراشوكىنى ئەينەك قاچىغا تۆكۈپ ساقلايدۇ. ئەينەك قاچىدا ساقلىغاندا ئەڭ ياخشىسى رەڭلىك ئەينەك قاچىدا ساقلىغان ياخشى. سۈزۈك ئەينەك قاچىدىن نۇر ئۆتۈپ كېتىدۇ، سۈت پاراشوكىغا نۇر ئۆتۈپ كەتسە، تەركىبىدىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ.



سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى ياۋروپاندا نامايەن قىلغان ئۇيغۇر قىزى

(تەۋسىيە(ئانا ئۆي تامىقى يەيلى

كالپۇك يېرىلىشنىڭ ئاددىي داۋاسى

ياپونلارنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئۈچ مەسىلىسى

‫«ئۇكاڭغا بېرە، ساڭا بىرنى ئېلىپ بېرەي» دەيدىغان ئاتا-ئانىلارغا

ئوڭ  تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ





شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى

ئۈندىدار سالونى


: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى

0991-2863969

0991-2886219


بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر

مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存