查看原文
其他

مۇھەببەت كۈيچىسى مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كۈيلىرى

baxkariz 2023-05-07


مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ  ئوقۇڭ

مۇھەببەت كۈيچىسى مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمىھالى

     مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر مارالبىشىغا قاراشلىق تۇمشۇق شەھرىنىڭ شاقۇر يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى شاقۇر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇمشۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ تارىخ فاكولتىتى ئارخىئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدا بىر قىتىم مەملىكەتلىك مۈنەۋەر ئوقۇغۇچى ۋە كۆپ قىتىم شاۋداۋ كاڭيۈ ئوقۇش مۇكاپاتى، گۇاڭخۇي ئوقۇش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولۇپ، بەش يىللىق ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. 


    ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتلىرى تاغىسىئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ تازا كۆتۈرۈلۈۋاتقان، ئاكىسى ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ئىجادىيىتي مىۋە بېرىۋاتقان يىللىرى بولغاچقا بۇ ئاكتىپ تەسىر ئۇنى تەدرىجىي ھالدا دەسلەپكى سەنئەت ھاياتىغا باشلاپ كىردى. 1995-1996-يىللاردا مودا بولغان ئايرىلىش، سىرلىق تۇمان، ئۇزاق يول...قاتارلىق ناخشىلار ئۇنى ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ناخشا مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتۈرۈپ ئۇنى مەكتەپ ناخشا چولپنىغا ئايلاندۇردى. ۋە شۇ نەتىجىنىڭ تۈرتكىسىدە 1997-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى «خۇش كېتىمەن» نەشىردىن چىقىپ ئۇنى ئالىي مەكتەپ سەنئەت سەھنىسىدىن ھالقىتىپ دىيارىمىزغا تونۇشلۇق بولغان سىتودىنت ناخشىچىغا ئايلاندۇردى. تۇنجى قىتىم« گۈلدەستە» ناملىق ناخشا بىلەن شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى 2-قانىلىدا خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى.  بۇ لىنتىنىڭ سېتىلىشى شۇ يىلى ئەڭ ئالقىشلىق پىلاستىنكىلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىپ، ئۈن -سىن ۋاستىچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى  ۋە 1999-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا «چۈشۈمدە سەن » ناملىق سۈرەتلىك پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىقىپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە شۇ يىلى ئۇنىۋىرىسىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ خەلق تەرىپىدىن ناخشىچى دەپ ئىتراپ قىلىنىپ ئۆز كەسپىدىن ئايرىلىپ سەنئەت سىپىگە رەسمىي قەدەم باستى. 2000-يىلى چىقارغان «مەلىكەم» ناملىق پىلاستىنكىسى ئىنتايىن مودا بولغان پىلاستىنكىلاردىن بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەدرىجىي ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىسىگە تەرەققىي قىلالىشىغا ئاساس سالدى. 2001-يلىدىن 2004-يىلغىچە «ۋىسال ئىشقى»، «چىرايلىق» قاتارلىق ناخشىلىرى ۋە مۇزلىغان يۈرەك ناملىق فىلىمدە رول ئىلىپ ياشلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ناخشا چولپىنى بولۇپ قالدى. 2006-يىلى «سېغىنىمەن» ناملىق ئالبومنى نەشىردىن چىقىرىپ، ئوتتۇر ۋە چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى. بۇ پىلاستىنكىنى ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدا ئۆزخاسلىقىنى ياراتقان بۇرۇلۇش  ھاسىل قىلىش نوقتىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. 2007-يىلى نەشىردىن چىققان «ئۇنتالمايسىز» ناملىق ناخشىسى  ھەر مىللەت خەلق ئامىسنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۈيەسسەر بولدى. 2009-يىلى ناخشا كىچىلىكىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشتى. 


   2010-يىلى ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن تىل تەربىيىلەش مائارىپىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاكىسى ئابدۇسەمى ئابلىكىم بىلەن بىللە تىل، سەنئەت، قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق تەربىيلەش قۇرۇلمىسىغا ئىگە 1500كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى سابا مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. 2014يىلى تىخىمۇ زورىيىپ سابا يۇلتۇزى بالىلار يەسلىسىنى قۇرۇپ چىقتى. 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مائارىپ ساھەسىدىكىلەرگە ھۆرمەت بىلۈرۈش يۈزىسىدىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ بىر مەيدان ناخشا كىچىلىكى تەييارلاپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. 2014-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچى دىۋلوڭ مەدەنىيەت تارقىتىش شېركىتنىڭ مەبلەخ سېلىشى بىلەن «ئىنتىزارمەن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۇتاش تارقاتتى. 2015-يىلى سۈرەتلىك پىلاستىنكىسى «ئەركەك يىغلايدۇ»نى نەشىر قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئالقىشلىق پىلاستىنكىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 2008-يىلىدىن بۇيان، ئۇ يەنە «قەلبىمدە بىر قىز»، «ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن»، «گۈزەل ئەسلىمە»، « كۆزلىرىمنىڭ قارىسى دادام»، «گۈل سەدەپ» قاتارلىق ناخشىلارنى خەلقنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. ئۇ ھازىرغا قەدەر 200دىن ئارتۇق ناخشا ئورۇنلىغان بولۇپ، ئۇ ئېيتقان ناخشىلاردىن «سىغىنىمەن»، «پات يىقىندا بارىمەن ئانا»، «لەيلى»، «ئىنتىزارمەن»،...قاتارلىق ناخشىلار خەلق قەلبىدە ئۇنتۇلماس ناخشىلار بولۇپ قالدى.

ئاخىرىدا بىز بۇ مەرىپەتپەرۋەر كۈيچىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا، سەنئەت ھاياتىنىڭ تىخمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا بۇنىڭدىن كىيىن خەلقىمىزگە تىخىمۇ ئېسىل ئىجادىيەتلەرنى سۇنۇشىغا تىلەكداشمىز !!!


مۆمىنجان خۇش كەلدىڭىز پىروگىراممىسىدا 


مۆمىنجاننىڭ سۈرەتلىك كۈيلىرى










مۆمىنجاننىڭ قېرىنداش سەنئەتكارلىرىغا ئائىت تەرجىمىھالنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈڭ

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۇستازنىڭ تەرجىمىھالى

ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابلەت ئابلىكىمنىڭ تەرجىمىھالى

مەزمۇن تامام، ئېلانغا نەزەر سالغايسىز 

يېڭى ماشىنا سېتۋالماقچى بولسىڭىز، يىڭى ماشىنىڭىزنى ئىجارە بېرىپ ئايلىق% 32  مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىم ياراتماقچى بولسىڭىز، ئېشىنچە پۇلىڭىزنى  مەبلەغ سېلىپ، ھەرئايدا  مۇقىم كىرىم ياراتماقچى بولسىڭىز، ئىككىنچى قول ماشىنا سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولسىڭىز،  كۇنلۈكى 99يۇەندىن باشلانغان ئىجارە ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز،  ئۆي سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولسىڭىز، يۇقىرىقى تۈرلەر ھەققىدە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز ئامراق ماشىنام ۋە رۇجىيا ئۆي مۈلۈكچىلىك شېركىتى خېرىدارلار دېرىكتورى ئەخمەتجان ئىبراھىم  بىلەن ئالاقىلىشىڭ

تېلىفۇن، ئۈندىدار :18999473646

ئەنئەنىۋىيلىكنى نىشان، تۇرپانچە خاسلىقنى ئىمكان، سەمىمىيەتنى مىزان  

قىلغان باشكارىزسالونىنى قوشۇۋېلىڭ

baxkariz-坎儿井民艺平台

 



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存