بالىڭىز توختىماي يىغلىسا بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ
SEBILER
بۇ دۇنيادا ھەممىدىن كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغىنى بولسا مېھىر-مۇھەببەت. مەيلى بۇ خىل مېھىر-مۇھەببەت ئاتا-ئانىغا قارىتا بولسۇن ياكى دوستلار ئارىسىدىكى بولۇشىدىن قەئىينەزەر.
بۇ شۇنداق قېرىنداشلىق مېھرى -مۇھەببىتى
ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن ئوماق سىڭلىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى. ئۇنىڭ ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغىنى قار مەلىكە. مەن سىڭلىمنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئاپامغا دەپ يۈرۈپ كىيىم ئالدىم ھەم سىڭلىم بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتۈم. بۇ رەسىمنىڭ ئىسمى «شاھزادە بىلەن مەلىكە» بولۇپ، بەلكىم بۇلاردۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك شاھزادە بىلەن مەلىكە بولسا كېرەك.
سۆيۈملۈك سىڭلىم سېنىڭ شاھزادەڭ يېنىڭدا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن مەن سېنىڭ شاھزادەڭ بولۇشنى خالايمەن.
دوستلارچەمبىرىكىدە شۇنچىلىك تارقالغان بۇ كىچىك بالىنىڭ ۋىدىئۇسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭ پۇت ھەم قولى يوق، بىراق ئىنىسىنىڭ يىغلىغىنىغا قاراپ باركۈچى بىلەن ئىنىسىغا ئىمىزگە بېرىدۇ. ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە بۇنداق كۆرۈنۈش ئۆيدە دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ شاكىچىكنىڭ يۈزىدە دائىم كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۆزى تاماق يەپ ھەم ئۆزى يۇيۇنالايدىغاندىن سىرت، يەنە تېخى ئۇكىسىغا قاراپ ئاكىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىكەن.
مانا شۇنداق مۇھەببەت باركى، تەغدىر قانچىلىك رەھىمسىز بولسىمۇ مەن يەنىلا ساڭا كۆيۈنۈشنى ھەرۋاقىت توختىتىپ قويمايمەن.
بۇ 12 ياشلىق بالىنىڭ ئىنىسى ئاق قان كېسىلگە گىرىپدار بولغان بولۇپ، ئۆيىدىكىلەر ئېىنىسىنى شەھەردە داۋالاتقىلى كېتىپتۇ. ئۆيدە يالغۇز قالغان بۇ بالا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، ئۆينىڭ چوڭ كىچىك ھەممە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان.
2017-يىلدىكى «ئەڭ ۋاپادار پەرزەنت»نى باھالاشتا ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن مۇنداق سۆيۈملۈك قېرىنداشلار بار. بۇ بالىنىڭ ھەدىسى مېيىپ بولۇپ قالغان بولۇپ ماڭالمايتى. ئەمما ئىنىسى ئۇنى ھاپاش قىلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كېلىدۇ. تاغ يولى تولىمۇ جاپالىق بولۇپ بېرىپ -كېلىشكە بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
رەھمەت ئىنىم، ھېلىمۇ سەن بولۇپ قاپتىكەنسەن!!!
ئوغلى جىددىي جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىنى قىلىشى كېرەك ئىدى. ئانا ئوغلىغا جىگىرىنى تەغدىم قىلىشنى ناھايىتى خالايدۇ. بىراق بۇ ئانا مايلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بولۇپ، ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئانا ھەركۈنى 10 كېلومىتىر يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇھەم 20 كىلو ئورۇقلاپ، جىگىرىنى ئوغلىغا ھەدىيە قىلىدۇ. ئوپراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ ۋە ئوغلىمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ.
قىزى ئوپراتسيە قىلىنىۋاتاتتى. ئەمما ئانا سىرتتا تىزلىنىپ قىزىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئانىمىز بۇ دۇنيادىكى بىزنى ئەڭ سۆيىدىغان قەدىرلىك كىشىدۇر.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى كولۇمبىيەدە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى. بىراق ئۇنىڭ ئانىسى ئىككى ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوماق شاكىچىك چوقۇم ياخشى ياشاڭ .
ئىشلەمچىلىك قىلىپ قايتقان دادا يېزىغا كېلىپلا ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ كىچىك بالا دادىسىنى نەق ئۈچ سائەت ساقلىغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن دادىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى. ھايات ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس.
يېڭى پىروگرامما «دادا نەگە بارىمىز» دېگەن فىلىمدە سۈرەت ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر جاسپىردىن« دادىڭىزنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟» دەپ سورىغىنىدا:
كىچىك چولپان كەسكىنلىك بىلەن «قەتئىي خالىمايمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ئەمدى تۇغۇلغان بىر بوۋاق دۇنيادا پەقە ت 9 كۈنلا ياشىيالىدى .
ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يېلىكىنى باشقا بىر بوۋاققا تەغدىم قىلدى. بۇ بەكلا تەسىرلىك بىر ھىكايە.
7.26 كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدە بىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەمدىلا باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن بۇ يىگىت پىدائىي بولۇش داۋامىدا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن.
3 ياشقا كىرگەن كىچىك دوست ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دوختۇرلار كېسلىنى كۈرۈپ، ساقايتىپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىش ئارقىلىق رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
دوختۇر سىزنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.
بۇ بىر ئالاھىدە ئائىلە ئايالى. ئۇ گەپ قىلالمايدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئەمما دوختۇرلارئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئەستايىدىلىق بىلەن قول ئىشارىتى ئارقىلىق ھەم قەغەزگە يېزىش ئارقىلىق پاراڭلاشماقتا.
ئۇنىڭدا مۇنداق خەتلەر يېزىقلىق:ئوكسېگىن سۈمۈرۈش بوۋاققا ئىنتايىن پايدىلىق ئەگەر ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز بىزگە ئېيتىڭ.
ھەربىر ۋاراق قەغەزدە ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى ئىپادىلەنگەنمەن بۇ دۇنيادىكى تۇنجى سۆيگۈم بىلەن سىزنى كۈتىۋالىمەن .
مۇئەللىم ماڭا بىر ياخشىراق توپ ئېلىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟
بۇ يىگىت يىرتىلىپ كەتكەن پارچە پۇللارنى مۇئەللىمگە سۇنۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇراتتى.ئۇ توپ تېپىشقا ئىنتايىن ئامراق. بۇ خىل باشقىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاددى بىر ئىش، بۇ شاكىچىككە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ ئارزۇ ھېسابلىنىدۇ.
تەنتەربىيە مۇئەللىمى بۇ سۈرەتنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ شاكىچىك نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. ئۇلار بىرلىكتە بۇ شاكىچىككە پۇتبول، تەنتەربىيە كىيىمى قاتارلقلارنى سوۋغا قىلدى. كېيىن يەنە بۇ شاكىچىك ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق پۇتبول چولپىنى مىسسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى.
بۇ دۇنيا شۇنچىلىك ئىللىق ھەم مېھىرلىك. چۈنكى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھامان بىرسى سىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغىلى كېلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ دۇنيادا ھامان بىرى سىزنى چىن قەلبىدىن ياخىشى كۆرىدۇ، سىزگە كۆيىنىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ.
سۆيۈملۈك بالىلار، سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ئىللىقلىققا تولغان. بۇ يىل قىش تولىمۇ سوغۇق، بىراق سىلەر بار بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا تولىمۇ گۈزەلدۇر!
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئاياللارنىڭ تېنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەندە مۇنداق قىلىڭ ،پايدىلىق
بالىنىڭ دېمى سىقىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بالىلارنىڭ جىمىپ قېلىشىدىكى «قورقۇنچلۇق» سەۋەبنى بىلەمسىز؟
ئۆمرۈم قىسقىراپ كەتمىسۇن دىسىڭىز كەچتە بۇ 4 ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ