查看原文
其他

خەير! ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى! ئەمدى ئۈندىدارغا چىڭ باغلاندۇق

2018-01-09 👉 sebiler

SEBILER

ھەم ۋاقىت ھەم كۈچ سەرپ سەرپ قىلىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا زالىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش، ھەق تاپشۇرۇش ...

بۇنداق ئاۋارىچىلىقلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى!  

يېقىندا تېڭشۈن ئالاقە تورى + ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ، ئابۇنتلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ھەمدە داۋالاش سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلغان جايدا بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەر خىل ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنى «ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى ئۈنۈم ۋە قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھىرلەندۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەش ئىقتىدارى مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس تورىغا ئۇلاندى. سىناق نۇقتىدا تەجرىبە قىلىشتىن كۆرسىتىلىشىچە، بىمارلار ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 43.6 مىنۇت ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلاش ۋاقتىنى تېجىيەلەيدىكەن.

ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى باغلاشقا پەقەت بىر مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر سوئال شەكىللىنىدۇ: ئۆزىمىز ۋە ئىدارە ھەر ئايدا قانچىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ؟ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇدا تاپشۇرغان ۋاقىت زادى قانچە ئاي؟ ئۆزۈمنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسى ھېساباتىمىدىكى پۇلدىن قانچىلىك ئىشلەتتىم، ھازىر قانچىلىك پۇل قالدى؟ دېگەندەك. بۇ ۋاقىتتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس

 توردىن تەكشۈرمىگەندە مەخسۇس كىملىكنى كۆتۈرۈپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا زالىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ ، بەلكىم ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرىشىڭىز مۇمكىن؛ توردا تەكشۈرۈشكە ئوخشاشلا ئوڭاي ئەمەس، ئالدى بىلەن ئىزدەش ماتورىدىن تور بەتنى تېپىپ، ئاندىن شەخسى تىزىملىتىش ئورنىنى تېپىپ، كىملىك نومۇرى ياكى يانفون نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن تور بەتنىڭ دەلىللەش كودىنى ھەمدە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق كەلگەن دەلىللەش كودىنى كىرگۈزگەندىلا ئاندىن سىستېمىغا كىرگىلى بولىدۇ.

بۇ جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېيىن نۇقتا بار: 

بىرىنچى، ئىزدەش ماتورى بىتىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا نۇرغۇن ھەر خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئېلانلار قىستۇرۇلغان، سەللا بىخەستەلىك قىلسىڭىز ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قالىسىز؛ 

ئىككىنچى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تور بەت ئورۇنلاشتۇرىشىنى چۈشەنمىسىڭىز، سىستېمىغا كىرىش ئورنىنى تېپىشقا خىلى كۈچ سەرپ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ ؛ 

ئۈچىنچى، تور بەتنىڭ دەلىللەش كودى ئادەتتە ھەرپ ۋە ساندىن تۈزۈلىدۇ، دائىم ئېنىق كۆرۈنمەي قالىدۇ، تور بەتنى نەچچە رەت يېڭىلاش كېرەك، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق كېلىدىغان دەلىللەش كودىنى قوبۇل قىلىشقا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ ...... 

ئىشقىلىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش ھەم ۋاقىت ھەم كۈچ تەلەپ قىلىدۇ.

ھازىر تېڭشۈن ئالاقە تورى + ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىرلىكتە تەسىس قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدا ئابۇنتلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، شەخسى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تىپى ھەمدە ھەر ئايدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھالىتى ۋە شەخسى ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، دائىم ئىشلىتىدىغان داۋالاش سۇغۇرتىسى شەخسى ئىستېمال تەپسىلىي تىزىملىكى، سومما، شەخسى ھېساباتتىكى قالدۇق سومما قاتارلىقلار ئىنتايىن تەپسىلىي چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان شەھەرلەردىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان ئابۇنتلار يېڭى تىپتىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇدا تاپشۇرۇش يىل چەكلىمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۆڭلىدە سان توختاتقىلى بولىدۇ.

قانداق قىلىپ ئۈندىدارغا يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى باغلىغىلى بولىدۇ؟ 

بۇنىڭ تەرتىپى ناھايىتى ئاددىي، بىر مىنۇت ئىچىدىلا باغلىغىلى بولىدۇ. 

ئابۇنتلار ئۈندىدارنى ئىچىپ، «مەن» دېگەن تىزىملىكنىڭ ئىچىدىكى «ھەميان» ـــ «شەھەر مۇلازىمىتى» ـــ «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» دېگەن تۈرنى بېسىڭ! 

ئاندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان ئورۇننى تاللاپ، ئارقىدىن «دەرھال قوشۇش» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىلا بولىدۇ 

ياكى «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» دېگەن ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى نومۇرىنى قېتىۋېلىپ، «مىنىڭ» دېگەن تۈردىكى «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، كۆرسەتمە بويىچە باغلىسا بولىدۇ.



ئابۇنتلار ھەق تاپشۇرىمەن دەپ ئۇياق-بۇياققا قاتراپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىمۇ ئوخشاشلا يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق تاپشۇرغىلى بولىدۇ. شەھەر- يېزىلاردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېڭشۈن ئالاقە تورى + ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنىڭ بەلگىلەنگەن شەھەرلەرگە ئايرىلىش ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئابۇنتلار بىر كۇنۇپكا بىلەنلا شۇ جايدىكى بارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تور مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، باشقا شەھەرلەردىمۇ ئابۇنتلارنىڭمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا بەھرىمەن بولالايدىغان تور مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ.

ئالاقە تورى + داۋالاش: 27 ئۆلكە، شەھەردە ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى تۆلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق «ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدا ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى تۆلەش تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ئابۇنتلار نومۇر ئىلىپ كېسەل كۆرسىتىشتە ئۆچىرەتتە تۇرمايدۇ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى تاپشۇرۇش قاتارلىق «ئالاقە تورى + داۋالاش  مۇلازىمىتىنى بېجىرەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى تۆلەشتە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ غايەت زور ئابۇنت مىقدارى ۋە كۈچلۈك چىقىم قىلىش سىستېمىسىدىن ياردىمىگە تايىنىدىكەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئابۇنتلارنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش چىقىمىنى توردا چىقىم قىلغاندا، نومۇر ئىلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ھەق تاپشۇرۇش جەريانىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇش ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمىتىنى بەھىرلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە تېڭشۈن ئالاقە تورى + ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شېنجېن، چېڭدۇ، جېڭجۇ، شەنتۇ، توڭچۈەن، شيامېن، جياشىڭ، نىڭبو، كەيفېڭ، يەنئەن، بەيچېڭ، يۇڭكاڭ، پەنجىخۇا، چاڭشا، خاربىن، شېنياڭ، ۋېيفاڭ، سۇجۇ، خۇلۇ ئارىلى، شىئەن، باۋجى، ۋېينەن، يۈلىن، ئەنكاڭ، شاڭلو، شيەنياڭ قاتارلىق 26 شەھەردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تورىغا ئۇلاشنى تاماملىدى.

ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى چىقىم قىلىش يولغا قويۇلغان ئەڭ ئالدىنقى سىناق نۇقتا شەھەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر شېنجېندىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن دوختۇرخانىسى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن دوختۇرخانىسى، نەنسەن رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 24 دوختۇرخانىدا ئۈندىدار ئارقىلىق توردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى تاپشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شېنجېن دوختۇرخانىسىدا ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى تاپشۇرۇش نىسبىتى نەق پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا %50 دىن ئاشقان؛ چېڭدۇدىمۇ 8 دوختۇرخانىدا يولغا قويۇلغان، ئۇندىن باشقا سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك 2-جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3A دەرىجىلىك تۆت دوختۇرخانىمۇ مۇشۇ ئاي تور سىستېمىسىغا ئۇلاپ، چېڭدۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى تۆلەش ئىقتىدارى دوختۇرخانا، بىمار ۋە دورىخانىلارنى ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، دورىخانىلاردىمۇ ئۈندىدار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى تۆلىگىلى بولىدۇ، ئابۇنتلار دورىخانىدا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىقلا چىقىم قىلالايدۇ.

كەلگۈسىدە تېڭشۈن شىركىتى داۋاملىق تۈردە «ئالاقە تورى + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت»، «ئالاقە تورى + داۋالاش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئابۇنتلار ئۇچرىغان قىيىن نۇقتا، ھەل بولمىغان نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، «ئالاقە تورى +» نى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارغا ئومۇملاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇلازىمەتتە «ئاقىللاشتۇرۇش» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، دانا شەھەر قۇرۇشقا ھەمدەمدە بولىدۇ.

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بالا3ياشتىن بۇرۇن ئۈگىنىش زۆرۈربولغان10ئادەت،نەچچىنى ئۈگىتىپسىز؟

9 قېتىم بويىدىن ئاجراپ بالىلىق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن ئايال 4كېزەك

بۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلەمسىز؟

ئەسكەرتىش: 466 ناچار ئەپ ئىلغاپ چىقىلدى، تېخىچە ئىشلىتىۋاتامسىز؟

بالىنىڭ دېمى سىقىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存