查看原文
其他

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا، ئىشتا يارىلىنىش تۆلىمى ئالالامدۇ

2018-02-02 👉 sebiler

SEBILER

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا،  ئىشتا يارىلىنىش تۆلىمى ئالالامدۇ

ئابدۇرېشىت  ئابدۇرىھىم


ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇنىي بەلگىلىمە. لېكىن قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار  مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا خىزمەتچىلىرىنى  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتناشتۇرمايدۇ. 



ئۇنداقتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان ئەھۋالدا  يارىلانسا ئەمگەكچىلەرنىڭ تۆلەمگە ئېرىشەلەمدۇ ؟


«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 62 - ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا:  ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا  تېگىشلىك تۇرۇپ  قاتناشمىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر  ئىشتا يارىلانسا ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىنات تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئىشتا يارلانغۇچىغا  تۆلەم ھەققى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.


ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى  ئىجتىمائىي سۇغۇرتاغا قاتناشتۇرمىغان بولسا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كونكرېت تۆلەم تۈرلىرى يارىلانغۇچىنىڭ يارلىنىش دەرىجىسىگە قارىتا بېكىتىلىدىغان بولۇپ ئادەتتە داۋالىنىش خىراجىتى ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش  خىراجىتى، ئىشتىن توختاش مەزگىلىدىكى ئىش ھەققى، پەرۋىش پۇلى، تاماق ياردەم پۇلى، قاتناش  پۇلى،  مېيىپلىك ياردەم پۇلى، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى ئىلتىماس قىلمىسا  تۆلەمگە قانداق ئېرىشىش كېرەك ؟


ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 30 كۈن ئىچىدە بىرتۇتاش باشقۇرۇش رايوندىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرىدىن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماسى قىلىشى كېرەك.  ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى  ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغان ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كۆپ ھاللاردا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا  خىزمەتچى ئۆزى ياكى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى  بىر يىل ئىچىدە  ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 


«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىزامى» نىڭ 1 - ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسە تۈپەيلى يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈندىن  ياكى  كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان  كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، مۇشۇ مەزگىلدە پەيدا بولغان ۋە  مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن  ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىغا ئۇيغۇن بولغان  ئالاقىدار خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.


دېمەك، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ  ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان ياكى  ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتمەيتۇرۋالسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.  ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن  ئىشتا يارىلانغاندا  ئېرىشىشكە تېگىشلىك تۆلەمنىڭھەممىسىنى  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ . 

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بالىڭىزيىقىلىپ چۈشسە10سېكۇنت كۆزەتكەندىن كېيىن يۆلەڭ،سەۋەبى

كىچىك بوۋىقىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ھۆل كۆك ياڭاق پوستى ۋە ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى-چوقۇم بىلۋىلىڭ يىڭى

يانفونغا توك قاچىلاشنىڭ تېز، ئەپچىل ئۇسۇللىرى

بوۋاققا ئۆرۈلۈش، ئولتۇرۇش،ئۆمىلەشنى قانداق ئۈگىتىمىز؟


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存