查看原文
其他

ئامىرخاننىڭ سەككىز ياشتىن باشلانغان ئاجايىپ ھايات مۇساپىسى

2018-01-25 👉 sebiler

SEBILER

ئۇ ئۆزى يالغۇز ھوللىۋودنىڭ بارلىق خاس بەلگىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىسنىڭ دۇنياغا تونۇلۇش يولى، تالانت ئىگىسى.

ئامىرخان ئىككىنچى ئەۋلاد ئارتېس

ئۇ 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھىندىستان بومبايدا دۇنياغا كەلگەن.


ئامىرخاننىڭ ئائىلىسى كىنوچىلىق ئائىلىسى ئىدى. دادىسى مەشھۇر كىنو ئىشلىگۈچى، تاغىسى ھەم ئارتىس ھەم رېژىسسوردىن ئىبارەت بىر قانچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيتتى، ئىنىسى فېسارخانمۇ ئارتىس ئىدى، يەنە بىر جيەنى ئىمرانخان رېژىسسور بولغان،  ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى ناسىر ھۈسەيىن بولۇپ، جۇڭگودىكى تاماشىبىنلارغا ئەڭ تونۇش بولغان «چوڭ مەپە» كىنوسىغا دەل ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان.


ئامىرخاننىڭ كىنوچىلىق ھاياتىمۇ ئىنتايىن بۇرۇن باشلانغان. سەككىز ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئۇ كىنودا تۇنجى قېتىم رولغا چىقىپ، كىنوچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.

لېكىن بالا ئارتىسلار چوقۇم ئارتىسلىق يولىنى تاللامدۇ؟ ياق!


ئوخشىمىغان يولدا ماڭغان ئامىرخان

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە ئامىرخان، چويلا توپ، شاھمات ۋە پالاق توپنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇ ھەتتا ھىندىستان ماخاراشتىرا ئۆلكىسىنىڭ ئەرلەر چويلا توپ يەككە ئويناش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغان. ئەلۋەتتە، مۇنەۋۋەر ئادەملەر نېمىلا قىلسا ئەڭ ياخشى قىلالايدۇ.



1988-يىلى، 23 ياشقا كىرگەن ئامىرخان ئارتىسلىق يولىغا ئاخىرى قايتىپ كەلگەن. «سىز ئازراق ۋاقىت چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭىزنىڭ قايسى خىزمەتكە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز، توغرىغۇ؟» بۇ ئامىرخاننىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى، ئامىرخان ئۆزىنىڭ نەۋرە قېرىندىشى رېژىسسورلۇق قىلغان «سوغۇقلۇق ۋە ئىللىقلىققا تولغان دۇنيا» كىنوسىدا، باش رول لازىنىڭ رولىغا چىققان.


1989-يىلى، ئامىرخان بەدىئىي فىلىم «كۇكۇم-تالقان بولۇش»تا، ئۆچ ئالىدىغان ئەرنىڭ رولىغا چىققان، شۇنداقلا ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان دۆلەتلىك كىنو باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رول ئالغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھەقىقەتەن كېلىشكەن چىرايى ۋە رول ئېلىش تېخنىكىسى بىرلەشكەن! ئۇ پۇل ۋە خەۋەر چىقىرىشقا تايىنىپ مەبۇدقا ئايلانمىغان، بەلكى ھەقىقەتەن بىر تالانتلىق ئارتىس ئىدى. ئۇنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرى، ئامىرخاننىڭ كىنودا رول ئېلىۋاتقان يېڭى ئارتىس ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرەلمىگەنلىكىدىن ئەجەبلەنگەن.

«كۈكۈم-تالقان بولۇش» قويۇلغاندىن كېيىنكى تۆت يىلدا، ئامىرخان «پۇل بىلەن ئەمەس، قەلبتىن سۆزلەش»، «مۇھەببەت يولىدا»، «مۇھەببەت ھېكايىسى»، «يەڭگىنى سۇلتان» قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان بولۇپ، راستىنى دېگەندە رولغا چىققان كىنولىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. لېكىن ئامىرخان بۇنداق رول ئېلىۋېرىشقا بولمايدۇ، ئۆزگىرىش كېرەك دېگەن قارارنى چىقارغان! شۇنىڭ بىلەن 1993-يىلى ئامىرخان سېنارىيە يېزىشقا باشلىغان.

ئۇنىڭ قالتىسلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ

1996-يىلى، ئامىرخان «ھىندىستانلىق راجا» كىنوسىدا رولغا چىقىپ، يەتتە قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ھىندىستان تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ مۇكاپات «ھىندىستاننىڭ ئوسكار مۇكاپاتى» ھېسابلىنىدۇ.

1998-يىلى، ئامىرخان «غۇلام» فىلىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ناخشىچىسى بولغان، شۇنداقلا «كاندالا ساياھىتى» ناخشىسىنى ئېيتىپ، ھىندىستان تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى، ئامىرخان مۇھەببەت كىنوسى «ھىندىستاندىكى كەچمىشلەر»دە، فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان، مەزكۇر كىنو ئوسكار مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى كىنوسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

2005-يىلى 8-ئايدا، ئامىرخان تۆت يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغان ئۇرۇش كىنوسى «زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان» قويۇلغان، ئۇ بۇ كىنودا مىللىي قەھرىمان ھىندىستان ئارمىيەسىدىكى كىچىك ئەترەت باشلىقى مانكاباندىنىڭ رولىغا چىققان. ئۇنىڭ رولغا چىققان قىياپىتىنى ھەقىقەتەن تونۇۋېلىش مۇمكىن بولماي قالغان. لېكىن، تالانتى يەنىلا ئىپادىلىنىپ چىققان.

2006-يىلى، ئامىرخان «باساتنىڭ رەڭگى»دە دىلجىتنىڭ رولىغا چىقىپ، ھىندىستان تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا يەنە بىر قېتىم ئېرىشكەن.

قالتىس ئادەمنىڭ قالتىسلىقى شۇكى، ھازىرقى ھالەتتە تۇرىۋېرىشنى مەڭگۈ خالىمايدۇ

2007-يىلى، ئامىرخان رېژىسسورلۇق ھاياتىنى باشلاپ، «يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار» كىنوسىغا رېژىسسورلۇق قىلغان ھەمدە كىنودا گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى نېكنىڭ رولىغا چىققان، بۇ كىنو ھىندىستان تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، يەنە ھىندىستانغا ۋاكالىتەن ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى كىنولىرىغا قاتناشتۇرۇلغان.

2008-يىلى، «نامەلۇم ئۆلۈم» قويۇلغان. بىر قىسمى كومېدىيە، رومانتىكىلىققا تولغان، يەنە بىر قىسمى ئۆچ ئېلىش، ئازاب، خارلاش، مۇھەببەت، ئۇرۇش، زوراۋانلىققا تولغان بۇ كىنو، كۆپلىگەن سودا ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. ئامىرخان كىنودا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىن ئايرىلغان ياش لىدېرنىڭ رولىغا چىققان بولۇپ، مېڭىسىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەقەت 15 مىنۇت ئىچىدىكى ئىشلارنىلا ئەستە تۇتالايتتى. لېكىن ئۇ بەدەنگە چەكتۈرۈش، خاتىرە قالدۇرۇش، رەسىمگە تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆتمۈشتىكى ھەربىر كارتىنىلارنى خاتىرىلىگەن، مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى باشلىغان. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر كىنو ھىندىستاندىكى تۇنجى شەھۋانىيلىقتىن ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق سەۋەبىدىن UA باھاسىغا ئېرىشكەن كىنو بولۇپ قالغان.

2009-يىلى، ئامىرخان ئىلھام خاراكتېرلىك كومېدىيەلىك كىنو «ئۈچ ئەخمەقنىڭ ھوللىۋودنى مالىمان قىلىشى»دا، ھىندىستاندىكى باي بىر ئائىلىدىكى ۋاپات بولغان باغۋەننىڭ ئوغلى رانچونىڭ رولىنى ئالغان، مەزكۇر كىنو ھوللىۋود كىنولىرىنىڭ ھىندىستان دۆلەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىم رېكورتىنى يېڭىلىغان. قانچىلىك دەرىجىدە قالتىس؟ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتقا سوزۇلغان كىنودا، ھاجەتخانىغا كىرگۈڭىزمۇ كەلمەيدۇ.

قالتىس ئادەمنىڭ قالتىسلىقى شۇكى، ھازىرقى ھالەتتە تۇرىۋېرىشنى مەڭگۈ خالىمايدۇ، ئامىرخان دەل شۇنداق قالتىس ئادەم. 2012-يىلى، ئامىرخان تېلېۋىزور پىروگراممىسى «ھەقىقىي ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆھبەت»نى ئىشلەپ، ھىندىستاندىكى ئەرلەرنى ئەتىۋارلاپ، ئاياللارنى كەمسىتىش، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشى، بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، زور سوممىلىق تويلۇق، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىغان، پىروگرامما ئىنتايىن ئوچۇق، بىۋاسىتە بولغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئامىرخان «ھىندىستاننىڭ ۋىجدانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، جىنايەت تەسۋىرلەنگەن ھەرىكەتلىك فىلىم «ماشىنا ئىلاھى 3» پۈتۈن دۇنيادا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلغان، ئامىرخان بۇ كىنودا سېرك ئۆمىكىدە چوڭ بولغان ماشىنا ماھىرىنىڭ رولىغا چىققان، كىنودا بانكىرلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئۆلگەن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زور سوممىلىق پۇل ئوغرىلاش ھېكايىسى سۆزلەنگەن. ئامىرخاننىڭ بۇ كىنودىكى قىياپىتىنى ئىنتايىن كېلىشكەن دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

2014-يىلى، ئامىرخان فانتازىيەلىك كومېدىيەلىك فىلىم «ئاھ تەڭرىم»دا، ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن يەرشارىغا كېلىپ، ئۇچار كېمە تەرىپىدىن راجاستان قۇملۇقىدا ئۇنتۇپ قېلىنغان تاشقى پىلانېت ئادىمى PK نىڭ رولىغا چىققان. بۇ كىنونى كۆرۈپ باققانمۇ؟ دەرھال بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئىنتايىن يۇقىرى نومۇر قويۇلغان.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامىرخان باش رول ئالغان يېڭى كىنو «چېلىشايلى، دادا» ھىندىستاندا قويۇلغان. بۇ كىنونىڭ پۇرچاق باھا تورىدا 730مىڭ تورداشلار تەرىپىدىن 9.1 نومۇر قويۇلغان يەتكەن، جۇڭگودىكى بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان كىنولار تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامىرخاننىڭ كىنوسى يەنە قويۇلۇپ، ئۇدا نەچچە كۈن جۇڭگو بېلەت كىرىمىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، بەش كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 220 مىليون يۈەن بولدى.

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

فىلىم · بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى توختىتىش ئۇسۇلىفىلىم

ئادەتتە كەپسىز بالىڭىزنى قانداق «ئەدەبلەيسىز»؟

ئۆيدە ماۋۇ گۈلنى باقسىڭىز نۇرغۇن كېسەلدىن خالى بۇلسىزدەيدۇ

ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ

ئوغۇل بالابىلەن قىزبالىنىڭ ئەقلىي قابىليتىنىڭ يىتىلىشدىكى3باسقۇچ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存