سوئال! پاراخوتتا 26 قوي، 10 ئۆچكە بار، كاپىتان قانچە ياش؟
SEBILER
«بىر پاراخوتتا 26 قوي ۋە 10 ئۆچكە بار، كاپىتان قانچە ياش؟» سىچۈەن نەنچوڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىكى بۇ سوئالىغا قارىتا، تورداشلار بەس-بەس بىلەن «ئۆزىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغانلىقى»نى بىلدۈرگەن، قانداق جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلمىگەن، ئوقۇغۇچىلار بەرگەن جاۋابمۇ ھەر خىل بولغان. شۈنچىڭ رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى مەزكۇر سوئالنىڭ «سىناق ھالقىسى»غا قارىتا، سوئالنىڭ سىناق ھالقىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا سوئاللىرىغا قارىتا گۇمانلىنىش ئېڭى، تەنقىد ئېڭى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش دەپ چۈشەندۈرگەن.
سوئال: «تۆۋەندىكى بۇ سوئال بولسا لى موماي شياۋلىندىن سورىغان بىر سوئال، سىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ جاۋاب بېرىڭ: بىر پاراخوتتا 26 قوي ۋە 10 ئۆچكە بار، كاپىتان قانچە ياش؟»
بۇ سىچۈەن نەنچوڭدىكى شۇنچىڭ رايونلۇق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2017-2018-يىللىق ئالدىنقى مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش بەشىنچى يىللىق ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىكى ئالتىنچى سوئال. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەزكۇر ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالى، نەنچوڭدىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالغان.
كاپىتان 18 ياشتىن يۇقىرى، چۈنكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يۈك پاراخوتى ھەيدىسە بولمايدۇ.
كاپىتان 36 ياش، چۈنكى ئۇ كاپىتان ئۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا مالنىڭ سانىنى ئۆزىنىڭ يېشى بىلەن تەڭ قاچىلىغان. شياۋ لىن دوستۇم سىزگە ئېيتىپ قوياي، بۇندىن كېيىن ئەستايىدىل جاۋاب بېرىڭ، باشقىلاردىن سورىماڭ. بولدى، مەنمۇ داۋاملىق توقۇيالمىغىدەكمەن.
بۇ بىر قانچە مالنى X ياش دېسەك، كاپىتان چوقۇم قۇرامىغا يەتكەن بولۇشى كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئاندىن خىزمەت قىلالايدۇ، مال بىلەن كاپىتاننى پاراخوتقا تەڭ چىقتى دېسەك، كاپىتاننىڭ يېشىمۇ 18+X ياش بولىدۇ.
مەن ئاشۇ كاپىتان، مەن قانچە ياشقا كىرگەن بولسام كاپىتان شۇنچە ياش.
بۇ پاراخوت شياۋلىننىڭ، شۇڭا شياۋلىننىڭ يېشى كاپىتاننىڭ يېشى بىلەن تەڭ.
كاپىتاننىڭ يېشى X ياش، چۈنكى سوئال چىقارغۇچى ... (مېنىڭ قىلغۇدەك گېپىم قالمىدى).
يۇقىرىدا بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي جاۋابلىرىنى كۆردۈق، ئەمدى سوئال چىقارغۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
نۆۋەتتە، سۈچۈەن نەنچوڭ شەھىرى شۈنچىڭ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونىدا، شۈنچىڭ رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر سوئالغا قارىتا «سىناق ھالقىسى» تارقىتىلغان. بۇ چۈشەندۈرۈلۈشتە، مەزكۇر سوئالنىڭ سىناق ھالقىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا سوئاللىرىغا قارىتا گۇمانلىنىش ئېڭى، تەنقىد ئېڭى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش دېيىلگەن. مەزكۇر سۇئالنىڭ چىقىرىلىش سەۋەبىگە قارىتا، «تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا، ماتېماتىكا مەسىلىلىرىگە بولغان گۇمانلىنىش ئېڭى ۋە تەنقىد روھى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل دېيىلگەن» دەپ چۈشەندۈرگەن. شۇڭا، بۇ مەۋسۇملۇق باشلانغۇچ مەكتەپ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىغا بۇ سىناق ھالقىسى كىرگۈزۈلگەن (مەزكۇر سوئال پۈتۈن دۆلەتتىكى كۆپلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىدا كۆرۈلگەن). ئوقۇغۇچىلاردىن نوپۇزغا جەڭ ئېلان قىلىش، تەپەككۇر قېلىپىنى بۇزۇپ تاشلاش، ياخشى بولغان گۇمان روھىنى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
چۈشەندۈرۈشتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يادرولۇق ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» تىكى بىر ماددىدا «تەنقىد قىلىش، گۇمانلىنىش» دېيىلگەن، مەزكۇر سوئال ئوچۇق سوئال بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى چەكلەنمىگەن، جاۋابىمۇ بىرلا ئەمەس، شۇنداقلا ئاتالمىش ئۆلچەملىك جاۋاب يوق، ھەر بىر بالا ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بولغان بىلىشى ۋە تەپەككۇرىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ جاۋابىنى بېرەلەيدۇ. مائارىپ ئۆلچەملىك زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەس، ئاساسىي نەزەرىيە ۋە ئومۇمىي ساۋاتلارنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر قىسىم تەپەككۇر خاراكتېرلىك سوئاللاردا مۇشۇنداق سوئال چىقىرىلىشى كېرەك، ھەر بىر ئوخشىمىغان جاۋابلار، ھەر بىر جانلىق ھاياتلىق ۋە خاراكتېرنى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن، ئوخشىمايدىغان جاۋابى بولىدىغان سوئال ئەڭ ياخشى سوئال ھېسابلىنىدۇ، «ساپا مائارىپى يولغا قويۇلغىلى ئون يىلدىن ئاشتى، ئىشخانىمىز «دەرسلىك ئۆلچىمى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇندىن كېيىنكى ھەرخىل تەكشۈرۈشلەردە دادىللىق بىلەن سىناش ئېلىپ بېرىپ، رايونىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى چىن قەلبىمىز بىلەن قارشى ئالىمىز».
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بىر پارچە زەنجىۋىل بىلەن تېز سۈرئەتتە قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى
بالىلىرىڭىزنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىۋاتقان بۇ فىلىملەرنى بىلەمسىز؟
ئۆيدە ماۋۇ گۈلنى باقسىڭىز نۇرغۇن كېسەلدىن خالى بۇلسىزدەيدۇ
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ
ئوغۇل بالابىلەن قىزبالىنىڭ ئەقلىي قابىليتىنىڭ يىتىلىشدىكى3باسقۇچ