查看原文
其他

مانداق ئولتۇرۇش مودا بوپكەتتى! نۇرغۇن ئادەملەر قىلالمايدىكەنمىش!

2017-12-13 👉 sebiler


SEBILER

يېقىندىن بۇيان بۇ ھەرىكەت دوستلار چەمبىرىكىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتى. قېنى بۇ رەسىمگە قاراڭ:

پۈتۈن دۇنيادا راسا مودا بولۇۋاتقان بۇ ”ئاسىيانچە زوڭزىيىش“ ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى ئەسلىدە، تاپاننى يەر يۈزىگە تولۇق تەگكۈزۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش بولىدۇ.↓↓

تاپاننى يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئاجايىپ يىرى شۇكى، زور كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىق بۇ ھەرىكەتنى ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمەيدىكەن، ئادەتتە ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى شۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاپاننى يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈۋېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئىكەن.

”ئامېرىكىچە زوڭزىيىش“ ھەرىكىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئوباما

ئۇزاقتىن بۇيان، ياۋروپالىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ”تېگىگە يەتكۈسىز لەززەت“گە ئوخشايدىغان سىرلىق شەرق دۇنياسىدا، ئۇلارنى قىزىقسىندۇرىدىغان ۋە ھەيران قالدۇرىدىغان مەسىلىلەر ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىپ تۇردى.

ئاسىيالىقلار نېمىشقا گۈرۈچ تامىقىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ ئاسىيالىقلارنىڭ كۆزى نېمىشقا كىچىك بولىدۇ؟ 

...

مەسىلەن، ئاسىيالىقلاردەك پۇت تاپىنىنى يەر يۈزىگە تولۇق تەگكۈزۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە يېشىش قىيىن بىر تۈگۈن پەيدا قىلىپ قويدى. ئۇلار ھەتتا قانداق قىلغاندا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس قوللانما بارلىققا كەلتۈردى!

ئىككى پۇتىڭىزنى مۆرىڭىز كەڭلىكىدە كېرىڭ.

ئاستا-ئاستا زوڭزىيىڭ، ساغرىڭىز ھۇشۇقىڭىزغا قانچە يېقىنلاشسا شۇنچە ياخشى.

تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، بىلىكىڭىزنى قولتۇققا يېقىن تەرىپىدىن تىزىڭىز ئۈستىگە قويۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئۇلار قانچە سىناپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋىتى مۇنۇ رەسىمدىكىدەك بوپتۇ...

چەت ئەلدىكى سوئال-جاۋاب تورىدا ”ئاسىياچە زوڭزىيىشنى نېمىشقا ئاسىيالىقلارلا قىلالايدۇ؟“ دېگەن سوئال قويۇلغان. مەلۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئاران %13.5 ئامېرىكىلىق ”ئاسىياچە زوڭزىيىپ“ ئولتۇرالايدىكەن، ئەمما ئۇلار يا ئاسىيالىقنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئەۋلادى، ياكى يوگا تەلۋىسى بولۇپ چىقىدىكەن، ئەجەبا ”ئاسىياچە زوڭزىيىش“نى ئاسىيالىقلاردىن باشقىلار قىلالمامدىغاندۇ؟

سۈرەت: ئاسىياچە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئەجەبا ”ئالاھىدە ئىقتىدار“مىدۇ؟

توردا، بۇ مەسىلىگە مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: ئاسىيالىقلارنىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرالىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ پۇتى قىسقىلىقىدىن بولىدۇ، ئەمما زوڭزىيىپ ئولتۇرالماسلىق سەۋەبى مۇنداق ئىككى خىل، بىرى سېمىزلىك، يەنە بىرى ئوشۇقنىڭ كىچىكلىكى.

ئەمما، يېقىندا بايقالغان يەنە بىر پاكىتتىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالدى. ئەسلىدە، رۇسلارمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرالايدىكەن.

رۇسلارنىڭ”سىلاۋىيانچە زوڭزىيىش“ى”ئاسىيانچە زوڭزىيىش“تىن ئازراقمۇ قېلىشمايدىكەن. ”سىلاۋىيانچە زوڭزىيىش“نىڭ ئۆزگىچە قىياپىتى ئادەم بەدىنى قۇرۇلمىسىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن. نەچچە يۈز يىللىق قەدىمىي ئەنئەنىدىن كەلگەن، ئۇزاق يىللىق ئىرسىيەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا پەيدىنپەي مۇكەممەللەشكەن سىلاۋىيانچە زوڭزىيىش شەكلىدە ئولتۇرغان ھەر بىر ياش ئۇنداق ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەيدىكەن.

ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ بەدەن تىلىدا، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش بىر خىل ئەركىن-ئازادىلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز ھەمىشە بىلىپ-بىلمەيلا تۇرۇش، ئولتۇرۇش قىياپىتىمىزگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىمىز، پەقەت مۇشۇ ”زوڭزىيىش قىياپىتى“مىزگە تازا دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەنمىز. شۇڭا، سىز ھەر قانداق بىرەيلەننىڭ زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە دىققەت قىلسىڭىز، ئۇنىڭ قىياپىتى دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق بىر يېرىدىكى زوڭزىيىش قائىدىسىگە زىت.

مەيدانلاردا، ۋوگزاللاردا، زوڭزىيىپ ئولتۇرغانلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.

تاماق يېگەندىمۇ زوڭزىيىمىز، خۇددى زوڭزىيىش ئولتۇرۇشتىنمۇ راھەتتەك.

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

توردىكى مودا ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىشەنچلىكمۇ؟

بالىلاردىكى كۆپ يىغلاش ۋەئۇيقۇسىزلىقنى ئائىلىدە داۋالاش بىلۋىلىڭ

ئانىلاردىققەت!بالىدابۇئالامەتلەركۆرۈلسەكالتسىي كەملىكىنى

ماڭا ئىشىنىڭ! دادىلارمۇ بالا باقالايدۇ!!

يۈگۈرۈشنىڭ بۆرەككە زىيىنى بارمۇ؟

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存