ئاسما ئوكۇل سالغاندا بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇڭ
SEBILER
يېقىندا بۇ رەسىم توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، رەسىمدە نەۋرىسىگە ئاسما ئوكۇل سېلىۋاتاتتى، نەۋرىسىنىڭ ئوكۇل سۇيۇقلۇقى بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن مۇزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن بوۋىسى ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنى ئاغزىدا ئىسسىتىۋاتقانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككىيلەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇۋ شەھىرىدىن ئىكەن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەن بولۇپ، بوۋا-مومىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن، 30-يانۋار نەۋرىسى ئاغرىپ قېلىپ، ئىككى سائەتكە يېقىن ئاسما ئوكۇل سالدۇرغان، بوۋىسى نەۋرىسىنىڭ مۇزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنى ئاغزىدا ئىسسىتقان. بۇ رەسىم توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى، بەزىلەر بۇنداق قىلسا نەۋرىسى ئەركە چوڭ بولۇپ قالىدۇ دېدى، يەنە بەزىلەر بۇنداق سوغۇق ھاۋادا مىجەزى يوق كىچىك بالىغا ئاسما ئوكۇل ئۇرسا ھەقىقەتەن مۇزلايدۇ، بوۋىسى تېزدىن باشقا ئامال تاپالماي مۇشۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەن رەسىمدىن بوۋىسىنىڭ نەۋرىسىگە بولغان ساپ مېھىر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم دېيىشتى. نۇرغۇن تورداشلار بۇ رەسىمگە قاراپ ئۆزلىرىنىڭ بوۋا مومىلىرىنى ئەسلەپ، بەلكىم ئۇلارمۇ مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئىدى دېيىشتى.
ئۇنداقتا قىشتا بىمار ئاسما ئوكۇل سالدۇرغاندا قانداق قىلغاندا ئۆزىنى راھەترەك ھېس قىلىدۇ؟
شۈجۇۋ شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانا ئاسما ئوكۇلخانىسىنىڭ سېسترا باشلىقى خۇۋ لىنا مۇنداق دېدى: بۇ بوۋىمىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن ئاسما ئوكۇل نەيچىسىنى ئاغزىمىزدا ئىسسىتقاندا، ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەربىر دورىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئوخشىمايدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىسە بەزى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، رەسىمدىن قارىغاندا ئاسما ئوكۇلخانىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار بولۇپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى مېنىڭچە بەك تۆۋەن ئەمەس، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى 15،16 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسىلا ئوكۇل سۇيۇقلۇقى بەك سوغۇق بولمايدۇ، شۇڭا ئاسما ئوكۇل سالغاندا بالا بىئارام بولمايدۇ. ئادەتتە ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغاندا ئاسما ئوكۇل سالمىغان ياخشى، چۈنكى سوغۇق ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتېت كۈچى ئەسلىدىنلا ئاجىز بىمارنىڭ بەدىنىگە كىرگەندە كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئوكۇل سۇيۇقلۇقى نەيچىسىنىڭ قىسمەن يېرىنى قول ياكى ئېغىز بىلەن ئىسسىتشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش كېرەك.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئانىلار دىققەت!بالا بىقىشتا دائىم سادىر بولىدىغان 30 خىل خاتالىق
ئاتا-ئانىلاربالىنى مۇندا باقسا تىخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ
كۆزگە پايدىلىق يىمەكلىكلەر- چۇقۇم ساقلىۋېلىڭ