روھىي كېسەل بولۇۋالسام قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ قالماڭ
SEBILER
مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىشنى قارار قىلىش تەرتىپىگە قاراتقان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكنى، دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەجبۇرىي داۋالىتىش تەرتىپىنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا «خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىشنى قارار قىلىش تەرتىپىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى» (تۆۋەندە «بەلگىلىمە» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى تارقىتىپ، جىنايەت گۇماندارى ”يالغان روھىي كېسەل“بولۇۋېلىپ قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش، ئادەتتىكى ئادەمنى ”روھىي كېسەلگە چىقىرىپ“ خاتا ھالدا مەجبۇرىي داۋالىتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلىدى ۋە تۈزەتتى.
نازارەتچىلىكىنىڭ دەلمۇدەللىكىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، ”يالغان روھىي كېسەل بولۇۋېلىش“ ۋە ”روھىي كېسەلگە چىقىرىلىش“ قىلمىشلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقاش ئۈچۈن، «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى: خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەجبۇرىي داۋالىتىش دېلولىرىدا، دېلوغا چېتىشلىق روھىي كېسەل بىمارى بىلەن كۆرۈشۈپ، دېلو بېجىرگۈچى خادىم ۋە باھالاپ بېكىتكۈچى خادىمدىن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق روھىي كېسەل بىمارىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكالەتچىسى ۋە دەۋا ۋەكالەتچىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دېلوغا چېتىشلىق روھىي كېسەل بىمارىنىڭ داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇرى، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قۇلۇم-قوشنىلىرى، ئەھۋالدىن خەۋەردار باشقا كىشىلەر ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكالەتچىسى، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتكە ئىگە باھالاپ بېكىتكۈچى ئاپپاراتقا، باھالاپ بېكىتكۈچىگە باھالاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ روھىي كېسەللىكنى باھالاپ بېكىتىش تەرتىپىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. «بەلگىلىمە»گە ئاساسەن،
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەجبۇرىي داۋالىتىش دېلولىرىدا، تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق روھىي كېسەل بىمارىنى باھالاپ بېكىتىش تەرتىپىدە باھالاپ بېكىتكۈچى ئاپپارات قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان، ياكى روھىي كېسەللىكنى باھالاپ بېكىتىش باھالاپ بېكىتكۇچى ئاپپاراتنىڭ كەسپىي دائىرىسى، تېخنىكا شارائىتىدىن ھالقىپ كەتكەن؛
باھالاپ بېكىتكۈچى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان، روھىي كېسەللىكنى باھالاپ بېكىتىش باھالاپ بېكىتكۈچىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ياكى چەتلەپ تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كەلگەن؛
باھالاپ بېكىتىش تەرتىپى قانۇنغا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلگەن، باھالاپ بېكىتىش جەريانى ۋە ئۇسۇلى ئالاقىدار كەسپىي مىزان تەلەپلىرىگە خىلاپ كەلگەن؛
باھالاپ بېكىتىشكە دائىر يازما ماتېرىياللار قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن كەلمىگەن؛
باھالاپ بېكىتىش پىكىرى قانۇن بويىچە ئالاقىدار خادىملارغا دەل ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇلمىغان؛
باھالاپ بېكىتكۈچى قەستەن ساختىلىق ئىشلىتىپ، يالغان باھالاپ بېكىتكەن قاتارلىق ئالتە خىل كونكرېت ئەھۋالنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
«بەلگىلىمە»دە مەجبۇرىي داۋالىتىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىش پائالىيىتىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش مەھكىمىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى، ئاساسلىقى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ياكى جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكالەتچىسىگە نەق مەيدانغا كېلىشنى ئۇقتۇرماسلىق؛ ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى جاۋابكار دەۋا ۋەكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلماسلىق، قانۇن ياردىمى تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتقا ئادۋۇكات كۆرسىتىپ قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۇقتۇرماسلىق، كېڭەشمە سوت تەشكىللىمەسلىك ياكى كېڭەشمە سوت ئەزالىرى قانۇنغا ئۇيغۇن بولماسلىق قاتارلىق 10 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالنى بايقاپ تۈزىتىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
ئەمەلىيەت داۋامىدىكى بەزى تىپىك دېلولاردا، تەپتىش ئورگىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق مەجبۇرىي داۋالىتىلغۇچىنىڭ ”يالغان روھىي كېسەل“ بولۇۋېلىپ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولغانلىقىنى دەل ۋاقتىدا بايقىغان ھەمدە ئۇنى تۈزەتكەن. شۇڭا، «بەلگىلىمە»دە تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارنامىسىنى ياكى مەجبۇرىي داۋالىتىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارنامىسىنى قاراپ چىققاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكالەتچىسى، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىسا ھەمدە دېلو ماتېرىيالىغا قوشۇمچە قىلسا بولىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.
ئادەتتىكى تەرتىپتىن مەجبۇرىي داۋالىتىش تەرتىپىنى تەتبىقلاشقا ئۆزگەرتىلگەن دېلولارنى كۆزدە تۇتۇپ، «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن دېلولاردا، سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىش جەريانىدا جاۋابكارنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بايقاپ، دېلونى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي داۋالىتىش تەرتىپىنى تەتبىقلاپ قاراپ چىقىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويسا، تەپتىش مەھكىمىسى سوت ئۈستىدە پىكىرىنى بايان قىلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۇناھسىز، ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دېگەن ھۆكۈمنى ئېلان قىلسا، مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىنى چىقارسا، تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك. ھۆكۈمنامىدە ھەقىقەتەن خاتالىق سادىر بولغان بولسا، قانۇن بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈشى، مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارى ياكى مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى مۇۋاپىق بولمىسا، يازمىچە تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي داۋالىتىش تەرتىپىنى تەتبىقلىماي دېلونى قاراپ چىققان، ياكى جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ، بىۋاسىتە مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىنى چىقارغان بولسا، تەپتىش مەھكىمىسى يازمىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «بەلگىلىمە» جەمئىي 23 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەجبۇرىي داۋالىتىش دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدىكى رازۋېتىكا پائالىيىتىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىك، مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا خاتا چىقىرىلغان مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىغا قارىتىلغان نازارەتچىلىك، شۇنىڭدەك تەپتىش مەھكىمىسى خاتا چىقىرىلغانلىق مۇمكىنچىلىكى بار مەجبۇرىي داۋالىتىش قارارىغا تۈزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشكە دائىر ئىچكى خىزمەت تەرتىپى، ئەدلىيەلىك ھوقۇق-مەسئۇلىيەت قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «بەلگىلىمە»دە مەجبۇرىي داۋالىتىشنى قارار قىلىش تەرتىپىنى نازارەت قىلىشقا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقى مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىڭىزنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولماي تولائويغىنىپ كەتسە،بۇئۇسۇلداھەل
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز ماۋۇ 18 تۈرلۈك ئىشلارنى قىلماڭ
قولىمىزدىكى كەمتۈك خەلق پۇلىنى قانداق ئالماشتۇرىمىز؟