查看原文
其他

يانفون+كارۋات+ۋايفاي…ياشلارنىڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىنى كىم تولدۇرىدۇ

2018-02-13 👉 sebiler

SEBILER

يېزا ياشلىرى دېيىلسە ئۆز ۋاقتىدا يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تىپىك ئەدەبىي ئوبرازلار كۆز ئالدىمىزغا كېلەتتى، ھالا بۈگۈنكى كۈندە يېزا ياشلىرى تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي تۈسنىڭ ئورنىنى بىر تۈرلۈك مەيۈسلۈك ۋە ئىزتىراپ ئىگىلەيدىغان بولۇپ قالدى.

مۇخبىر يېقىندا بىر قىسىم يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇۋاتقان يېزا - كەنتلەردە، قېپقالغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ يانفون ئويۇنى ۋە چاكىنا تور مەدەنىيىتىگە قاتتىق بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ تولىمۇ كەمبەغەل ۋە بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان.


يانفونغا بېرىلىپ كەتكەن ياشلار

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، يېزا - بازار كارخانىلىرى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. شۈبھىسىزكى، يېزا ياشلىرى مۇشۇ تەرەققىيات دولقۇنىدىكى تايانچ كۈچلەردىن ئىدى.ھالبۇكى، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، ماددىي تۇرمۇش ئاساسەن غەم - ئەندىشىسىز ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ياشلىرىمىز كۈرەش قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ، كۆڭۈل بېرىدىغان جاي تاپالمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەس - يادى يانفوندىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتاللىرى، چاكىنا تور پونكىتلىرى ۋە غىدىقلىغۇچى تور ئويۇنلىرىدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

خېنەن ئۆلكىسى شىنخۇا ناھىيەسىنىڭ جاۋديەن كەنتىدىكى تاۋباۋ مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ خوجايىنى جاڭ يۇڭچىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ياش بالىلار دائىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ QQ تەڭگىسى، ئويۇن تەڭگىسى ئالماشتۇرىدىكەن ياكى ھەق تۆلەپ بەزى سىن يۇمشاق دېتاللىرىغا ئەزا بولىدىكەن.

” جاڭ يۇڭچىڭ مۇنداق دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىماي مەكتەپتىن چىقىۋالغانلارمۇ، ئۆيىدە بىكار ئولتۇرىدىغانلارمۇ ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشلەيدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ئىشتىن بىكار بولۇپلا بۇ يەرگە كېلىپ قىممەت تولۇقلاشقا ئالدىرايدۇ.“ ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، بەزىلەر تۈرلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش تور بېكەتلىرى تارقاتقان سوۋغاتلارنى توردىلا ئالماشتۇرىدۇ، ئومۇمەن ئۇلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتاللىرى ۋە يانفون ئويۇنلىرى ئۈچۈن پۇل ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشتىن ئېرىنمەيدۇ.

يېزا ياشلىرىنىڭ يانفونغا بېرىلىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قاتتىق ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيلىك تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت رېئاللىق ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلمىگەنلىكتىن، كۆچمە ئالاقە تورىدىكى بىر قىسىم چاكىنا مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ  روھىي گادايلىقنى تولدۇرىدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان.

ھازىرقى يېزا ياشلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتاللىرىدىن  بىرنەچچە خىلنى بىلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك، ئۇنى بىلمەسلىك ھەمراھلىرى ئارىسىدا كۈلكىگە قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما بەزى بىۋاسىتە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتاللىرى چاكىنا مەزمۇنلار بىلەن توشۇپ كەتكەن.

مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق 20 ياشتىن تۆۋەن كۆپلىگەن يېزا ياشلىرىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى سىن يۇمشاق دېتاللىرى تور بېكىتىنى 8 سائەتتىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى، كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزلىرى سىن ھۆججىتى ئىشلەپ تورغا يوللايدىغانلىقىنى بايقىغان.


خېنەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چاڭ چىڭبو تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، مەلۇم بىر قىسىم يانفون ئەپلىرىنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىدا مەنىۋى ئوزۇق يوق دېيەرلىك، بەزىدە ئويناپ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىشنى بەكمۇ ئەيىبلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق، خىزمەت ۋە ئۇيقۇنى قۇربان قىلىپ ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتكەندە ياشلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ.

مۇخبىر خېنەننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان مەلۇم كەنتتىكى كۆپلىگەن ياشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، كۆپ قىسىملىرىنىڭ ئاساسەن كىتاب كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يانفون ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەتتا بەزى ياش ئاتا - ئانىلار ھاياجانلانغان ھالدا: ”مەن يانفوندا ئويۇن ئويناۋاتقىنىمدا بالام يېنىمدا قاراپ تۇراتتى، ھازىر ئۇلار مەندىن ئۇستا بولۇپ كەتتى!“ دېيىشىدۇ. يېزا ياشلىرىنىڭ يانفونغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا كەلتۈرىدىغان تەسىرىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.

يانفون ئويۇنى ئوينىمىساق نېمە ئىش قىلىمىز؟

يانفون ئويناشقا بېرىلىپ كەتكەن كۆپلىگەن يېزا ياشلىرى مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا ”يانفون ئويۇنى ئوينىمىساق يەنە نېمە ئىش قىلىمىز؟“ دەپ سوئال بىلەن جاۋاب بېرىشتى.

ئەمەلىيەتتە، يېزا ياشلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى مەنىسىز، قۇرۇق بولۇپ، بۇنىڭدا شۇ ياشلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار.

خېنەن ئۆلكىسى شىنخۇا ناھىيەسى لۇڭچېڭ يانفون ئويۇن تورى تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گو چېنكۇي مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: ”بىز يېزا ياشلىرىغا قارىتا <ناۋادا يات جىنسلىق دوست، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساياھەت، كارىۋات، مەززىلىك تائام، يانفون، سىمسىز تور، كوچا ئايلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۈچ تۈرنى تاللاڭ دېسە، قايسىسىنى تاللايسىز؟> دېگەن مەزمۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدۇق. نەتىجىدە كۆپىنچە كىشى يانفون، سىمسىز تور، كارىۋاتنى تاللىدى.“

ئۇنىڭ ئاساسى كارىۋاتتا يېتىپ يانفون ئويناش ئەڭ راھەت ھەم تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ساياھەت قىلغاندا ئادەم ھېرىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن ئىكەن.

يېزا ياشلىرى تۈرلۈك يانفون ئەپلىرىگە بېرىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپلەردە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ كۆپچىلىكى ساغلام مەزمۇندىكى نەرسىلەر ئەمەس، بەزىلىرى ھەتتا يېزا ياشلىرىنى ئېتىكىغا خىلاپ كېلىدىغان،  جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىدىيەسى ساغلام بولمىغان تەرەپكە يېتەكلىشىمۇ مۇمكىن.

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى مەلۇم ناھىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان ليۇ شۈي (يالغان ئىسىم) مۇخبىرغا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر تۈرلۈك ئەپنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ يېزا ياشلىرىنىڭ ”سېھىرلىك ئالاقە قورالى“ بولۇپ،  بىزگە ”يات جىنسلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىش سەھنىسى ھازىرلاپ زېرىكىشىمىزنى تۈگەتتى، بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر كېچىلىك ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇشتى.“

يېزا ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بوشلۇقىنى كىم تولدۇرىدۇ؟

قانداق قىلغاندا يېزا ياشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھەم مۇنەۋۋەر بولغان مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قاتلام مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردا سەنئەت نومۇرلىرىنى قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنى روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىن ئەتتى.

بۇنىڭغا قارىتا، كۆپ قىسىم يېزا ياشلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىراما ۋە ئەلنەغمىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى نومۇرلار بولۇپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدۇ، بۇ يەردە ياشلار توپىنىڭ ئېھتىياجىغا سەل قارالغان، دەپ قارايدۇ.

خېنەن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ليۇ گاڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ: نۇرغۇن يېزا ياشلىرىنىڭ يانفوندىكى چاكىنا مەدەنىيەتكە بېرىلىپ كېتىشىدە رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، ئۇلار پەقەت ئاشۇ نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنى غىدىقلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ، ناۋادا يېزىلاردىمۇ شەھەرلەردىكىگە ئوخشاش كۈتۈپخانا، بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى ۋە تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولغان بولسا، يېزا ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى تېخىمۇ مول ۋە كۆپ مەنبەلىك بولغان بولاتتى.

ئەلۋەتتە، تور مەدەنىيىتى كۆپ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن ئېسىل مەزمۇنلارمۇ بار، كۆپلىگەن يېزا ياشلىرىمۇ تور ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تورغا يوللاشنى خالايدۇ.

جېڭجۇۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ جيەن تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: مەدەنىيەت تارماقلىرى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئەپ شىركەتلىرى ۋە لايىھەلىگۈچىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ياشلىرىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسى ۋە زوقلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.

مەنبە:www.uycnr.com

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

سەبىيلەردىن مۇكاپات چىقمىغان سىزلا قالدىڭىز!

تۇخۇمغا بۇنى قوشسىڭىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى 10 ھەسسە ئاشىدۇ

شاكىلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى ھېكايە

بالا تەربىيلەشتىكى يەتتە خاتا پوزىتسىيە،بالىڭىزنى نابۇت قىلماڭ!

ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存