دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز جاۋاب بەرگۈچى، خەلق تەكشۈرگۈچى
SEBILER
مەركىزىي كومىتېتنىڭ يېڭى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇشۇنداق چوڭ پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش، مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە ياخشى رەھبەرلىك قىلىشتا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىنتايىن مۇھىم، سىياسىي ئورنىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي نۇقتىنەزەر تىكلەپ، نەزەرىيە تەپەككۇرىنى، ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم، ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈش، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىنى تۇتاشتۇرۇش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نەزىرىدىن بەزى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئويلاپ، ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى، خەتەر خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر مىنۇت سېكۇنتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەنجېڭلار قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىنىڭ داۋامى، شۇڭا ئۇنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك، تارىخ ۋە رىياللىق بىزگە بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا قايتا نەزەر سېلىپ، باشقىلارنىڭ يولىغا سېلىشتۇرۇپ، يىراققا ئاتلانساق، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلىۋالساقلا ناھايىتى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، توغرا ئىگەللىيەلەيمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىزچىل ئىزدىنىشلار داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان 97 يىللىق ئەمەلىيەت داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، يېقىنقى دەۋردىن بېرى جۇڭخۇا مىللەتلىرى زاۋاللىقتىن روناق تېپىشقىچە بولغان 170 نەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپىدە بارلىققا كەلگەن، 5 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرى، تۈرلۈك بەدەللىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن قىممەتلىك نەتىجە، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىگەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودىكى مۇۋاپپىقىيىتى ماركسىزم، ئىلمىي سوتسىيالىزمغا بولغان ئەھمىيىتى، دۇنيا سوتسىيالىزمىغا بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك بۇ زور سىياسىي يەكۈن چىقىرىلدى، بىز بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باشقا يېڭى دەۋر بولماستىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى ئىكەنلىكى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي ئورۇندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي مەجبۇرىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىشتا پارتىيەمىز ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا دادىل بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئۆزىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا دادىل بولۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل خىسلىتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى مەڭگۈ توختاتماسلىق كېرەك، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇغا بىرتۇتاش سىڭدۈرۈش كېرەك، ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ رولى يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ ئۆزىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى باشتىن ئاخىرى دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلقنى ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، تۈرلۈك خېيىم خەتەر خىرىسلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك، بۇ ھەم پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، ھەم پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئىچكى تەلىپى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيىمىزنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇشى، باشلامچىلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى بولۇشى لازىم. سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولۇش، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى سىياسىي جەھەتتە سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول بولۇشى، ھەرىكەت ئەمەلىيىتىدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ نوپۇسىنى قوغدىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشى، ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشى، مىخ مىخلاش روھى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئىجرا قىلىشى، تارىخ ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئىقتىدارلىق بولۇپ، يېڭى بىلىم، يېڭى ساھەلەرنى ئۈزلۈكسىز پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى يۈكسەكلىكنى يارىتىپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئىستىلدا قاتتىق بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، چىن دىل بىلەن خەلقتىن ئۆگىنىش جەريانىدا خىزمەت يۈكسەكلىكىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت تەجرىبىسىنى موللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، خەلقنىڭ نازارىتىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ئاڭلىق ھالدا ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنى تەنقىد قىلىشى، ئۆزىنى تەربىيەلىشى، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇقنى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىز زور ئىشلارنى قىلالايدىغان تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا. تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياخشى، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنىڭ پۈتۈنلەي تەكشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنسېرى ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، خاتىرجەم چاغلاردا خەتەرنى ئويلاپ تۇرۇشىمىز، ھەرگىز ئىستراتېگىيەلىك، ئاستىن-ئۈستۈن بولۇش خاراكتېرلىك خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، قىيىن ۋە ئېغىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئالدىدا، ھەم خەتەردىن مۇداپىئە كۆرىدىغان ئالدىن تەدبىرلىرىمىز بولۇشى ھەم خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاھىدە تەدبىرىمىز بولۇشى كېرەك. ھەم مۇداپىئە كۆرۈش ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتا تەييارلىقى بار ئۇرۇش قىلىشىمىز، ھەم يامانلىقنى ئامانلىققا ئايلاندۇرىدىغان، خېيىم-خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. بىز تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەتەرنى يېڭىشقا تەييارلىق قىلىپ، پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆزىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن ئاخىر ئىزچىل بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن ئاخىر ئىزچىل بولۇش، خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەتەردىن، خىرىستىن مۇداپىئە كۆرۈشتە باشتىن ئاخىر ئىزچىل بولۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەر شەرھىيلىنىپ، بىزنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشمىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلىشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئىگىلىشىمىز ۋە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
يېڭىدىن مەركىزىي كومىتېتقا كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئانىلاردىققەت!بوۋاقلارنىڭ يېتىلىش ئالاھىدىلىكى ھەم بېقىش ئۇسۇلى
بوۋاقلارنى قىشتا كۆپ يۇيۇندۇرۇشقا بولامدۇ؟؟؟
دورىدىنمۇ 100ھەسسە يۇقىرى كارامەت رېتسىپ√ساقلىۋېلىڭ پايدىسى چوڭ
گۈرۈچ تاماق پىشۇرغاندا بۇنى قوشسىڭىز... تېخىمۇ كارامەت بولىدىكەن
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالىدىكەن؟