查看原文
其他

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالىدىكەن؟

2017-12-08 👉 sebiler

SEBILER

تەھرىر ئىلاۋىسى: جەمئىيەتتە دېيىلىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ماھىيەتتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋىيە ئىمتىھانىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىمتىھان ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.


”ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش شەرتلىرى تېخى ھازىرلانمىدى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى ئاساسىي ۋەزىپە ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدا ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر.“

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى مەسئۇلى يېقىندا توردا تارالغان ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى 12 يىللىققا ئۆزگەرتىلىدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن“ دېگەن گەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى 12 يىللىققا ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

”بۇ يىل مائارىپ مىنسىتىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق «تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاتاكا جېڭى پىلانى (2017-2020-يىلغىچە)»نى تارقىتىپ، 2020-يىلغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.“

”ئەمما، ئومۇملاشتۇرۇش، مەجبۇرلاش ۋە ھەقسىز قىلىش دېگەن بۇ ئۈچ ئۇقۇم بىربىرىگە ئوخشىمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇنى مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ياكى ھەقسىز قىلىۋېتىش ئەمەس، ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئىش ئوقۇش ئېھتىياجى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر.“

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى مەسئۇلى يېقىندا توردا تارالغان ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى 12 يىللىققا ئۆزگەرتىلىدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن“ دېگەن گەپلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى 12 يىللىققا ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە:

مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلۇش، تەكشى، مەجبۇرىي، ھەقسىز بولۇشتەك خاسلىقلارغا ئىگە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»دا، ئېلىمىز توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

مەجبۇرىيەت مائارىپى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش سەۋىيەسى %93.4كە يەتكەن، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئەمما، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا تەرەققىيات تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولغاچقا، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش سەۋىيەسى ۋە تەكشى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ.

بۇ مەسئۇل مۇنداق دەيدۇ:

”ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر بىز ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ بولدۇق، كېيىكى قەدەمدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئارخىپ تۇرۇغۇزپ كارتا تارقىتىلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەسئۇل يەنە ”تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالىدىكەن“ دېگەن گەپنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

”پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2016-يىلى مائارىپ مىنسىتىرلىقى «تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

بىز شۇنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدۇقكى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋىيە ئىمتىھانى يولغا قويۇلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالىدىكەن دېگىنى قۇرۇق گەپ، بەلكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر ئىمتىھاننى كۆپ ئىشقا تەتبىقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش يۈكى ۋە بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ. 

بۇ مەسئۇل تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئەسلىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنىڭ يېڭىچە ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنىڭ ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى توغرا يۈنىلىشكە باشلاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ھۆججەتتىكى تەلەپلەر ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا دائىر تەپسىلىي پىكىرىنى تۈزۈپ چىقىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىۋېتىپتۇ.

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

شىنجاڭدىن چىقىدىغان بۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى بالىڭىز ئىچكەنمۇ؟

باتارېيە يۇتۇۋالغان بالا ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل قالدى

بانان شۆپۈكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى

قانۇن بويىچە قوغدىنىشقا مۇناسىۋەتلىك 15 تۈرلۈك ئاددىي ساۋات

بالىلارقەتئىي يېسە بولمايدىغان كۈندەيەۋاتقان يېمەكلىكلەر


شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۈندىدار سالونى


سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى

0991-2863969

0991-2886219


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存