قولىڭىزنى يەنە ئاپتۇماتىك قول قۇرۇتقۇچتا قۇرۇتۇپ يۈرىۋاتامسىز؟
SEBILER
بۈگۈنكى كۈندە ئاممىۋىي ھاجەتخانىلارنىڭ شارائىتى كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئالىي مېھمانساراي ۋە سودا- سارايلارنىڭ ئاممىۋىي ھاجەتخانىلىرىدىكى پاكىز، ئازادە مۇھىت كىشىلەرگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئاپتوماتىك قول قۇرۇتقۇچ ئەنە شۇ يېڭى تېخنىكا ۋە زامانىۋىيلىقنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئاممىۋىي ھاجەتخانىلىرىمىزغا كەڭ كۆلەمدە ئوموملاشتى. شۇنداقلا پاكىز ۋە قولايلىق دەپ قارىلىپ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. شۇنداق، بىز دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك كىشىلەرنىڭ ئاممىۋىي ھاجەتخانىلاردا قولىنى يۇيۇپ بولۇپلا ئاپتوماتىك قۇرۇتقۇچتا قۇرۇتۇپ چىقىپ كېتىشى ئىنتايىن نورمال ئىش. ئەمما بىزگە نورمال كۆرۈنگەن بۇ كىچىككىنە ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىغا قانداق خەۋپلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بەلكىم ھەرگىز ئويلاپ يېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا ئاپتوماتىك قول قۇرۇتقۇچ راستلا بىز ئويلىغاندەك پاكىزمۇ؟
يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر تەتقىقاتچىنىڭ تورغا يوللىغان بىر پارچە سۈرىتى ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى. تەتقىقاتچى ئالدى بىلەن مەلۇم ئاممىۋىي ھاجەتخانىدىكى ئاپتوماتىك قول قۇرۇچقۇچنىڭ ئىچىگە بىر تەجرىبە تەخسىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۈچ مىنوتتىن كېيىن تەخسىنى تەجرىبىخانىغا ئېلىپ بېرىپ 48 سائەت باكتىرىيە يېتىشتۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە باكتېرىيە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ تەخسە سۈرەتتىكى سىز كۆرۈپ تۇرغان ھالەتكە كەلگەن.
سۈرەتنى كۆردىڭىز،بۇ پەقەت ئۈچ مىنوت قويۇپ قويۇلغان تەخسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە!!! بىز يەنە بىر پارچە چوڭايتىلغان سۈرەتنى كۆرۈپ باقايلى!
ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي، قولىڭىزنى يەنە ئاپتوماتىك قورۇتقۇچتا قۇرۇتامسىز ؟! تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ئۇزۇن مەزگىل ھاجەتخانا مۇھىتىدا تۇرغان ئاپتوماتىك قورۇتقۇچتا كىلېبېيلا باكتىريىسى بىلەن ئاستىنقى ئېرىقى ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنىدە قىزىش، كۆڭلى ئېلشىش، ئېغىر دەرىجىدە نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاپتوماتىك قورۇتقۇچنى ئىشلەتكەندە ئېتىلىپ چىققان باكتىرىيەلەر قولىڭىزغا يېپىشىۋېلىپ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە يۇشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى، بولۇپمۇ ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى قولدىكى جاراھەت بار يەرگە يېپىشىپ قالسا ئېغىر تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا قۇرۇتۇش ماشىنىسى پاكىزىمۇ، تازلىق قەغىزىمۇ؟ قولنى زادى قانداق ئۇسۇلدا قۇرۇتۇش كېرەك؟ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە ئاپتوماتىك قورۇتقۇچتا پەيدا بولغان باكتىرىيە تازلىق قەغىزىنىڭكىدىن 1300 ھەسسە كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتۇماتىك قورۇتقۇچ چىقارغان شامال كۈچى باكتىرىيە رادىئوسى 3 مېتىر دائىرىگىچە تارىتىدىكەن. شۇنداق بولغانىكەن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا قولنى تەبىئىي قۇرۇتۇش ياكى ئۆزىمىز يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرىدىغان تازلىق قەغەزلىرى بىلەن سۈرتۈش.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
سەبىيلەردىن مۇكاپات چىقمىغان سىزلا قالدىڭىز!
تۇخۇمغا بۇنى قوشسىڭىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى 10 ھەسسە ئاشىدۇ
شاكىلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى ھېكايە
بالا تەربىيلەشتىكى يەتتە خاتا پوزىتسىيە،بالىڭىزنى نابۇت قىلماڭ!
ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ