بىر جاننى قۇتقۇزۇش،مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچقاندىن ياخشى
SEBILER
«بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، بىر جاننى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇشتىن ياخشى»
ئوپېراتسىيە كېلىشىمىگە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قول قويمىسا، دوختۇر ئوپېراتسىيەنى قىلالامدۇ؟
بىمار بىلەن دوختۇر مۇناسىۋىتى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ مەزگىللەردە، ھەممىمىز دوختۇر بۇنداق مەسىلىگە يولۇقسا قىينىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلايمىز.
ئوپېراتسىيە قىلمىسا قانۇنغا خىلاپلىق بولمايدۇ، لېكىن ۋىجدانىغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە قىلسا قانۇنغا خىلاپلىق بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن سوتقا تارتىلىدۇ. بىراق 4-يانۋار چۈشتىن كېيىن، نەنجىڭ گولوۋ دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر بۇ قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوپېراتسىيە قىلىشنى تاللىغان. ئۇ «بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، بىر جاننى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇشتىن ياخشى» دېگەن.
ياشانغان كىشى ھوشىدىن كەتتى، ئىشتىن چۈشكەن دوختۇر قۇتقۇزۇۋالدى
4-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2دىن 35 مىنۇت ئۆتكەن چاغ، نەنجىڭدا تۇنجى قار يىغىۋاتاتتى. 63 ياشلىق ليۇ بوۋاي يالغۇز گولوۋ دوختۇرخانىسىغا بارغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرخانا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتتى. يولدىن ئۆتۈۋاتقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ دەرھال 120گە تېلېفون قىلدى.
دەل مۇشۇ چاغدا، گولوۋ دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ۋاڭ تېي كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ مېترو ئېغىزىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى، بىراق، نەچچىلەپ يۈرەكنى باسقان بولسىمۇ، بوۋايدا ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمىدى، ئەھۋال ناھايىتى جىددىي ئىدى.
ۋاڭ تېي: قول تومۇر سوقۇشىنى بىلگىلى بولمىدى، بويۇن ئارتېرىيە سوقۇشىمۇ يوق. شۇ چاغدا يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم.
دوختور ۋاڭ جى
بۇ چاغدا قار كىيىم كېيگەن ئايال ۋاڭ جىگە ھەمكارلىشىپ يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىدى.
ياردەم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش
سائەت 2دىن 44مىنۇت ئۆتكەندە، گولوۋ دوختورخانىنىڭ خادىملىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، ياردەمگە كەلدى. بىر مېنوت ئىچىدە دوختۇرخانا خادىملىرى بىمارنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئۇچقاندەك ماڭدى.
يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر دوختۇر ۋاڭ جى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ مېترو بېكەت ئەتىراپىدا ليۇ بوۋاينى قوتقۇزغاندىكى كۆرۈرۈنۈشنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. سوغوق قىشتىكى بۇ ئىللىقلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىللىقلىق تېخى ئەمدىلا باشلانغانىدى.
ئون مىنۇت داۋاملاشقان جىددى قۇتقۇزۇش، ليۇ بۇۋاينىڭ يۈرۈك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئېلېكتروكاردىئوگرامما دىئاگونىزىدىن بوۋاينىڭ يۈرەك مۇسكىل تىقىلمىسى بارلىقى ئايدىڭ بولغان. يۈرەك كېسىلى بۆلىمىنىڭ دوختۇرى دەرھال ئۆتكۆزگۈچ نەيچە ئوپىراتسىيە قىلش تەكلىپى بەرگەن. بۇ ئوپراتسىيەنى قىلىش ئۈچۈن بىمار ياكى ئائىلە تاۋاباتلىرى قول قويۇش كېرەك ئىدى. سېستىرا بۇۋاينىڭ كېيىملىرىنى رەتلەۋاتقاندا يانفونىنى بايقىغان، يانفونغا بىر نومىردىن 20 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېفون كەلگەن بولۇپ، قايتۇرۇپ ئۇرغاندا ليۇ بۇۋاينىڭ خوتۇنى بولۇپ چىقتى. دوختۇرخانا خادىملىرى ليۇ بۇۋاينىڭ يانفونى ئارقىلىق ئۇنىڭ توغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى، لېكىن ئۇلار بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن كېلەلەيتتى. ناۋادا توغقانلىرى كەلگەندىن كېيىن ئوپراتسىيە قىلسا، ليۇ بوۋاي يەنە قايتا ھوشىدىن كېتىشى، مېڭىسى قايتا زەخىملەنسە ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
دوختۇر ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوپراتسىيە قىلىشنى قارار قىلدى
ئوپراتسىيەگە مەسئۇل جىددىي دىئاگنۇز بۆلىمىنىڭ دوختۇرلىرى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، بۆلۈم مۇدىرى ۋاڭ جۈن: ئۇنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، سىلەر بىرىپ قۇتقۇزۇڭلار،-دېگەن.
دوختۇر ۋاڭ جۈن
ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئەگەر ساقلىساق، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ساقىيىىشغا بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرىلىدۇ، قان قايتا قۇرۇش قانچە بالدۇر بولسا، كەلگۈسىدە ساقىيىىشقا شۇنچە پايدىلىق. مەن ئىمىزا قويۇش قەغىزىگە سىلەر ئوپراتسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمگە ئالىمەن، بېرىپ قۇتقۇزۇڭلار دەپ يازدىم. چۈنكى بۇ داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ، ئادەتتە ئىمزانى چوقۇق بىمار ياكى ئائىلە تاۋاباتلىرى قويىشى كېرەك.
سائەت 3تىن ئاشقاندا، ليۇ بۇۋاي يۈرەك ئوپراتسىيەخانىسىغا ئېلىپ كىرىلدى، ئوپراتسىيە داۋامىدا بىمارنىڭ ئوڭ تاجىسىمان تومۇر غول يېقىن بۆلىكىنىڭ پۈتۈنلەي توسولۇپ قالغانلىقى بايقالغان، شۇنىڭ بىلەن تىرەك سېلىپ قاننىڭ ئېقىشىنى راۋانلاشتۇرغان.
دوختۇرلار ليۇ بوۋاينى جىددىي قۇتقۇزماقتا
چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن ئاشقاندا، قار قاتتىق يىغىۋاتقاچقا، ليۇ بوۋاينىڭ خوتۇنى ۋە قىزى دوختۇرخانىغا ئاران يېتىپ كەلگەن، بۇ چاغدا ئوپېراتسىيە ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان.
ليۇ بوۋاينىڭ قىزى مۇنداق دېگەن: تاكسى توسىيالمىدۇق، ئامال يوق مېتروغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاران دوختۇرخانىغا باردۇق. ئارىلىقتا دوختۇر بىزگە تېلېفون بېرىپ، ئالدىرىماڭلار، بىز قۇتقۇزۇپ بولدۇق دېدى.
ليۇ بوۋاينىڭ ليۇ يەنيەن
دوختۇر ۋاڭ جۈن: ئادەم قۇتقۇزۇش بىلەن مەسئۇلىيەت ئالدىدا، مەن مەڭگۈ ئادەم قۇتقۇزۇشنى تاللايمەن، بىراق ئالدىنقى شەرت بولسا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىم كېرەك دېدى.
دوختۇر ۋاڭ جۈن مۇنداق دېگەن: بۇنداق قىلىش داۋالاش قائىدىسىگە خىلاپ. ئادەتتە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى بىمار قول قويۇش كېرەك ئىدى، شۇڭا ئىمزانى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تولۇقلىۋالدۇق. ئۇ چاغدا ئىمزانى مەن قويغان، ئەگەر مەن ئىمزا قويماي، ئوپېراتسىيەنى قىلمىغان بولساق، بىمار ھايات قالماسلىقى مۇمكىن. مەن يۈرەك بۆلۈمىدىكلەرگە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، بىر جاننى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇشتىن ياخشى دېدىم.
ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن، ۋاڭ جۈن ليۇ بوۋاينىڭ خوتۇنىغا تېلېفون بېرىپ، بوۋاينى جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلامسىز دەپ سورىغاندا، موماي قۇتقۇزۇۋېرىڭلار دېگەن. ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىشىنىشى شۇنداقلا دوختۇرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە كەسىپنى سۆيۈشى دوختۇر بىلەن بىمار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايان قىلغان.
ليۇ بوۋاينىڭ خوتۇنى ۋە قىزى ليۇ يەنيەن گولوۋ دوختۇرخانىسىغا بارغاندىن كېيىن، دوختۇرلارغا كەينى-كەينىدىن رەھمەت ئېيتىپ: دوختۇرلارغا رەھمەت، ئەگەر بىزنىڭ كېلىشىمىزنى ساقلىغان بولساڭلار، بوۋايدىن ئايرىلىپ قالاتتۇق، گولوۋ دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارغا رەھمەت،- دېگەن.
ليۇ بوۋاينىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى
دوختۇر ۋاڭ جىنىڭ دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى شۇنداقلا باشقا دوختۇرلارنىڭ يۈرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىشى ئاخىردا دوختۇر ۋاڭ جۈننىڭ ھەممىگە مەسئۇل بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلىشى نەتىجىسىدە ليۇ بوۋاي ئامان قالغان.
ھازىر بوۋاي ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مېڭىنى قوغداش قاتارلىق كېيىنكى داۋالاش ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ۋاڭ جۈن بوۋاينىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە خېلى ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.
ليۇ بوۋاينى بىر ھېسابتا تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىمارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان مەسئۇلىيەتچان دوختۇرغا ئۇچرىغانىدى.
سىز كۆرۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ۋاڭ جۈن دوختۇرنىڭ ھەرىكىتىدىن تەسىرلەنگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىمۇ مۇشۇنداق دوختۇر بارمىدۇ دەپ سورىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمىسە ئەتراپىمىزدىكى دوختۇرلار بۇنداق ئىشقا يولۇقسا قانداق قىلىدۇ؟
ئىشىنىمىزكى، قانۇن كاپالىتىلا بولىدىكەن، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دوختۇرلار يۈرەكلىك ھالدا بىمارلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولالايدۇ.
قەدىرلىك تورداشلار، ناۋادا سىز قانۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى قانۇن لىنىيەسى پىروگراممىمىزنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى سىكانېرلاپ قوشۇۋېلىڭ!
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالا3ياشتىن بۇرۇن ئۈگىنىش زۆرۈربولغان10ئادەت،نەچچىنى ئۈگىتىپسىز؟
9 قېتىم بويىدىن ئاجراپ بالىلىق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن ئايال 4كېزەك
بۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلەمسىز؟
ئەسكەرتىش: 466 ناچار ئەپ ئىلغاپ چىقىلدى، تېخىچە ئىشلىتىۋاتامسىز؟