查看原文
其他

كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشنىڭ ئېپى

2017-12-20 👉 sebiler


SEBILER

ئەمەلىيەتتە نومۇر ئېلىش ھەققى شۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىگە ھەق بېرىش بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ ئەمگەك قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. مۇتەخەسسىس نومۇرى بىلەن ئادەتتىكى نومۇر ئوخشىمىغان دوختۇرلارنىڭ ئەمگەك قىممىتىنى ئايرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتالمىش "داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرلار"نىڭ داۋالاش ھەققى يۇقىرى، تۆۋەنلىرىنىڭ ئەرزان بولىدۇ. 


ئۇنداقتا داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ 


بۇنىڭغا نىسبەتەن دوختۇرخانا كەسپىي ئۇنۋان ۋە شارائىتقا قاراپ شارائىتى بارلارنى ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، كەسپىي ئۇنۋانى قانچە يۇقىرى بولسا، نومۇر ھەققىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانى بار دوختۇرلار پەقەت ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋان ئالغان دوختۇرلارنىڭ مۇتەخەسسىس ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرۈش سالاھىيىتى بولىدۇ. 


ئۇنداقتا كېسەل كۆرسەتكەندە زادى قانداق تاللاش كېرەك؟ نومۇر ئېلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە تاللاشقا توغرا كېلىدۇ

01


دەسلەپكى تەكشۈرتكەندە ئادەتتىكى نومۇرنى ئېلىش كېرەك

ئەگەر تۇنجى قېتىم كېسەل كۆرسەتكەن بولسىڭىز چوقۇم ئادەتتىكى نومۇرنى ئېلىڭ، بۇ ۋاقىتتا مەسئۇل ۋىراچ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دەسلەپكى دىياگنوز قويۇپ شۇ بۆلۈمگە كۆرسىتىش كېرەك-ئەمەسلىكىنى، يەنە قانداق لابوراتورىيەلىك تەكشۈرتۈش قىلىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن، سالامەتلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ ھەمدە ماس ھالدىكى داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ بېرىدۇ.

 بىمار ئەگەر باشقا دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسىتىپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغان بولسا ياكى دىياگنوز قويۇلۇپ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان بولسا دوختۇرخانىغا كېلىپ تۇنجى قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە چوقۇم ئادەتتىكى نومۇرنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلارنىڭ تەجرىبىخانا رېئاگىنتى، پايدىلىنىش قىممىتى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بەزى چوڭ تەكشۈرۈشلەرنى چوڭ دوختۇرخانىلاردا قايتىدىن قېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا مۇتەخەسسىسنىڭ نومۇرىنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئۇمۇ ئادەتتىكى دوختۇرلارغا ئوخشاش بىر قاتار خىمىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ ئىلتىماس تالونىنى كېسىپ بېرىپ نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن قايتا كۆرۈنۈشنى تاپىلايدۇ.


02

قارىماققا مۇرەككەپ، تەس كېسەللەرنى مۇتەخەسسىس نومۇرى ئېلىپ كۆرسىتىش كېرەك

بەزى مۇرەككەپ، تەس كېسەللەرگە نىسبەتەن نۇرغۇن دوختۇرخانا كېسەل كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئېنىق دىياگنوز قويالمايدۇ، بۇ چاغدا بىمارلار كۆپ ھاللاردا تەكشۈرۈش قەغىزى ۋە كېسەللىك تارىخىنى ئېلىپ يۈرۈپ نۇرغۇن دوختۇرخانىغا بارسىمۇ، كېسىلىگە يەنىلا ئېنىق دىياگنوز قويالمايدۇ. بىمار بۇ چاغدا  كېسىلىگە تېزدىن دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن، مۇدىر ۋىراچقا ھەتتا داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرگە كېسەل كۆرسەتسە بولىدۇ.

03

سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كەسپىي ئامبۇلاتورىيەگە كۆرسىتىش كېرەك

بەزى دائىم كۆرۈلىدىغان، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كەسپىي ئامبۇلاتورىيەگە كۆرسىتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دوختۇرخانا مەخسۇس كەسپىي ئامبۇلاتورىيە تەسىس قىلدى، مەسىلەن، جىگەرنى ماي قاپلاش مەخسۇس ئامبۇلاتورىيەسى، قورساق پەردىسى دىئالىز مەخسۇس ئامبۇلاتورىيەسى، دىيابېت كېسىلى ئامبۇلاتورىيەسى، داس تۈۋى كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى، يۇقىرى قان بېسىم ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىقلار بولۇپ، بىمارلار ئۆزىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك نامى بويىچە نومۇر ئېلىپ كۆرۈنسە بولىدۇ.

دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈشكە كەلگەندە مۇناسىپ كەسپىي كېسەل بويىچە نومۇر ئېلىپ كۆرۈنسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ كەسپىي ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ دوختۇرلىرى شۇ كېسەلنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. بۇ يەردە دوختۇرنىڭ دەرىجىسىدىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى ھېچ بولمىغاندا يۇقىرى يىللىق مەسئۇل ۋىراچ ئاندىن كەسپىي كېسەل كۆرەلەيدۇ. يەنە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى دائىم بەزى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ دەرىجىلىك دوختۇرلارمۇ ئادەتتىكى نومۇر ئېلىش ھەققى بىلەن كېسەل كۆرىدۇ.


مۇتەخەسسىس نومۇرىنى ئېلىشنىڭ ئېپى


بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك ھەقىقەتەن مۇتەخەسسىس نومۇرى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا بۇنىڭمۇ بىر ئېپى بار، ئامال بار مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ دەرىجىلىك دوختۇرلارنى تاللاش كېرەك!

سەۋەبى ئالدى بىلەن، ھەربىر مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ئادەتتە 10 يىل ئەتراپىدىكى داۋالاش ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇنغا چىقالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ يىللىق كېسەل كۆرۈش ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، %90-%95 بولغان كېسەللىكلەرنى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ ھەل قىلالايدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلارنىڭ ئادەتتە يېشى 30-50 ياشقىچە بولۇپ، جىسمانىي ۋە ئەقىل كۈچى تولۇپ تاشقان ۋاقتى بولىدۇ، بۇ دەل ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى ئەڭ ياخشى ھالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېسەل كۆرسەتكەندە نومۇر ئېلىشتا دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك بۇ نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە ساقلىيادىڭىزمۇ؟ ھەممەيلەن پايدىلانسۇن تارقىتىپ قويۇڭ!

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

ئەمدى ئالدىرمىسىڭىز، ئۇلگىرەلمەيسىز!

بوۋاقلارغاسۈت پاراشوگى بەرگەندە دىققەت ...

ھەرقانداق ئىغىر قەۋزىيەت ۋە ئۈچەينى تازلاش رىتسىپى،ھەقسىز

زۇكام بولغاندا پەقەت بىر تال سامساق بولسلا كۇپايە ! تىزئۇگنۋىلىڭ

20-ئەسىردىكى كۈلگۈڭىز كېلىدىغان ئاجايىپ كەشپىياتلار

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存