كۈز پەسلدە 1-3 ياشقىچە بالىلارنى بىقىشتا دىققەت قىلىدىغان 8 ئىش
كۈز كەلدى،بوۋاقلارنى بىقىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ تىزدىن كۆرۈڭ.
كۈز يامغۇرى كىلىش بىلەن ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋاسى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، شۇنداقلا كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى بىرقەدەر چوڭ ،شۇڭا قىلىن كىيىپ،سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك،
بولۇپمۇ 1-3 ياشقىچە بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ،ئۇلارنىڭ تىرىسى ناھايتى يۇمران،سوغۇققا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ، سوغۇقتا بەزى كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرلۈپ قالىدۇ، قەۋزىيەت قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ،
شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قوغداش تەدبىرىنى ياخشى ئىگەللىشى لازىم،
ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋىلىڭ!
1.يىمەك-ئىچمەك ئوزۇقلۇقنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش.
سۈت،پۇرچاق تۈرىدىكى،بىلىق،گۆش قاتارلىق ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنى ،تىرىق ،قاراگۈرۈچ كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى كۆپرەك بىرىش،كۈزدە ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك،
پالەك،تۇرۇپ،سەۋزە،قاتارلىق سىللۇلوزا تەركىبى مول يىمەكلىكلەرنى بىرىش كىرەك، بالىلارغا گۆشلۈك،گۆشسىز،ئاق قارا يىمەكلىكلەرنى ئارلاشتۇرۇپ بەرسە ،كۈزدە ئاسان كىسەل بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،
2.دەل ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كىرەك.
بالىغا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش كىرەك، ئەگەر بالا قايناقسۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەي قالسا،قارىئۆرۈك شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزسە بولىدۇ،بالىلاردا بۇرنى قاناش ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،يەسلىدىكى ۋاقىتتىمۇ،مۇئەللىملەر بالىلارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچكۈزۈشى كىرەك،ئادەتتە بالىلارغا سۇتەركىبى مول بولغان پەسىللىك مىۋىلەرنى مەسلەن:تاۋۇز،ئامۇت،ئاپلىسىن قاتارلىقلارنى يەنە چىلان ئۇمىچى قاتارلىقلارنى بىرىش كىرەك،
3.بالىلارنىڭ تىرىسىنى ئاسراش:
بالىنىڭ يۈزىنى ،بەدىنىنى سۈرىتكەندە يۇمشاق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈڭ،ھەرقىتىم سۈرتۈپ،يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،تەركىبىدە نەملىك ساقلاش تەركىبى بولغان بالىلار تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى بەدىنىگە سۈرتۈپ بىرىڭ،ئانىلار بالىنىڭ كالپۇكىنى نەم لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ بەرسە بولىدۇ،سۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن بوۋاقنىڭ لىۋىگە تىرە ئاسراش مىيى سۈرتۈش كىرەك، بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ لەۋلىرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، بالىنىڭ بۇرۇن بوشلىقى ئىچىدىكى شىللىق پەردە بىر قەدەر ئاسان قۇرۇپ كىتىدۇ، شۇڭا ئانىلار تۇز سۈيىنى پاختا پەلكۈچكە مىلىپ،بالىنىڭ بۇرنىنى نەمدەپ بىرىش كىرەك،
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى خەنزۇچە رەسىملىك ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ!!
4.مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئازيىيىش:
بۇنداق غىدۇقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى بالىغا ئاز يىدۈرۈش كىرەك،بولمىسا ئاسان ئىسسىق تۇتۋالىدۇ، ھەمدە بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ئاسان زىيان يەتكۈزىدۇ،مەسلەن:سامساق،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن،مۇچ،كۈدە قاتارلىقلار سىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ،تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلدۇرۇش كىرەك، چۈنكى تۇز بەدەندىكى سۇنى تارقىىتۋىتىدۇ،شۇڭا ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك ،
زىيادە مايلىق ھەم ئىسسىقتىن بولغان يىمەكلىكلەرنى ئازئىستىمال قىلىش كىرەك،مەسلەن:لىجى مىۋىسى،كاۋىك مىۋىسى،ئاپلىسىن قاتارلىقلارنى ئىمكان قەدەر ئاز يىيىش كىرەك،
5.سوغۇق سۇدا بەدەن چىنىقتۇرۇش:
بالىلارغا ھەركۈنى سۇغۇق ئىچىملىك ئىچكۈزمەسلىك كىرەك، توڭلاتقۇدىن ئالغان ئىچىملىك ،قىتىقلارنى ئىلىپلا ئىستىمال قىلماسلىق،15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلىش كىرەك، كۈز پەسلىدە بالىنى يۇغاندا سوغۇق سۇدا يۇيۇپ،بالىنىڭ سوغۇق سۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كىرەك،مەسلەن ،يۈزىنى ،قولىنى يۇغاندا،بەدىنىنى سۈرىتكەندە، سوغۇق سۇدا بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ،تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي داۋاملاشتۇرۇش كىرەك،ئالدى بىلەن بالىنى سۇ بىلەن بولغان تىمپىراتۇرغا يىقىنلاشتۇرۇش كىرەك،ئاندىن سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى، تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ،بالىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن لۆڭگە بىلەن قۇرۇتۇش كىرەك،3ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى سۇغۇق سۇدا يۇماسلىق كىرەك، بالىنى يۇغان ۋاقىتتا ھەرىكىتى سىلىق ھەم تىز بولىشى كىرەك،
6.ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش:
كۈز كىرىش بىلەن چاقسىمان ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈشنىڭ يۇقىرى مەزگىلى يىتپ كىلىدۇ، بۇ ئادەتتە كۈزلۈك ئىچ سۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ئادەتتە 3ياش ئەتراپىدىكى بالىلاردا كۆپ يۈز بىرىدۇ،ئانىلار بالىنىڭ يىمەك-ئىچمەك تازلىقىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىش كىرەك،بالىغا سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئازبىرىشى،قاچا-قۇچا، ئويۇنچۇقلىرىنى ۋاقتىدا دىزىنفىكسىيە قىلىش كىرەك،
7.ۋاقتىدا ئۇكۇل سالدۇرۇش:
بالىغا كىسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھەم ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا ئەملەش،ئەتىيازد كۆپ يۈزبىرىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش،ئادەتتە ئۇكۇل ئۇرغۇز غاندا بالىنىڭ بەدىنىدە بىر ئاي ئىچىدە كىسەلگە قارشى تۇتۇش ئقتىدارى يىتىلىدۇ،
8.ئۆي ئىچى تازلىقىغا دىققەت قىلىش:
ياتاق ئۆينى پاكىز تۇتۇش،ھاۋاسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،بوۋاقنىڭ سەھىيە ئىمىتىش ئەسۋاپلىرىنىڭ تازلىقىغا،كىيىم-كىچەك،يوتقان كۆرپە تازلىقىغا،ئەھمىيەت بىرىش ،پات-پات يۇيۇپ،ئاپتاپقا سىلىپ تۇرۇش.
قىسقىسى ،بالىلاردا ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ يۈزبىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك،شۇڭا ئانىلار دىققەت قىلىڭلار!
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىڭىزنىڭ كاسسسى تولاقىزىرىپ قىلىپ كۈڭلۈڭىزنى يىرىم قىلۋاتامدۇ؟
بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋالى بوۋاقلارسالونى
دادىسى باقىدىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بۇلىدۇ
تۆتكېزەك بالسى بارئەر-ئايالنڭ ئالدىراشلىق ئىچدە ئۆتدىغان تۇرمۇشى
更
多
精
彩
ئوڭ تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى
ئۈندىدار سالونى
: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى
0991-2863969
0991-2886219
بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر
! مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ