تېز ئۆچۈرۈۋېتىڭ! بۇ سەككىز خىل ئەپ قانۇنغا خىلاپكەن
SEBILER
دۆلەت كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى يېقىندا ئالاقە تورىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپ ھەم زىيانلىق سەككىز ئەپنىڭ ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەپلەرنىڭ ئاساسلىق زىيىنى مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش ۋە لۈكچەكلىك قىلمىشىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن بولىدىكەن.
بۇ ئەپلەرنىڭ نامى ۋە كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
《欢聊》(版本V2.0.1_0edd508)
”كۆڭۈللۈك پاراڭلىشايلى“ دېگەن مەنىدە.
《仿Iphone来电闪光》(版本V2.1.3)
”يانفون ئېكرانىڭىز ئايفون كۆرۈنمىسىدە لاپىلدايدۇ“ دېگەن مەنىدە.
بۇ ئىككى ئەپتە خەتەرلىك قىلمىش كودى ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئەپلەر ئۆز ئالدىغا يەنە ئەپ چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلايدىكەن ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، خۇسۇسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىش، ھەق ئارتىپ كېتىش ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
《字体大师》(版本V5.1.19)
”خەت ئۇستىسى“ دېگەن مەنىدە.
《一键清理》(版本V1.8)
”بىر بېسىپ تازىلاش“ دېگەن مەنىدە.
《威动播放器》(版本V1.3.0)
”ۋېيدۇڭ ئۈن-سىن قويغۇچ“ دېگەن مەنىدە.
《网速测试》(版本V5.10.02)
”تور سۈرئىتىنى ئۆلچەش“ دېگەن مەنىدە
《惊人照片拼图》(版本V1.13)
”ھەيران قالدۇرارلىق سۈرەت تىزغۇچ“ دېگەن مەنىدە.
《超亮LED手电筒》(版本V1.6)
”دەرىجىدىن تاشقىرى قولچىراغ“ دېگەن مەنىدە
بۇ ئالتە ئەپكە يامان غەرەزلىك ئېلان قىستۇرمىلىرى باغلانغان بولۇپ، بۇ قىستۇرمىلار سىستېما ئارقا سۇپىسىدا ئەسكەرتمە بەرمەستىن ئېلان ئەپلىرىنى چۈشۈرۈدىكەن، ئاقىۋەت ئېقىم مىقدارى خورايدىكەن.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
بىرىنچىدىن، يانفون سىستېمىسىنى بىھۇدە بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن ساقلاش ئۈچۈن، قانۇنغا خىلاپ ۋە زىيانلىق بۇ ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىماڭ.
ئىككىنچىدىن، يانفون سىستېمىسىدىكى ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئەپنىڭ ”بىرمۇبىر كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش“ ئىقتىدارىنى ئېچىپ، يانفوننىڭ ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىڭ، بۇنىڭدا سىز نامەلۇم ۋىرۇسلارنىڭ سۇقۇنۇش قىلمىشلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا كۆزىتىپ ۋە تىزگىنلەپ تۇرالايسىز.
ئەسكەرتمە
ئەپنى قانداق چۈشۈرسە توغرا بولىدۇ؟
ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا توغرا يولنى تاللاڭئىزدەئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا، يېشىل ھەم بىخەتەر بولغان چوڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ بازىرىنى ياكى ئىگە تەرەپ ئەپ ئۇلانمىسىنى تاللاڭ، مەنبە بىخەتەرلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۇلانمىنى چەكمەڭ، مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ئىككىلىك كودنى سايىلىمەڭ. چوڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ بازىرىدا ئادەتتە گۇۋاھلىق بەلگىسى بولىدۇ، باشقا قىستۇرمىلار باغلانغان ياكى باغلانمىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ، بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەپنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارىغا قاراپ بېقىڭ. ئادەتتە ئىگە تەرەپ ئەپنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى بىر قەدەر چوڭ. ئاندىن، ئىشلەتكەنلەرنىڭ باھاسىنى ئوقۇپ بېقىڭ ۋە ئىگە تەرەپ ئەپ ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىڭ.
ئەپنى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئەپنىڭ سىنبەلگىسى ۋە ئىچى بەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىڭ. ساختا ئەپنىڭ سىنبەلگىسى قوپال ۋە يىرىك كۆرۈنىدۇ، ياكى يۇقىرى سەۋىيەدە تەقلىد قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئىنچىكە پەرقلەر ساقلانغان بولىدۇ؛ ئىچى بەتلىرى نىسبەتەن ئاددىي بولۇپ، يېزىقنى ئىپادە شەكلى قىلىدۇ.
نۇرغۇن ئەپلەرگە ”خەنزۇچىلاشتۇرۇش يامىقى“، ”يېشىۋېتىلگەن نۇسخا“، ”يېشىللاشتۇرۇلغان نۇسخا“، ”ئېقىم تېجەش نۇسخىسى“ دېگەندەك ناملار قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئىچىگە ھەق تۇتۇۋېلىش غەرىزىدىكى كودلار ئورنىتىلغان بولۇپ، يانفونغا قاچىلىسىڭىز يانفون ھەققىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ”نىمكەش“ راسلانغان بۇنداق ئەپلەرگە ئالدىراپ-سالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئەپ ئىچىگە يوشۇرۇلغان ۋىرۇسلاردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ.
ئادەتتە يانفون ئەپلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 1 مېگابايتتىن 20 مېگابايتقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ. ئىقتىدارى كۆپ، كۆرۈنۈشلىرى مۇرەككەپ بولغانسېرى سىغىمىمۇ مۇناسىپ چوڭ بولىدۇ. ساختا ئەپلەرنىڭ سىغىمى ئادەتتە بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، 1 مېگابايتقىمۇ يەتمەيدۇ، بۇنىڭغا ئىشلەتكۈچى تېزلىكتە چۈشۈرۈپ قاچىلىسۇن دېگەن مەقسەت يوشۇرۇنغان.
ئادەتتە، ئىگە تەرەپ ئەپنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇقى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەپ ئىقتىدارىنىڭ كۆپلۈكىدىن بولىدۇ. ساختا ئەپنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ھوقۇقى بىر نەچچە تۈرلۈكلا بولىدۇ، مەسىلەن قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ئوقۇش، تورغا ئۇلىنىش، سىستېما قوزغالسا ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىش دېگەندەك. بولۇپمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە ئوقۇش ھوقۇقى بېرىلسە، ئىشلەتكۈچىنىڭ كىرگۈزگەن ئۇچۇرلىرى ۋە چىقىم دەلىلى ئۇچۇرلىرى ئوغرىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەپ ئىلتىماس قىلغان ھوقۇقلار شۇ ئەپنىڭ ئىقتىدارى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇش-بولماسلىقىغا دىققەت قىلىڭ. مەسىلەن، قولچىراغ ئەپى قاچىلىغان بولسىڭىز، تېلېفون دەپتىرى ياكى ئورۇن ئۇچۇرى ھوقۇقىنى سورىسا، بۇنىڭغا قاتتىق سەزگۈرلۈك بىلەن قاراڭ.
ھېسابات نومۇرىڭىز ۋە مەخپىي شىفىرنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ
ساختا ئەپلەرنىڭ مەقسىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي شىفىرىنى ئوغرىلاش بولىدۇ، شۇڭا سىز ئۇنى ئاچقىنىڭىزدا ئۇچۇر كىرگۈزۈش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. مەسىلەن، ساختا نۇسخىدىكى بانكا، تاۋباۋ ئەپلىرى شۇنداق. ئەمما ئىگە تەرەپ ئەپلىرىدە تونۇشتۇرۇش ياكى باشلاش بەتلىرى بولىدۇ.
بەزى ساختا ئەپلەر قاچىلانغاندىن كېيىن، ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئېكراندىكى سىنبەلگىسى يوشۇرۇلىدۇ ھەمدە بۇ ئەپ سىستېما ئارقا سۇپىسىدا يۈرۈشۈۋېرىدۇ. سىستېمىدا يۈرۈشۈۋاتقان ھەممە ئەپلەرنى تەكشۈرگەندە، ئاندىن ئارقا سۇپىدا ئوغرىلىقچە يۈرۈشۈۋاتقان بۇ ئەپنى بايقىغىلى بولىدۇ.
ئەپ يېڭىلاشتىكى مەقسەت ئەپ پىروگراممىسىدا ساقلانغان يوچۇقلارنى ئېتىش، ئەپنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شۇڭا ئەپ ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەمما يېڭىلاش ئۇسۇلى چوقۇم رەسمىي ۋە كاپالەتلىك بولۇشى كېرەك. بەزىدە سىز دەسلەپتە چۈشۈرگەن ئەپ رەسمىي نۇسخىدىكى ئەپ بولسىمۇ، ئەمما يېڭىلاش جەريانىدا ۋىرۇس دېگەندەك يامان غەرەزلىك ئۇچۇرلار خۇپىيانە قوشۇپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ساختا ئەپلەر ئېھتىمال دەسلەپتە ھەقىقەتەن ئىگە تەرەپ ئەپىگە ئوپئوخشاش بولۇشى، يېڭىلاش باسقۇچىدا ئاندىن سىزگە ”خۇپىيانە قول سېلىشى“ مۇمكىن.
ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر يانفون بىخەتەرلىك ئەپىنى قاچىلىشى كېرەك
ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ئوچۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا يانفون ۋىرۇسلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلتۈرۈش، تەھدىتتىن ساقلاش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەخسۇس يانفون بىخەتەرلىك ئەپلىرىنى قاچىلىۋېلىش ھەمدە يانفوننى بىخەتەرلىك جەھەتتىن قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋىرۇس يۇقۇپ قالسا، بۇ ئەپ ئۇنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە سىزنى مال-مۈلۈك زىيىنىدىن قوغداپ قالىدۇ.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
شىنجاڭدىن چىقىدىغان بۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى بالىڭىز ئىچكەنمۇ؟
باتارېيە يۇتۇۋالغان بالا ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل قالدى
بانان شۆپۈكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۈندىدار سالونى
سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2863969
0991-2886219