查看原文
其他

يانفونغا توك قاچىلاشنىڭ تېز، ئەپچىل ئۇسۇللىرى

2018-01-27 👉 sebiler

SEBILER

يانفوندا توك قالمىغاندا تېزراق توك قاچىلانسىكەن دەپ ئالدىراپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە يانفونغا توك قاچىلاشنىڭمۇ تېز، ئەپچىل ئۇسۇللىرى بار.

1.يانفوننىڭ ئۇچۇش ئەندىزىسىنى ئېچىۋېتىش

قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئەپلەرنىڭ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسى يانفوننىڭ توكىنى خورىتىدۇ. يانفوننىڭ ئۇچۇش ئەندىزىسىنى ئېچىۋەتكەندە يانفون سىگنال قوبۇل قىلىشتىن توختايدۇ-دە، توكمۇ ئاسان قاچىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە يانفوننى ئۆچۈرۈپ توك قاچىلىسىڭىز تېخىمۇ تېز.

2.كۆك چىش ۋە GPS نى ئېتىپ قويۇش

يانفوننىڭ كۆك چىش ۋە GPS ئىقتىدارىمۇ ئوخشاشلا توك خورىتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتمىگەندە ئېتىپ قويۇڭ، توك قاچىلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق.

3.USB ئۇلاش ئېغىزىدا توك قاچىلىماڭ

ھازىرقى يانفونلارنىڭ ئۆلچەملىك توك قاچىلاش مىقدارى 1 ئامپېر ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، كومپيۇتېر ۋە ماشىنىدىكى USB ئۇلاش ئېغىزىدىكى توك ئېقىمى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئادەتتە توك ئېقىمى 0.5 ئامپېر بولىدۇ، ئۇندىن باشقا USB ئۇلاش ئېغىزىدىكى توك ئېقىمى مۇقىم بولمىغاچقا، توك ئاستا قاچىلىنىدۇ. شۇڭا ئالدىرىغان ۋاقتىڭىزدا  USBئۇلاش ئېغىزىدا توك قاچىلاشتىن ۋاز كېچىڭ.

4.يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ توك قاچىلىغۇچىسى بىخەتەر بولۇپلا قالماي، ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى، باشقا توك قاچىلىغۇچىلارنىڭ ئۆلچەم ئوخشىمىغانلىقتىن توك قاچىلاش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن شۇنداقلا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

5.توك قاچىلاش ئېغىزىنى تازىلاش

كۆپ ۋاقىتلاردا يانفونغا توك قاچىلىيالماسلىق ياكى ئاستا قاچىلاش باتارېيەنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى چاڭ-توزانلارنىڭ توك قاچىلاش ئېغىزىنى توسۇۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چىش كولىغۇچ ياكى قەغەز قىسقۇچنىڭ ئۇچىنى پاختا ياكى يۇمشاق قەغەز بىلەن ئوراپ توك قاچىلاش ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ تازىلىسىڭىز بولىدۇ.

6.يانفونىڭىز مۇزلاپ كەتمىسۇن

قىشتا يانفونغا توك قاچىلىماسلىق نىسبىتى باشقا پەسىللەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يانفونىڭىزنى ئىسسىتىپ ئاندىن توك قاچىلاڭ، بۇنىڭدىن قارىغاندا قىزلارنىڭ يانفونغا تولا قاپ ئېلىشىنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە، يانفونىڭىزغا قاپ كىيدۈرۈپ قويۇڭ، توڭلاپ كەتمىسۇن.

قىشتا يانفوننى ئاسراشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى

يانفوننىڭ ئېكرانىغا ئېلېكتىرستاتىك توكتىن ساقلىنىش پەردىسى چاپلاڭ قىشتا يانفون قېلىن كىيىملەرنىڭ يانچۇقىغا سېلىنغاندا ئاسانلا ئېلېكتىرستاتىك توك ھاسىل بولىدۇ، ئېلېكتىرستاتىك توك يۇقىرى بولغاندا يانفوننىڭ يۈزىنى چېقىۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا يانفوننىڭ ئېكرانىغا ئېلېكتىرستاتىك توكتىن ساقلىنىش پەردىسى چاپلاش ياخشى تاللاشتۇر.

يانفوننى يانچۇق ياكى سومكىغا سېلىڭ، يانفون مۇزلاپ كەتمىسۇن

قىشتا ئامال بار تالادا يانفون ئوينىماڭ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا يانفونىڭىز ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قالىدۇ.

تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغاندا يانفون ئوينىماڭ

تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاندا، مەسىلەن، ئۆي ئىچىدىن سىرتقا چىققاندا ھاسىل بولغان تېمپېراتۇرا پەرقىدە ھاۋا يانفوندا سۇ پارى شەكىللەندۈرۈپ توك يولى تاختىسىدا مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغاندىمۇ يانفون ئوينىماڭ.

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بوۋاق يۆتەل بولۇپ قالسا،بۇ 3خىل خاتالىققا دىققەت قىلىڭ

دورىدىن100ھەسسە كۈچلۈك رېتسىپ،ساقلىۋېلىڭ چۇقۇم ئەسقاتىدۇ

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چاقچاق قىلماڭ

ئانىلاردىققەت!بوۋاقلارئۇخلىغانداساقلىنشقا تېگىشلىك خاتا ئادەتلەر

بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاچىدىغان بالىلارناخشىللىرى

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存