查看原文
其他

سىز ئالدىنىپ كەلگەن كىچىك ساۋاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە

2018-01-20 👉 sebiler

SEBILER

بۇ راست

ناشتا قىلمىسىمۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماق يېمىسىمۇ ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ. شۇڭا تاماق يېمەي ئورۇقلايمەن دەپ يۈرگەن قىزلار ئۇسۇلۇڭلارنى ئۆزگەرتكىنىڭلار ياخشى.


سۆڭەك شورپىسى ئىچسە كالتسىي تولۇقلايدۇ

بۇ يالغان

سۆڭەك تەركىبىدىكى كالتسىي ئاسان ئېرىمەيدىغان بولغاچقا سۆڭەك شورپىسىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، سۈت تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا كالتسىي تولۇقلاش رولى يوق.


كومپيۇتېرنىڭ يېنىدا كاكتۇسگۈلى قويۇپ قويسا رادىياتسىيەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بۇ يالغان

رادىياتسىيە ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق كاكتۇسگۈلىنىڭ رادىياتسىيەدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى يوقلۇقى ئىسپاتلاندى. ئەمەلىيەتتە، ھېچقانداق ئۆسۈملۈك بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس.


ئىچكۆزەينەك تاقاپ كاۋاپ پىشۇرغاندا، ئىچكۆزەينەك ئىسسىق دەستىدىن ئېرىپ كېتىپ كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ

بۇ يالغان

لاياقەتلىك ئىچكۆزەينەكلەر يۇقىرى تېمپىراتۇرادىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئېرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي كاۋاپ پىشۇرۇپ يېيىشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋېرىڭ. كۆزىڭىز بىئارام بولۇپ قالسا، كۆزىڭىزنى بىر نەچچە قېتىم چىمچىقلىتىپ ياش بىلەن نەملەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، نەم شارائىتتا ئىچكۆزەينەك يۇقىرى ھارارەتكە تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.


يىلاننىڭ بېشى كېسىلىپ كەتسىمۇ ئادەم چېقىۋالالايدۇ

بۇ راست

يىلان ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان، بېشىنىڭ ئوكسېگىنغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا كېسىۋېتىلگەن باشمۇ بىر مەزگىلگىچە تىرىك تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇڭ، ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماڭ.



 تاللا بازىرىنىڭ كىچىك تالونچىسى تەركىبىدە قوش فىنولA بار، تۇتىۋەرسە راك پەيدا قىلىدۇ

بۇ يالغان

كىچىك تالونچە تەركىبىدە ھەقىقەتەن قوش فىنولAبار، لېكىن مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بىر گىرام تالون تەركىبىدە 0.0139 گىرام قوش فىنول Aبار. تاللا بازىرىدىكى پۇل يىغقۇچىنى مىسال قىلساق، ئۇ كىچىك تالونچىگە كۈنىگە ئون سائەتلەپ ئۇچرىشىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تېنىگە كىرگەن قوش فىنولA نىڭ مىقدارى بىخەتەر مىقدار ئۆلچىمىدىن 42 ھەسسە تۆۋەن. شۇڭا ئىستېمالچىلار كۈندە بىر نەچچە تال كىچىك تالوننى تۇتۇپ قويغانغا سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمەيدۇ، راك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولمايدۇ.


خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەل

بۇ راست

خورەك تارتىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىش دەپ سەل قارىماڭ. بولۇپمۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ خورەك تارتىش نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىپ ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇزاق مەزگىللىك سوزۇلما كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق باشقا ئەزالارغا ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ خورەك تارتىدىغانلار سەمىرىپ كېتىدۇ، سېمىزلىك خورەكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ، بۇنداق يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتسە، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. خورىكىڭىز كۈچىيىپ قالغان بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ ۋە داۋالىنىڭ.


يېڭى ساقلاش يالتىرىقىنى تەكرار ئىشلەتسە، قىزىتسا بولمايدۇ

بۇ راست

يېڭى ساقلاش يالتىرىقىنى تەكرار ئىشلەتكەندە يېمەكلىكلەر بىر-بىرىگە تەسىرلىشىپ مىكروب پەيدا بولىدۇ، يېمەكلىكنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. «مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ» دېگەن ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولسا، ئاندىن قىزىتىشقا ياكى مىكروبسىزلاندۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن بەك ئۇزۇن قىزىتماسلىق لازىم. 


بەزى يانفون قاپلىرى راك پەيدا قىلىدۇ

بۇ راست

ئەرزان، سۈپەتسىز يانفون قاپلىرى كېرەكسىز سۇلياۋ ئەخلەتلىرىدىن ياسالغان بولۇپ، تەركىبىدە فورمالىن، بېنزول قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بار، بېنزول تۈرىدىكى ماددا ۋە باشقا كېرەكسىز ماددىلەرنى چىقىرىدۇ. شۇڭا بىر خىللا ماتېرىيالدىن ياسالغان رەڭگى سۈزۈك يانفون قاپلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ، دىماغنى قىچىشتۇرىدىغان، كۆزنى ئاچچىق قىلىدىغان، سىيلىسا ئۆڭۈپ كېتىدىغان يانفون قاپلىرىنى ئىشلەتمەڭ.

مەنبە:www.uycnr.com

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بالا بىقىش ئانىلارنىڭلامەجبۇرىيتى ئەمەس،بالاباقالايدىغان دادىلار

قەۋزىيەتمۇ سىز؟ بىر ئىستاكان زەنجىۋىل لىمون سۈيى كۇپايە

خەير! ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى! ئەمدى ئۈندىدارغا چىڭ باغلاندۇق

ئانىلاردىققەت!14ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆپكىسىگە كىچىك لامپۇچكا

بالىنىڭ پۇتى «پاقا شەكىللىك»بولۇپ قالسا،تۈزلىگىلى بولامدۇ-ياق؟

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存