بۇ كارتون فىلىم نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈردى؟
SEBILER
يېقىندا پىكسار شىركىتى ئىشلەپ ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى » ناملىق كارتون فىلىم ئارقا-ئارقىدىن كۆپچىلىكنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بەزىلەر «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» پىكسارنىڭ چىن يۈرىكىدىن مېكسىكىغا يازغان مۇھەببەت خېتى دېيىشتى.
قويۇق مېكسىكا پۇرىقىغا ئىگە بۇ ھېكايە ئەسلىدە نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جۇڭگو زېمىنىدىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما تۇنجى قويۇلغان كۈنى كىنو قويۇلۇش نىسبىتى جەھەتتە %9 پايدىسىز ئورۇندا تۇرغان ھالەتتە «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» قويۇلۇپ 2-كۈنى بىلەت كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ 1-كۈنىدىكى بىلەت كىرىمىنىڭ 4 ھەسسىسىگە يەتتى ھەمدە كېيىنكى بىر ھەپتىدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسى بىلەن كىنونىڭ رەت ئورنى ۋە بىلەت سانى جەھەتتىكى زور بۆسۈش بىلەن پىكسار شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنوسىغا ئايلاندى.
ھازىرغا قەدەر، بۇ كىنو كىنوخانىلارنىڭ كۈنلۈك بىلەت كىرىمى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي بىلەت كىرىمى 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.
تېخىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» 9.2 ئالاھىدە يۇقىرى نومۇر بىلەن «چېلىشچى دادا» فىلىمىدىن ئېشىپ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر كىنوخانىلاردا قويۇلغان ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان كىنو بولغان.
ئۇنداقتا بۇ كىنونىڭ زادى قانداق ئالاھىدىلىكى باردۇ؟ بىر كارتون فىلىم قانداق قىلىپ چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆرەلەيدىغان كىنوغا ئايلانغان؟ تۆۋەندە پىكسار شىركىتى بۇ ھەقتىكى سېھىرگەرلىكىگە قاراپ باقايلى؛
ھەربىر ۋەقەلىك تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، كىنو ھەۋەسكارلىرى فىلىمنى ماختاپ كۆككە كۆتۈردى
گەرچە كىنودىكى باش پېرسوناژنىڭ باش سۆڭىكى ئامال بار گۈزەللەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن كىچىك دوستلار «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى»نى باشتا كۆرگەندە يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپلا ھېكايىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلارمۇ كەينى-كەينىدىن يىغلاشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ كارتون فىلىم كۆرگەن ئاتا-ئانىلار بۇ كارتون فىلىمدىن ئەڭ تەسىرلەنگەن تاماشىبىنلارغا ئايلانغان.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان تاماشىبىنلار:
-بۇ كارتون فىلىمنى كۆرگەندە ھازىرقى ئائىلىمىزدىكىلەرنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەيدىكەنمىز
-ھېچقانداق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرىگە يەتمەيدىكەن
-ئىنتايىن تەسىرلەندىم، دېگەندەك باھالارنى بەرگەن.
«ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» دە، مۇزىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن 12 ياشلىق مېكسىكىلىق ئوغۇل بالىنىڭ بىر گىتارغا تېگىپ كېتىشى بىلەن روھ ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقىدەك ۋەقەلىك سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئىلگىرى ئايرىلغان قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بولسا ئۇنى بار ئامالى بىلەن كىشىلەر ئارىسىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدەيدۇ.
مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىجادىيىتى مېكسىكىلىقلارنىڭ روھلار بايرىمىدىن كەلگەن بولۇپ، بىراق پۈتكۈل ھېكايە ۋەقەلىكى سۈرلۈك ۋە ياكى ۋەھىمىلىك ئەمەس، ئەكسىچە كۆرۈنۈش رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىگە ئىللىق، مۇھەببەتلىك تەسىر بېرىدۇ.
رېژىسسور لى ئانكۇرۇچ ھېكايە ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ يارقىن نامايان قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئەترەتىكىلەرنى باشلاپ شۇ جاينىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
ئۇنداقتا شۇ يەرلىكلەر نېمە ئۈچۈن ئوچۇق رەڭلەر، شوخ ناخشا-مۇزىكىلار ۋە مەززىلىك تائاملار بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى ئەسلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماي بەلكى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش شەكلىدە ئۇلاردىن ئايرىلغان شۇ قېرىنداشلىرىنى ئەسلەيدۇ؟ پەقەت بۇ فىلىم ئارقىلىق شۇنى كۆپچىلىككە ئەسكەرتمەكچىكى، بىز كىم؟ شۇنىڭدەك جەمەتنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى نېمە؟
«ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» قويۇلغان 1-ھەپتىسىدە بىلەت كىرىمى ئاران 100 مىليون يۈەن بولغان بولسىمۇ، پەقەت كىشىلەرنىڭ باھاسى ۋە خېرىدارلارنىڭ نىسبىتىگە تايىنىپ فىلىمنىڭ 2-ھەپتىدىكى بىلەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى %147 دىن ئاشقان.
دوۋبەن تورىدا بۇ فىلىمگە باھا بەرگەنلەر 170مىڭدىن ئاشقان، كىنوغا 9.2 نومۇر قويۇلغان بولۇپ نۆۋەتتە يىللىق كىنوخانا كىنو چېمپىيونى بولغان، گەرچە بۇ 600 مىليون نەتىجە «ھايۋاناتلار شەھىرى» فىلىمىنىڭ 1 مىليارد 530 مىليونلۇق نەتىجىسىگە يېتىشقا تېخى يىراق بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پىكسار شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كاساتلىشىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.
بېيجىڭدىكى مەلۇم كىنوخانىنىڭ نۆۋەتچى دىرېكتورى مۇنداق دەيدۇ:دوۋبەن ۋە توردا «ئارزۇ-تىلەك سەرگۈزەشتىسى» گە بەرگەن باھا ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ «ھايۋاناتلار شەھىرى» فىلىمى بىلەن يېقىنلىشىپ قالدى، تاماشىبىنلارنىڭ باھاسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ، شۇڭا ئارقا-ئارقىدىن قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز، تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدا كىنو كۆرگەنلەر 100دىن ئاشتى.
«جۇڭگو كىنوچىلىق گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ جىنفېڭ مۇنداق دەيدۇ: مەزكۇر فىلىم قىممەت قارىشى جەھەتتىن دۇنياۋىلىققا ئىگە، ئۆسۈپ-يېتىلىش، ئائىلە، ئۆلۈم ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قىممىتى ۋە ئورتاق ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مېكسىكىنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق روھ ھېسسىيات كۆرۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا مەيلى باش تېما بولسۇن، بايان قىلىش شەكلى بولسۇن ۋە ياكى ئارقىدىكى ئىشلەپ تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش جەريانى بولسۇن فىلىمنىڭ ئاساسىي سۈپىتى يۇقىرى.
پىكسار شىركىتى ئىلگىرى جۇڭگو بازىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشىمىز ئەمما پۇل تېپىشىمىز ناتايىن دەپ ئويلىغان ئىدى
پىكسار شىركىتى گەرچە «ئوسكار ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى»نىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو بازىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا پۇل تاپالماسلىقتەك ئەھۋالغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
بۇلتۇر «دېڭىزدىكى جانىۋارلار ھەرىكەتتە2» نىڭ دۇنيا بويىچە بىلەت كىرىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ يىللىق تىزىملىكتە 2-ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، جۇڭگودا پەقەت 250 مىليون بىلەت كىرىمى ياراتقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوسكاردا تۇنجى نۆۋەت «ئەڭ مۇنەۋۋەر كارتون فىلىم» نامزاتىغا كىرگۈزۈلگەن «ئويۇنچۇقلار ھەرىكەتتە3» جۇڭگودا پەقەت ئاران دېگەندە 100 مىليون يۈەنلىك بىلەت كىرىمى ياراتقان.
پىكسار شىركىتى باشقا فىلىملەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇمۇرىستىك تۇيغۇنى بەكرەك تەكىتلىگەن «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق»، «مۇز ئېراسى» يۈرۈشلۈك كارتون فىلىملىرىغا كەلسەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كارتون شەكلى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا چوڭقۇر ئادىمىيلىك تېمىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، بۇنىڭدا چوڭ-كىچىك ياشتىكى تاماشىبىنلارنى ئويلىغاندىمۇ پىكسارنىڭ ئىشلىگەن فىلىملەر جۇڭگودا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. نېمىلا دېگەن بىلەن جۇڭگودىكى تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا «كارتون فىلىم» دېگەن سۆز چىقىشى بىلەن تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا «كىچىك دوستلار» ۋە ياكى «شادىمان قوزىچاقلار» فىلىمى كېلىدىغان بولۇپ قالغان.
پىكسار شىركىتى بۇرۇلۇش ياساپ دېسنىي ئۇسلۇبى ياراتتى
بۈگۈنكى كۈندە پىكسار ئۆزىدە بۇرۇلۇش ياسىدى.
ئالدى بىلەن دېسنىي پىكسارنى تولۇق سېتىۋالدى، بۇ ماركىتىڭ ۋە شۇنىڭ ئەگەشمە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مايىل شىركەت پىكسارنىڭ ئىلگىرىكى ئىش قىلىش ئۇسلۇبىغا نۇرغۇن يېڭىچە ئېلېمېنتلارنى قوشتى.
جاڭ جىنفېڭ مۇنداق دەيدۇ: دېسنىي بولسا كوزۇرلۇق ماركا، پىكسارنى دىسنىيغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئاجىز، دىسنىينىڭ ناھايىتى ياخشى ئەندىزىسى بار بولۇپ، سېنارىيە ئىجاد قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ پۈتۈن شىركەتنىڭ كۈچىگە تاماشىبىنلارنىڭ قوشۇلۇشى، فىلىم چىقىشتىن ئىلگىرى تاماشىبىنلارنىڭ ماسلىشىشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ھەربىر كارتون فىلىمنى كەسپىي خادىملار بىلەن تاماشىبىنلار بىرگە چىقارغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭغا پىكسارنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن پىكسارنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن دىسنىينىڭ ئۇسلۇبى قوشۇلۇپ ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم يارىتىدۇ. كۆرۈشچانلىقى جەھەتتىنمۇ كىچىك دوستلارنىڭ قاتنىشىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى پىكسار ئىشلىگەن باشقا كارتون فىلىملەرنىڭكىدەك بالىلار چۈشىنەلمەيدىغان ئەھۋاللار يوق.
جاڭ جىنفېڭ مۇنداق دەيدۇ: يىللىق بازاردا كارتون فىلىملەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10-%15 گىچە بولدى، بىزنىڭ ناھايىتى زور بولغان ئائىلىنى بىرلىك قىلغان تاماشىبىنلار قوشۇنىمىز بار، بۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زور بايلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارتون فىلىمگە مەبلەغ سېلىش تەننەرخى يۇقىرى، دەۋرلىكى ئۇزۇن بولىدۇ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننى ئۆزىمىزگە قارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ بىلەت سېتىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ناۋادا ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلالمىغاندا ئۇلار پەقەت ئامالسىز قالغاندا ئاندىن بالىلىرىنى كىنو كۆرگىلى ئاپىرىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىمۇ گۈزەللىككە، بۇ فىلىمگە قاتناشتۇرالىغاندا ئاندىن ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىلاردىكى كۆپ يىغلاش ۋەئۇيقۇسىزلىقنى ئائىلىدە داۋالاش بىلۋىلىڭ
بالىڭىز تەتۈرلۈك قىلسا ئەيىپلىمەي مۇنداق قىلىڭ!قالتىس چارىكەن
سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2863969
0991-2886219