查看原文
其他

20-ئەسىردىكى كۈلگۈڭىز كېلىدىغان ئاجايىپ كەشپىياتلار

2017-12-18 👉 sebiler


SEBILER

غەلىتە ھەم كۈلكىلىك كەشپىياتلارنى تىلغا ئالغاندا كۆپچىلىك كۆپىنچە قارىماققا ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى يوق كەشپىياتلارنى ئەسكە ئالىدۇ.

بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە ئالدىنقى ئەسىردىكى غەلىتە ھەم كۈلكىلىك كەشپىياتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، گەرچە بۇ كەشپىياتلارنىڭ بەزىلىرى راستتىنلا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، تەپسىلىي قارايدىغان بولساق خىلى كۆپ نەرسىلەرنىڭ ھۇرۇنلارنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.


1. رادىيولۇق چىغ قالپاق، ئامېرىكا، 1931-يىلى

بۇ چىغ قالپاققا تارقىتىش قۇرۇلمىسى ۋە رادىيو كانىيى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ قالپاقنى كىيگەنلەر ھەر ۋاقىت رادىيو ئاڭلىيالايدۇ.


2. تەپكىنى باسسىلا رەسىمگە تارتىدىغان تاپانچا، ئامېرىكا، 1938-يىلى

بۇ كولت 38 تاپانچا فوتو ئاپپاراتى بولۇپ، تەپكىنى باسسىلا رەسىم ئاپتوماتىك يۇيۇلۇپ چىقىدۇ. سول تەرەپتىكى رەسىملەر بۇ تاپانچا فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان بولۇپ، گەرچە تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، رەسىمنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق دېيىشكە بولىدۇ. پۈتۈن قۇرۇلمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران تۆت سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 170 گىرام كېلىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تاپانچا فوتو ئاپپارات ئەڭ دەسلەپتە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ئازايتىش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان.


3. كىچىك بالىغا مېڭىشنى ئۆگىتىدىغان ماس قەدەملىك ئاياغ، شىۋېيتسارىيە، 1939-يىلى

بۇ ئاياغتا كىچىك بالا ئانىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشىگە تايىنىپ قەدەم ئالىدۇ، ئەمما بۇ مەشىقنىڭ ئازراق مەجبۇرلاش خاراكتېرى بار.


4. سۇدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋېلىسىپىت، فىرانسىيە، 1932-يىلى 

بۇ ۋېلىسىپىتنى لايىھەلىگۈچى سۇنىڭ چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئامىللارنى ئويلاشقانمۇ يوق بۇنى بىلمەيمىز.


5. ھاراقنى كۆپ ئىچىشنىڭ ئاسارىتىنى داۋالايدىغان مۇز يۈز چاپلىقى، ئامېرىكا، 1947-يىلى

بۇ مۇز يۈز چاپلىقىنى مەكس فەكتور (Max Factor) كەشىپ قىلغان بولۇپ، كېيىن ھوللىۋود ئايال چولپانلىرىنىڭ خاس مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.


6. شىۋىرغاندىن ساقلايدىغان كونۇسسىمان نىقاب، كانادا، 1939-يىلى

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كونۇسسىمان شەكىل بىر خىل ئۇقۇم لايىھەسى بولۇپ، بېسىمغا ئۇچراش يۈزىنى كىچىكلىتىپ، ئېقىمنى بۆلۈش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارالغان. ئەمما كۆپچىلىك يول ماڭغان ۋاقتىدا بىر بىرىگە سانجىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئارىلىق ساقلاپ مېڭىشى كېرەك.


7. ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەھۋە ماشىنىسى، گېرمانىيە، 1950-يىلى

بۇ قەھۋە ماشىنىسىدا بىر قېتىمدا ئۈچ ئىستاكان قەھۋە دەملىگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شورپا ئىسسىتقىلى، تۇخۇم پىشۇرغىلى، يۈز يۇيۇش ۋە ساقال ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىق سۇ ساقلىغىلى بولىدۇ.


8. تاقىر باشلار تارغىقى، ئامېرىكا، 1950-يىلى

كۆپچىلىككە ئايانكى ئىنژېنېرلارنىڭ پاينەكباش بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ. بۇ تاقىر باشلار تارغىقىنى ئىنژېنېر Ted Spence كەشىپ قىلغان بولۇپ، قارا يېرى چاچنى تارايدۇ، ئاق يېرى باش تېرىسىنى ئۇۋىلايدۇ.


9. كۆپ ئىقتىدارلىق ئوت ئورۇش ماشىنىسى، 1957-يىلى

بۇ ئوت ئورۇش ماشىنىسىغا ناھايىتى ھەشەمەتلىك سەپلىمىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىچىدە سىمسىز تېلېفون، ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى ۋە سوغۇق ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەيدىغان توڭلاتقۇ قاتارلىقلار بار....ئاددىيلا ئوت ئورۇشقىمۇ مۇشۇنداق قىلامدۇ؟!


10. قوش باشلىق تاماكا، ئامېرىكا، 1949-يىلى

بۇ خىل قوش باشلىق تاماكا «Double Ender» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە نىيۇيوركتا بارلىققا كەلگەن، بۇ تاماكا ئىككى ئادەمنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىشىگە بەك ماس كېلىدۇ.


11. ئاجايىپ تاماكا جازىسى، 1955-يىلى

بۇ تاماكا جازىسىغا تاماكىلار V خېتى شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا 20 خىل تەملىك تاماكىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.


12. كۆكرەك ئۇۋىلىغۇچ، 1971-يىلى

بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كەشپىيات كۆرگەزمىسىدە بىر مودېل قىز كۆكرەك ئۇۋىلىغۇچنى سىناپ بېقىۋاتىدۇ. ئاڭلىشىمىزچە بۇ ئۈسكۈنە كۆكرەكنى ئۇۋۇلاپ كۆكرەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.


13. ئاپتوماتىك سوۋۇتىدىغان قوشۇق، 1948-يىلى

بۇ قوشۇقنىڭ ئۈستىگە كىچىك شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، سىزگە ياردەملىشىپ تامىقىڭىزنى سوۋۇتۇپ بېرىدۇ.


14. تاپان ھەققىنى ئاپتوماتىك ئېلىش ئۈسكۈنىسى، 1955-يىلى

كۆپچىلىك چەتئەلنىڭ تاپان ھەققى (چاي پۇلى) ئادىتىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ ئۈسكۈنىنى Russell E. Oakes كەشىپ قىلغان بولۇپ، سۈنئىي قول تاپان ھەققىنى ئېلىپ بىۋاسىتە پۇل ساندۇقىغا تاشلايدۇ.


15. بىر پۇتلۇق ئورۇندۇق، 1953-يىلى

بۇ ئورۇندۇقنى لايىھەلەشتە ئەركىن يۆتكىلىشكە قولاي بولۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ماڭغۇسى كەلسە ماڭىدۇ، ئولتۇرغۇسى كەلسە ئولتۇرىدۇ. بۇ ھازىر تورلاردا سېتىلىۋاتقان ئورۇندۇقلۇق كۈنلۈككە ئوخشىشىپ قالىدۇ.


16. راكېتا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋېلىسىپىت، گېرمانىيە، 1931-يىلى

رەسىمدە بىر گېرمانىيەلىك ئىنژېنېر ئۆزىنىڭ راكېتالىق ۋېلىسىپىتىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىگە 12 راكېتا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ رەسىمنى تارتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ۋېلىسىپىت پارتلاپ كەتكەن، بەختكە يارىشا ئىنژېنېر يارىلانمىغان.


17. قۇياش كارىۋىتى، 1964-يىلى

بۇ كارىۋات 10 ياشلىق Marne Smith نىڭ كەشپىياتى بولۇپ، باغچىدە بىر تەرەپتىن ئاپتاپ سۇنغاچ بىر تەرەپتىن كىتاب كۆرگىلى بولىدۇ.


18. ئاپتاپتىن ساقلاش ئۇپىسى چېچىش ئۈسكۈنىسى، 1949-يىلى

بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكەندە ئىككى قولنى ئۇپىغا مىلەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنى ئېچىپ تەڭگە سالسىڭىزلا 30 سېكۇنتلۇق تۇمانلىتىپ پۈركۈشتىن بەھرىمەن بولالايسىز.


19. ئېسىپ قويىدىغان بالىلار ماشىنىسى، 1937-يىلى

بۇ بالىلار ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى ئادەمگە تەڭ بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت قىلىشمۇ قولاي، مەسىلەن رەسىمدىكى بۇ ئەر ئايال مۇز تېيىلىۋاتىدۇ. 

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بالىڭىز خىرىلداپ قالسا چوقۇم دىققەت قىلىڭ

ياپونىيە مەغلۇپ تارتىلغان بوۋاقلار سۈرەتلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

مىليونغا سېتىلغان كاتتا شىپالىق رستىپ-چوقۇم ساقلىۋىلىڭ تارقىتىڭ

بۇ كارتون فىلىم نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈردى؟

بوۋىقىڭىزنىڭ چىش چىقىش مەزگىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەمسىز

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存