داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چاقچاق قىلماڭ
SEBILER
يېقىندا ئىككى دوختۇرخانا داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، ئالدىدا 9-يانۋار جياڭسۇدىكى ئانچە داڭلىق بولمىغان پۇقراۋى دوختۇرخانا خۇەيئەن رېنجى دوختۇرخانىسى داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا چېتىشلىق دەپ تەكشۈرۈلگەن. 18-يانۋار ئەنخۇي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش خادىمى تەكشۈرۈش بۆلۈمى بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاشكارىلانغان. تەكشۈرۈلۈشىچە بۇ دوختۇرخانىدا پەقەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بولسىلا، بىمار قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىدىن، نېمە دورا ئېلىشىدىن، كىمنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىلا مەشغۇلات قىلالايدىغان ئەھۋاللار نورمالسىزلىق ھېسابلانمايدىكەن. بۇ دوختۇرخانىدىكى داۋالاش خادىملىرى داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، دوختۇرخانىدا يېتىش قاتارلىق ھالقىلاردا ساختىلىق ئىشلەتكەن.
دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: تەكشۈرۈشنى باشلىدۇق، بۇنداق ئىشلارغا ھەرگىز يول قويمايمىز-دېگەن.
ئەنخۇي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىشى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەنخۇي جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇق قىلغان ھەمدە ئەنخۇيگە تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەن. 19-يانۋار ئەنخۇي ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھۆكۈمەت ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئەنخۇي جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى ھەمدە دوختۇرخانىغا كىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا تېزدىن بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقى، قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بۇنداق ئىشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو تېبابىتى سىستېمىسىنىڭ كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەيمىز، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.
يېقىندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداشقا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلار دائىم كۆرۈلمەكتە. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغى خەلقنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان پۇل، ھازىر دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىسىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا، لېكىن ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى، ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسى يەنىلا بىرقەدەر تۆۋەن، ئەگەر ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك ئىشلار دائىم يۈز بەرسە، خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش شۈبھىسىزكى تېخىمۇ تەس، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ؟
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىش ئاللىقاچان يېڭى خەۋەر ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداش سەتچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى، ھەرقېتىملىق ئىشتىن كېيىن ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھەممىسى قاتتىق جازالاندى. يېقىندا، ئەنخۇي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى تارماق دوختۇرخانىسى يەنە بىر قېتىم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىش سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىدى، بۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىش ئالدامچىلىقى نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ؟ قانداق قىلغاندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىغا سوزۇلغان قارا قولنى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
ھەممىگە ئايانكى، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى، ئاھالىلەرنىڭ "كېسەل بولغاندا داۋالىنىش"غا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم مېخانىزم. ئىدارە بىلەن ئاھالىلەر شەخسىي تاپشۇرغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش مېخانىزمنىڭ رولى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ "كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش" مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، نۇرغۇن ئاھالە ۋە ئائىلىلەرگە بەخت يەتكۈزدى. مانا مۇشۇنداق ھەممە ئادەمگە پايدا يەتكۈزىدىغان تۈزۈم بۈگۈنكى كۈندە باشقىلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق قاقتى-سوقتى قىلىنسا كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلار گەرچە كىشىنى غەزەپلەندۈرسىمۇ، لېكىن ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەكىل خاراكتېرلىك بولۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئۇنداقتا داۋالىنىش سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتىكى تۈپ مەسىلە قەيەردە؟
دوختۇرخانا، داۋالىنىش سۇغۇرتا مەركىزى ۋە بىمار ئۈچ تەرەپنىڭ مەنپەئەتىدىن قارىغاندا، دوختۇرخانا بىلەن بىمار ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىسقا مۇددەتتە ئالدىنقى ئىككىسى مەنپەئەتلەنگەن بىلەن ئاخىرىدا داۋالىنىش سۇغۇرتا مەبلىغى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ خىل قىلمىش بارلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئاممىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەس بولىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەرقانچە كۆپ مەبلەغ سېلىنسىمۇ بۇنداق ئوغۇرلاۋەرسە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ-دە...
دېمەك، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئوغرىلاش ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يۇقىرىقى دېلودىكى بىر قىسىم داۋالاش خادىملىرى قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىمار بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ باھالىنىشى، دوختۇرخانىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىمار ئەسلىدە دوختۇرخانا بىلەن ئەمەس داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىمار بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئورتاق ئالداشتىكى ماھىيەتلىك مەسىلە بىمارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى ۋەكىلىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارنىڭ ئۆزدىمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك قىلمىشى مەۋجۇت.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇقۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر قىسىم سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كۆڭلىدە، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىمەن، لېكىن سالامەتلىكىم ئىزچىل ناھايىتى ياخشى، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسەتمىسەم زىيان تارتمامدىم؟ دەپ ئويلايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشىلەر سۇغۇرتا كارتىسىغا ئۆيىدىكىلىرىگە دورا سېتىۋالىدۇ، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان خاتا چۈشەنچە بولۇپ، سۇغۇرتا ئەسلىدىنلا خەتەرگە قارىتىلغان ، ناۋادا خېيىم-خەتەر بولمىسا، تەبىئىي ھالدا بىر قىسىم مەبلەغ سۇغۇرتا تاپشۇرۇشنىڭ كاپالىتىگە ئايلىنىدۇ. مەھسۇلات لوگىكىسى شۇنداق بولىدۇ، نەدىمۇ ھەم سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ خەتەرگە ئۇچرىغاندا كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان ھەم خەتەرگە يولۇقمىسا پۇل قايتۇرۇلىدىغان ئىش بار؟
ئەمەلىيەتتە شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھېساباتىدىكى بىر قىسىم مەبلەغ يەنە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، كارتا ئىگىسى قازا قىلغاندىن كېيىن بارلىق پۇلنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇمۇ بەلكىم ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە ئويلىشىپ چىقىلغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۈزۈمنىڭ مۇشۇنداق لايىھەلىنىشىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى تولۇق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ھاياتىڭىزنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بۇ پۇلغا كاللا ئوينىتىپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بوۋىقىڭىز تولائاغىرىپ قىلىپ سىزنى بىئارام قىلىۋاتامدۇ؟بۇ تاماقنى
بالىڭىزغا ئوماق بالىلار ناخشىللىرىنى ئۈگىتىپ قويۇڭ
چىش ئاغرىقنى شۇ ھامان يوقىتىشنىڭ مۆجىزىلىك رىتسىپى
يانفونغا بۇ سانلارنى كىرگۈزسىڭىز، ۋايفاينىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ
بالىڭىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىدىغان 15خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل