查看原文
其他

يانفونغا بۇ سانلارنى كىرگۈزسىڭىز، ۋايفاينىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ

2018-01-11 👉 sebiler

SEBILER

ئۆيىڭىزدىكى سىمسىز تورنىڭ سۈرئىتى ئاستا تۇيۇلامدۇ؟ كىنو كۆرگەن ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دائىم قېتىۋالامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، يانفونىڭىزنىڭ تەڭشىكىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز.

ئالما يانفونى ۋە ئايپەدلەردە

1-قەدەم: يانفوننىڭ تەڭشىكى (设置) نى ئېچىپ، سىمسىز دائىرىلىك تور (无限局域网)نى چېكىڭ.

2-قەدەم: ئۆزىڭىز كىرگەن سىمسىز دائىرىلىك تورنى ئېچىڭ ھەم ئاستىدىكى DNS تەڭشىكىنى چېكىڭ.

3-قەدەم: ئاپتوماتىك ئەندىزە (自动模式)نى بىكار قىلىپ، قولدا تەڭشەش (手动) ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىڭ.

4-قەدەم: «114.114.114.114» دېگەن رەقەملەرنى كىرگۈزۈپ، ئۈستى تەرەپتىكى ساقلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇ ھامان تېزلىشىدۇ.

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=w056494sw9g&width=500&height=375&auto=0


ئاندىرويىد يانفونلىرىدا

1-قەدەم: يانفون تەڭشىكى (设置) نى ئېچىپ، سىمسىز دائىرىلىك تور (无限局域网)نى چېكىڭ.

2-قەدەم: ئۆزىڭىز كىرگەن تورنى تېپىپ، ئۆزىڭىز ئۇلانغان سىمسىز دائىرىلىك تورنى چېكىڭ.

3-قەدەم: ئاستىدىكى تۇرغۇن IP (静态IP) نى چېكىڭ.

4-قەدەم: ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى DNS1 نى تېپىپ، ئەسلىدىكى سان-سىفىرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، «114.114.114.114» دېگەن رەقەملەرنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇ ھامان تېزلىشىدۇ.

114.114.114.114 دۆلىتىمىزدىكى  كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئورتاق ئىشلىتىدىغان  ئانالىزاتور (DNS) بولۇپ، يانفون ۋە كومپيۇتېردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پاكىز، ئېلان يوق، نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانالىز ئۈنۈمدارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئابونېنتلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، سۈرئىتى تېز ۋە مۇقىم. 114 ئانالىزاتورى (114dns)نىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈگۈن نۇقتىسى بار. DNS مۇلازىمېتىرى سىزگە قانچە يېقىن بولسا سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ.

https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=o0512ery1gu&width=500&height=375&auto=0

قىش كىرىپ ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئادەمغۇ قېلىنراق كىيسە چىداپ كېتەلەيدۇ، لېكىن يانفونىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. يانفونىڭىزنىڭمۇ ھالىغا يېتىپ قويۇڭ.

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

سەبىيلەر شىركىتى يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

بالىنىڭ تال-ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلىكنىڭ 4 خىل ئىپادىسى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى ئائىلدە يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

بالىڭىز توختىماي يىغلىسا بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存