شىزاڭنىڭ سۈيىنى شىنجاڭغا باشلاش قانداق قۇرۇلۇش
SEBILER
يېقىندا ئالتە ئاكادېمىك، ئون ئىككى پروفېسسور ۋە بىر نەچچە ياش دوكتوردىن تەشكىل تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى يىل تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭغا سۇ باشلاش توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان لايىھە ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ لايىھەگە «قىزىل بايراق دەرياسى» قۇرۇلۇشى (4679s) دەپ نام قويۇلغان.
يېقىندا ئالتە ئاكادېمىك ، ئون ئىككى پروفېسسور ۋە بىر نەچچە ياش دوكتوردىن تەشكىل تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى يىل تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن شىنجاڭغا سۇ باشلاش توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان لايىھە ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ لايىھەگە «قىزىل بايراق دەرياسى» قۇرۇلۇشى (4679s) دەپ نام قويۇلغان.
ھازىر مەزكۇر لايىھە توغرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئاياغلىشىپ، تەپسىلىي لايىھە خەرىتىسى ئاشكارىلاندى.
لايىھەدە كۆرسىتىلىشىچە، «قىزىل بايراق دەرياسى» يارلۇڭزاڭبو دەرياسىدىن باشلىنىپ بىر نەچچە دەريا سۈيىنى يېغىپ 509كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن نۇجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.
(دېڭىز يۈزىدىن 2380مېتىر). نۇجياڭ دەرياسىدا 60 كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن تونېل ئارقىلىق لەنساڭجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. (دېڭىز يۈزىدىن 2230مېتىر). ئارقىدىن تونېل ۋە دەريا ئېقىنى بىلەن جىنشاجياڭ دەرياسى (دېڭىز يۈزىدىن 2220مېتىر) قاتارلىق بىر قانچە چوڭ - كىچىك دەريادا ئېقىپ، قارلىق تاغلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن دادۇ دەرياسى، مىنجياڭ دەرياسى ۋە ۋېيخې دەرياسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ ھەم خۇاڭخې دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.
ۋۇچياۋلىڭ چوققىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ خېشى كارىدورىغا كىرىدۇ، چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ يۈيمىنگە بارىدۇ.
داۋاملىق ئالتۇنتاغ ۋە كوئېنلۇن تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنى بويلاپ خوتەن ۋە قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ. پۈتۈن مۇساپە 6188 كىلومېتىر بولۇپ، 200 كىلومېتىر ئارىلىقتا تەبىئىي دەريا ئېقىنىدىن پايدىلىنىپ سۇ يەتكۈزۈلىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى 60 مىليارد كۇب مېتىر.
مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، سۇ رايى سۇ بايلىقى ئالىمى ۋاڭ خاۋنىڭ دېيىشىچە، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش سېلىنمىسى 4 تىرىليون ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.
ۋاڭ خاۋ يەنە تەكىتلەپ، پۈتكۈل جەرياندا تەبىئىي ئېقىن شەكىللەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ قۇرۇلۇشنىڭ سىجىلچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، مەبلەغ تېجەپ قالغىلى، سۇ ئىشلەتكۈچى رايونلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ تارماق ئېقىن ياسىلىپ شەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە تۇرپان ئويمانلىقىمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىكەن.
https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=p0512ujodw3&width=500&height=375&auto=0
ۋاڭ خاۋ بۇ ھەقتە توختالغاندا «قۇرۇلۇشنىڭ ھەر بىر بۆلىكى شۇ رايوننىڭ مۇھىت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ھەر بىر دەريادىن ئېلىنىدىغان سۇ مىقدارى %21تىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىدىكى %27لىك سۇ ئېلىش مىقدارىغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا ، تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن. ھەر بىر تونېل يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياسىلىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ خەتىرىنى كىچىكلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ دەريا ئېقىنىنىڭ مۇزلاپ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
ۋاڭ خاۋ يەنە «ئەگەر قۇرۇلۇش پۈتسە پۈتكۈل خۇاڭخې دەرياسى، خېشى كارىدورى ۋە تەكلىماكان ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىر، كەڭلىكى 100كىلومېتىر كېلىدىغان <يېشىل كارىدور> شەكىللىنىدۇ، 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈك بوستانلىققا ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشىغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، 100مىليون ئادەمنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدە تەكلىماكان ئويمانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق بازىسىغا ئايلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ۋاڭ خېنىڭ دېيىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. بىز پۈتكۈل «قىزىل بايراق دەرياسى» قۇرۇلۇشىدىكى بىرقانچە مۇھىم سانلىق مەلۇماتقا يەنە بىر دىققەت قىلىپ باقايلى:
ئۇزۇنلۇقى: 6188 كىلومېتىر (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئاساسەن تەڭ)
يىللىق سۇ مىقدارى: 60مىليارد كۇب مېتىر
(خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يىللىق سۇ مىقدارى بىلەن تەڭ)
ياسىلىش تەننەرخى: 4 تېرليون
(دۆلىتىمىزنىڭ2008 يىلى ئىقتىسادىي كرىزىس ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ بىلەن تەڭ)
پۈتۈش ۋاقتى: 10 يىل
يېشىل كارىدور كۆلىمى: 200مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەر كۆلىمى بىلەن تەڭ)
ئالاقىدار نوپۇس: 100 مىليون (ھازىر شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 25مىليون)
نۆۋەتتە تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى يېپىلدى ۋە تەپسىلىي لايىھە ئېلان قىلىنىپ مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلاردا قايتا قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بالدۇرراق باشلىنىپ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال رايونىنىڭ يېشىللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەنبە: دولقۇن قادىر ئىقتىساد مۇنبىرى
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بۇ3ئەھۋالدىن بالىڭىزنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بولغان بولمىغىنى بىلەلەيسز
يۇقىرى قان بېسمنى ئۆيڭىزدىلا داۋالاڭ گۆھەردەك رېتسىپ ساقلىۋېلڭ
يانفون+كارۋات+ۋايفاي…ياشلارنىڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىنى كىم تولدۇرىدۇ
ئانىلارغا تەۋسىيە | بالىنى قانچە ياشقىچە ئىمىتىش ئەڭ مۇۋاپىق؟