مۇنۇ يىللاردا تۇغۇلغان دوستلار، كىملىكىڭلارغا دەرھال قاراڭلار!
SEBILER
1983 ~ 1992-يىللاردا تۇغۇلغان بولسىڭىز دىققەت قىلىڭ! دەرھال كىملىكىڭىزنى چىقىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
كىملىكىڭىزنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ كەتكەنمۇ-يوق؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 2-ئەۋلاد كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى مۇنداق بولىدۇ:
16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ 5 يىل؛
16ياشتىن 25 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 10 يىل؛
26 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 20 يىل؛
46 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك.
ئەگەر سىز 1991-يىلى تۇغۇلغان بولسىڭىز ھەم 16 ياشتا يەنى 2007-يىلى 2-ئەۋلاد كىملىك بېجىرگەن بولسىڭىز، كىملىكىڭىزنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2017-يىلى توشىدۇ. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 1992-يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ كىملىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2018-يىلى توشىدۇ.
كىملىكىڭىزنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋالمىسىڭىز!
پويىز، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پاراخوت، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش، مېھمانخانىدا تۇرۇش، كارتا ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئاۋارىچىلىككە يولۇقىسىز، چىقىمدان، ئۈندىدارلارنى ئىشلىتىشىڭىزگىمۇ تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
……
ئۇنداقتا، كىملىكنى قانداق بېجىرىمىز؟
كىملىكىڭىزنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئىككى-ئۈچ ئاي بۇرۇن، كونا كىملىكىڭىز ۋە نوپۇس دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىسىز. ساقچىخانا بارماق ئىزى ئۇچۇرىڭىزنى ئالىدۇ. 20 يۈەن تەننەرخ ھەققى تاپشۇرىسىز. 60 كۈن ئىچىدە، ساقچىخانا بېكىتىپ بەرگەن كۈنى كونا كىملىكىڭىزنى ئېلىپ ساقچىخانىغا بېرىپ يېڭى كىملىكنى ئېلىۋالىسىز. ئەگەر كونا كىملىكىڭىز يېتىپ كەتكەن بولسا، تولۇقلاپ بېجىرىش ئۆلچىمى بويىچە 40 يۈەن ھەق تاپشۇرىسىز. كىملىكنى ھەر كىم ئۆزى بېرىپ بېجىرىشى كېرەك، ھەرىكەت ئىقتىدارىڭىز يوق بولسا، ساقچىخانا ئادەم ئەۋەتىپ ئۆيىڭىزگە بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىدۇ.
قانداق قىلغاندا كىملىك سۈرىتىگە چىرايلىق چۈشكىلى بولىدۇ؟
1.يۈزۈم ئورۇق چىقامدىكىن دەپ بېشىڭىزنى چۆكۈرىۋالماڭ، بولمىسا قوش ئېڭەك چىقىپ قالىسىز.
2. بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ، ئېڭىكىڭىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ، غولىڭىزنى كەينىگە قىسىپ ئولتۇرۇڭ.
3. فوتو ئاپپارات كۆزنىكىنىڭ 3 سانتىمېتىر ئۈستىگىرەك قاراپ، كۆزىڭىزنى چىمچىقلاتماي چوڭراق ئېچىپ ئولتۇرۇڭ.
4. ئاغزىڭىزنى سەل ئېچىپ كۈلۈمسىرەڭ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 تال چىشىڭىز كۆرۈنسە بولدى، بەك چوڭ ئېچىۋالماڭ.
5. ئاسىيالىقلارنىڭ يۈزى ياپىلاق كېلىدۇ، شۇڭا چېچىڭىزنى سەل كۆپتۈرۈۋېلىڭ.
6. مەيدىڭىزگە بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى تۇتۇپ ئولتۇرسىڭىز ئاقىراق چىقىسىز، سۇس رەڭلىك كىيىم كىيسىڭىزمۇ چانمايسىز.
7. قېنىق گىرىم قىلماڭ، يالغان كىرپىك تاقىماڭ، چېچىڭىزنى ئالا-يېشىل بويىۋالماڭ، قۇلاق-بۇرۇنلىرىڭىزغا ھالقا ياكى باشقا نەرسە تاقىماڭ، چېچىڭىز قاش ۋە قۇلاقلىرىڭىزنى توسۇۋالمىسۇن.
8. قازاندا نېمە بولسا چۈمۈشكە شۇ چىقىدۇ، چىرايىڭىز قانداق بولسا سۈرەتكىمۇ شۇنداق چىقىسىز، بەك چىرايلىق چۈشىمەن دەپ ۋەھشى ئاماللارنى ئىشلەتسىڭىز، كىملىكىڭىزنى كۆرگەن ئادەم سىزنى تونۇماي قېلىشى مۇمكىن.
كىنىشكىلار ئىچىدە كىملىكنىڭ رولى ئەڭ چوڭ، قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىققاندا، مېھمانخانىغا چۈشكەندە كىملىك بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا كىملىكىڭىزنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان بولسا دەرھال بېجىرىۋېلىڭ، بىكار ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىپ قالىسىز.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئانىلاردىققەت!بوۋىقىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىڭىزتوغىرمۇ
نېمىشقا سۈت پاراشوكى بالىنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ؟
دىئابېت كېسلىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش رېتسېپلىرى