查看原文
其他

دىققەت! ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستى، سىزنىڭ مائاشىڭىز ئۆستىمۇ؟

2017-12-21 👉 sebiler


SEBILER

لياۋنىڭ ئۆلكىسى يېقىندا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. تولۇق بولمىغان مەلۇماتقا قارىغاندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاز دېگەندە 22 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي، شېنجېن، جېجياڭ، تيەنجىن، بېيجىڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان.

 22 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن


 دېكابىر كىرىشى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش ئۆلچىمىنى 1-دېكابىردىن باشلاپ 2010يۈەن، 1800 يۈەن، 1660 يۈەن، 1500 يۈەن دەپ تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ تەڭشىگەن. لياۋنىڭ ئۆلكىسىمۇ 2018-يىلىدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 شۇنىڭ بىلەن تولۇق بولمىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ شاڭخەي، جېجياڭ، تيەنجىن، بېيجىڭ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، جىلىن، ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي، خېنەن، فۇجيەن، شەنشى، سەنشى، گۇيجۇ، خېيلوڭجياڭ، جياڭشى، نىڭشيا، گەنسۇ، لياۋنىڭ، خۇنەن، چىڭخەي ۋە شېنجىندىن ئىبارەت 22 رايون ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇنى 2016-يىلىدىكى پەقەت 9 رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلار زور دەرىجىدە ئاشقان.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى؟

مۇتەخەسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى"گە ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇلتۇر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش بېسىمى زور بولدى، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىي مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى ياخشىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر نۇرغۇن جايلار مائاش تەڭشىمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن رايونلار كۆپەيدى.

  5 رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولدى


"ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى"گە ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئادەتتە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە، شاڭخەي، شېنجېن، جېجياڭ، تيەنجىن، بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ بەش شەھەرنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2 مىڭ  يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن. 

بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2300 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان، شېنجېننىڭ 2-ئورۇندا 2130 يۈەن بولغان، جېجياڭنىڭ 3-ئورۇندا بولۇپ، 1-دەرىجىدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2010 يۈەن بولغان، تيەنجىننىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بۇ يىل تۇنجى قېتىم 2 مىڭ  يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ 2050 يۈەن بولغان، بېيجىڭنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى دەل 2 مىڭ يۈەن بولغان.

نېمە ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن مائاش يەنە نەچچە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ؟


 ئوخشاش بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ مائاشى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجە بويىچە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە ئايرىلىدۇ؟

ئېنىقلىنىشىچە "ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى"گە ئاساسەن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى ئوخشىمىغان مەمۇرىي رايونلارنىڭ ئوخشىمىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى باركەن. 

بىراق بەزى ئۆلكىلەر بىر قانچە ئوخشاش دەرىجىلىك رايونلارنى بىر ئۆلچەم بويىچە قېلىپلاشتۇرغان، مەسىلەن، چىڭخەي ئۆلكىسى بۇ قېتىمقى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بەلگىلەشتە، شىنىڭ، خەيدۇڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆلچىمىنى 1250 يۈەن، خەيبېي، خەينەن، خۇاڭنەن قاتارلىق ئوبلاستلارنىڭ ئۆلچىمىنى 1260 يۈەن، خەيشى، گولۇ، يۈشۇ قاتارلىق ئوبلاستلارنىڭ ئۆلچىمىنى 1270 يۈەن، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىر تۇتاش تەڭشەشنى 1500 يۈەن قىلغان. 

ئۇنداقتا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى "بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوند"نى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟


بەزى تورداشلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى "بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوند"نى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دەپ سورىغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن جايلارنىڭ بەلگىلىمىسى بىردەك ئەمەس بولۇپ، بەزى جايلار ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى جايلار ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. مەسىلەن، بېيجىڭ، شاڭخەي ئېنىق قىلىپ ئەمگەكچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى بىلەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ تەركىبى قىلىنماسلىقى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە تۆلىشى كېرەك، دەيدۇ.

 ھالبۇكى گۇيجۇ قاتارلىق جايلار ئېنىق قىلىپ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىقلارنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن. 

ئۇنداقتا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟


جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەمگەك مائاش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇ خەينەننىڭ قارىشىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، تۆۋەن كىرىملىك مائاشلىق ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ئىش ئورنىنىڭ مائاش سەۋىيەسى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلاش تۈپ سانىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەڭ تۆۋەن مائاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تەمىنات ئۆلچىمىنىڭ مۇناسىپ ئۆسۈشىگىمۇ پايدىلىق ئىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان "ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر"گە ئاساسەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇل ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90 گە يەتكۈزۈلىدىكەن. %90 ئۆلچەم بويىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جايلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىمۇ بارغانسېرى ئاشىدىكەن. 

سۇ خەينەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشتە مۇۋاپىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك، بىر جەھەتتىن، تۆۋەن كىرىملىك مائاشلىق ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مال باھاسى ئۆرلەش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بىلەن مۇۋاپىق نىسبەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، كارخانىلارنىڭمۇ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئويلىشىش كېرەك، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش كارخانىلارنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئەمگەكچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

زۇكام بولغاندا پەقەت بىر تال سامساق بولسلا كۇپايە ! تىزئۇگنۋىلىڭ

20-ئەسىردىكى كۈلگۈڭىز كېلىدىغان ئاجايىپ كەشپىياتلار

ئەمدى ئالدىرمىسىڭىز، ئۇلگىرەلمەيسىز!

بوۋاقلارغاسۈت پاراشوگى بەرگەندە دىققەت ...

ھەرقانداق ئىغىر قەۋزىيەت ۋە ئۈچەينى تازلاش رىتسىپى،ھەقسىز

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存