查看原文
其他

غەلىتە!مائاش تالۇنىڭىزدا بۇ پۇللار بار، ئەمما ئۇ نەدە؟

2018-01-13 👉 sebiler

SEBILER

كېلەر ئايدىن باشلاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان «كارخانا يىللىق پۇلى چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ. يەنە بىر تۈركۈم پۇل كەلدى؟ يۈرىكىڭىز گۈپۈلدەۋاتامدۇ؟

ئالدىرماڭ!  ئەمەلىيەتتە، كارخانا يىللىق پۇلىنىڭ رولى يىللىق كەسىپ پۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يولغا قويۇلغىلى خېلى يىللار بولدى. ئەمما، بۇ پۇل ھازىرلا سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگمەيدۇ!

بۇ نېمە ئۈچۈن؟

ئەمىسە بىرلىكتە كۆرۈپ  بېقىڭ~~

يىللىق كەسپ پۇلى ۋە كارخانا يىللىق پۇلى دېگەن نېمە؟


يىللىق كەسپ پۇلى ___ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا قۇرۇلغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىما تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.  

كارخانا يىللىق پۇلى ____ كارخانا ۋە خادىملارنىڭ ئاساسلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا، ئۆزلىرى خالاپ قۇرۇلغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىما تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. 


بۇ پۇللار نەدە؟


ئەگەر سىزنىڭ مائاش تالونىڭىزدا يىللىق كەسىپ پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى دېگەن تۈر بولسا، بۇ پۇللار ۋاقتىنچە قولۇڭىزغا تەگمەيدۇ. 

ئۇنداقتا بۇ پۇللار نەدە تۇرىدۇ؟

يىللىق كەسىپ پۇلى ئىدارە ۋە شەخس ئورتاق ھەق تاپشۇرۇپ، شەخسىي ھېسابات شەكلى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان، ئىجتىمائىي كاپالەت ئورگانلىرى يىللىق كەسىپ پۇلىنى بېجىرىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان،  يىللىق كەسىپ پۇلى فوندى ئارقىلىق بازارلاشقان مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، قىممەتنى ساقلاپ-ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، ھۆكۈمەت تارماقلىرى نازارەتنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەكلى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ. 

كارخانا يىللىق پۇلىنى كارخانا ۋە خىزمەتچىلار ئورتاق تاپشۇرىدۇ. كارخانا يىللىق پۇلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا چوقۇم كارخانا يىللىق پۇلىنىڭ ھاۋالە قىلىنغۇچىسى كارخانىغا ۋاكالىتەن ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىشنى باشقۇرۇش توختامىنى ئىمزالىشىنى بېكىتىشى كېرەك. ئادەتتە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ___ بانكا ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قۇرۇلغان كارخانا يىللىق پۇل كېڭىشى بولىدۇ. 


قانداق قىلغاندا بۇ پۇللارنى چىقارغىلى بولىدۇ؟


يىللىق كەسىپ پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى بولسۇن، خىزمەتچى خادىملار دۆلەتنىڭ بەلگىلەنگەن پىنسىيە شەرتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، شەخس ئايغا بۆلۈپ ياكى بىر قېتىمدا سودا خاراكتېرلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. 

چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان خادىملارنىڭ يىللىق كەسىپ پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى شەخسىي ھېساباتىدىكى مەبلىغى (پۇلى) شەخسنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن بىر قېتىمدا شەخسكە بېرىلىدۇ. خىزمەتچى خادىملار خىزمەت مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلسا، يىللىق كەسىپ پۇلى ۋە كارخانا يىللىق پۇل شەخسىي ھېساباتىدىكى مەبلەغكە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ. 



خىزمەت ئالماشقاندا بۇ پۇللارنى قانداق قىلىمىز؟


 خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمىتىدە يۆتكىلىش بولغاندا، يېڭى ئورۇندا يىللىق كەسىپ پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان بولسا، ھېساباتتىكى مەبلەغنى ئەسلىدىكى باشقۇرغۇچى ئورۇن داۋاملىق باشقۇرۇپ يۈرگۈزىدۇ. يېڭى ئورۇندا بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولسا، ئەسلىدىكى ھېساباتتىكى مەبلەغ شەخس بىلەن تەڭ يۆتكىلىدۇ. 

مەنبە:www.uycnr.com

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بوۋاقنىڭ نورمال يېتىلگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ ؟

ئانىلاردىققەت!14ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆپكىسىگە كىچىك لامپۇچكا

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى قانداق ئۆستۈرىدۇ؟

دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز جاۋاب بەرگۈچى، خەلق تەكشۈرگۈچى

بالىنىڭ پۇتى «پاقا شەكىللىك»بولۇپ قالسا،تۈزلىگىلى بولامدۇ-ياق؟

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存